خۇنەن لېيياڭ شەھىرىدىكى بىر ئائىلىدە موماي بىلەن نەۋرىسى ئۆلۈپ قالغان. مۇخبىر 6-چېسىلا لېيياڭ شەھىرىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلاردىن ئىگىلىشىچە، تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئۆلگۈچى لو XX 57 ياش، جياڭ XX ئەمدىلا 1 ياش 10 ئايلىق بولغان بولۇپ، لو XX نىڭ نەۋرە قىزى ئىكەن. لو XX تۇيۇقسىز كېسىلى قوزغىلىپ ئۆلگەن دەپ گۇمان قىلىنغان، جياڭ XX بولسا ئاچىلىقتىن توڭلاپ ئۆلۈپ قالغان. لېيياڭ شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئۇقتۇرۇشىغا ئاساسەن، 4- چېسىلا چۈشتىن بۇرۇن، لېيياڭ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى 110 قوماندانلىق مەركىزى بىر ئائىلە قورۇدا ياشانغان كىشىنىڭ ئۆلۈپ قالغانلىقى توغرىسىدىكى دېلو مەلۇم قىلىش تېلىفونىنى تاپشۇرىۋالغان. خەلق ساقچىلىرى نەق مەيدانغا يېتىپ بارغاندىن كېيىن، بىر ياشانغان ئايالنىڭ ئۆينىڭ بالكونىدا يىقىلىپ ئۆلۈپ قالغانلىقىنى بايقىغان، ئارقىدىنلا تازىلىق ئۆيىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا بىر كىچىك قىز بالىنىڭمۇ ئۆلۈپ قالغانلىقىنى بايقىغان. قانۇن دوختۇرى، جىنايى ئىشلار ساقچىسى ھەمدە تەۋەلىك رايون ساقچىخانىسىدىكى خەلق ساقچىلىرى جەسەت سىرتىنى تەكشۈرۈش، نەق مەيداننى كۆزىتىش ۋە تەكشۈرۈش ئارقىلىق، دەسلەپكى قەدەمدە جىنايى ئىشلار دېلوسى بولۇش ئېھتىماللىقىنى ساقىت قىلغان.
ئىگىلىنىشىچە، قىزچاقنىڭ ئاتا-ئانىسى باشقا يۇرتتا ئىشلەيدىغان بولۇپ، لو XX يېزىدىن ناھىيە بازىرىغا نەۋرە قىزىغا قاراش ئۈچۈن كەلگەن، ئۆيدە ئادەتتە نەۋرىسى ئىككىسىلا تۇرىدىكەن، نۆۋەتتە ئائىلە تەۋەلىرى ئاخىرەت ئىشلىرىنى بىرتەرەپ قىلماقتا ئىكەن.
![]() |
ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 3-فېۋرالدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يېقىندا، ئەنگىلىيەلىك بىر جۈپ ئاشىق-مەشۇق بالىلار ئۈچۈن ھەقىقىي شاھزادە بىلەن مەلىكە رولىنى ئېلىپ، تويغا كېرەكلىك ...
|
![]() |
2-ئاينىڭ 5-كۈنى، سەنشى ئۆلكىسى شىئەن شەھىرى شۇيۇەنمېن، بىلىكى يوق خەتتات-جىيا ۋېيجۈن موي قەلەمنى ئۈزۈلۈپ كەتكەن بىلىكىگە باغلىۋىلىپ <مايمۇن يىلى قۇتلۇق بولسۇن!>، <يېڭى باھار كۆڭۈلدىكىدەك بولسۇن...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved