گېرمانىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى، ئىسلامئاباد، 10-يانۋار تېلېگراممىسى: پاكىستان زۇڭلىسى ناۋار شېرىف 10-يانۋار سەئۇدى ئەرەبىستانى بىلەن ئىتتىپاقلىشىشقا ۋەدە بەردى، لېكىن سەئۇدى ئەرەبىستانى باشچىلىقىدىكى تېررورىزمغا زەربە بېرىش ئىتتىپاقىغا قاتنىشىدىغانلىقىنى تىلغا ئالمىدى.
زۇڭلى شېرىف سەئۇدى ئەرەبىستانى دۆلەت مۇداپىئە ۋەزىرى مۇھەممەد بىن سالمان بىلەن سۆھبەتلەشكەندە مۇنداق دېدى:«پاكىستان خەلقى ھەر ۋاقىت سەئۇدى ئەرەبىستان خەلقى بىلەن بىللە تۇرۇپ، سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە سېلىنغان ھەر قانداق تەھدىتكە قارشى تۇرىدۇ».
ئىگىلىنىشىچە، سەئۇدى ئەرەبىستانى پادىشاھى سالمان بۇلتۇر دېكابىردا بىرلەشمە ئىتتىپاق تۈزۈش تەكلىپىنى بەرگەن. لېكىن بۇ رايوندىكى مۇھىم رەقىبى ئىراننى بۇ ئىتتىپاقنىڭ سىرتىدا قالدۇرغان.
مۇھەممەد بىن سالمان يەنە پاكىستان قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنىڭ شتاب باشلىقى راشىل شېرىف بىلەنمۇ سۆھبەتلەشكەن. پاكىستان ئارمىيە دائىرىلىرى ئېلان قىلغان باياناتقا قارىغاندا، راشىل شېرىف مۇھەممەد بىن سالمانغا:«پاكىستان سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىگە سېلىنغان ھەر قانداق تەھدىتكە قارشى تۇرىدۇ» دېگەن.
شياڭگاڭدىكى «ئاسىيا ۋاقتى گېزىتى» تورىنىڭ 9-يانۋاردىكى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستانى پاكىستاننى كەلگۈسىدىكى ئىتتىپاقدىشى قىلىشقا كۈچەۋاتىدۇ، بۇنىڭغا ئامېرىكا بىلەن ئىراننىڭ ئۇچرىشىشىنىڭ ئۈزلۈكسىز كۆپىيىشى سەۋەب بولغان. كونا ئىتتىپاقدىشىنىڭ قەدەم تەشرىپ قىلىشى پاكىستاننى قاتتىق جەلپ قىلغان.
سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مۇئاۋىن ۋەلىئەھدىسى، قوشۇمچە دۆلەت مۇداپىئە ۋەزىرى مۇھەممەد بىن سالمان 10-يانۋار ئىسلامئابادتا زىيارەتتە بولۇپ، پاكىستاننىڭ 34 ئەزا دۆلەتتىن تەشكىللەنگەن «تېررورلۇققا قارشى ئىتتىپاق» نىڭ بىر ئەزاسى بولۇپ قانداق رول ئوينىماقچى بولغانلىقىنى تىڭشاپ باقماقچى بولغان.
شۇنىڭ بىلەن بىللە، پاكىستان يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىران بىلەنمۇ مۇناسىۋىتىنى چىڭىتىۋاتىدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved