فىرانسىيە زۇڭلىسى ۋاللىس تۈنۈگۈن مۇنداق دېدى: ھازىر يېتەرلىك ماتېرىياللار گېرمانىيەنىڭ چۈشۈپ كەتكەن يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ ياردەمچى ئۇچقۇچىسىنىڭ غەرەزلىك قىلمىشىنىڭ ئايروپىلاننى چۈشۈرۈۋەتكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. گېرمانىيە ئەدلىيە ئورگانلىرى ۋە خەنسا ئاۋىياتسىيە شىركىتى ئاممىنى ياردەمچى ئۇچقۇچى رۇبىسقا ئالاقىدار ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەيدۇ.
فىرانسىيە ژاندارمىسىنىڭ باياناتچىسى تۈنۈگۈن مۇنداق دېدى: چۈشۈپ كەتكەن ئايروپىلاننىڭ 400دىن 600گىچە قالدۇقى تېپىلدى، بىرمۇ مۇكەممەل جەسەت تېپىلمىدى.
گېرمانىيەنىڭ بۇ يولۇچىلار ئايروپىلانىدىكى 144 يولۇچى ۋە 6 ئايروپىلان خادىمىنىڭ ھەممىسى قازا قىلدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved