جاھان ئاگېنتلىقى 20-ئاپرېل خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: ھىندىستان پايتەختى يېڭى دېھلىدا مىڭلىغان كىشىلەر ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيەنىڭ پارلامېنتقا سۇنغان يېڭى زېمىن قانۇن لايىھەسىگە قارشىلىق بىلدۈردى. ئۆكتىچىلەر رەھبىرى راھۇل گەندى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان قارشىلىق نامايىشىغا باشقا بىر قانچە رايۇنلاردىنمۇ نۇرغۇن كىشىلەر قاتناشقان بولۇپ نامايىشچىلارنىڭ سانى 100 مىڭغا يەتتى. نامايىشچىلار ئاق كىيىم كىيىپ، ئۆكتىچى پارتىيەنىڭ بايرىقىنى كۆتۈرۈپ ھۆكۈمەتكە قارشى نارازىلىق بىلدۈردى.
ھىندىستان باش مىنىستىرى نارىندرا مودى، بۇ قانۇن لايىھەسىنىڭ بىر قىسىم يەر-زېمىنلارنىڭ زاۋۇت-فابرىكىلار، سانائەت رايۇنلىرى ۋە باشقا تەرەققىيات پىلانلىرى ئۈچۈن سېتىلىشى ۋە ئىشلىتىلىشىنى قولايلاشتۇرۇش ئۈچۈن تەييارلانغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۆكتىچىلەر بولسا قانۇن لايىھەسىنىڭ مىليونىر شىركەتلەرنىڭ يېزا-ئىگىلىك مەيدانلىرىغا ئىگە بولۇشىغا شارائىت ياراتقانلىقىنى ۋە يوقسۇل دېھقانلارنى تېخىمۇ نامراتلاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مودى رەھبەرلىكىدىكى Bharatiya Janata پارتىيىسى بايانات ئېلان قىلىپ، ئۆكتىچىلەرنى دېھقانلارنى ئۆز مەنپەئەتلىرى ئۈچۈن ئىشلىتىۋاتىدۇ دەپ ئەيىبلىدى.
مودى؛ «بىزنىڭ ھۆكۈمىتىمىز يوقسۇللار ئۈچۈن قۇرۇلغان ھۆكۈمەتتۇر. بىز ئۆزىمىزنى يوقسۇللارنىڭ خىزمىتىنى قىلىشقا ئاتىدۇق. بىراق بىز ئېيتقان ھەر بىر گەپ ئۆكتىچىلەر تەرىپىدىن رەددىيەگە ئۇچراۋاتىدۇ» دېدى.
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قوشۇۋېلىڭ! ئىزدەش نامى: LEGLEK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved