دۇنيا خەۋەرلىرى تورى 25-ماي خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: كامىرونلۇق گىئوپولىتىكا مۇتەخەسسىسى سامىل نگۇمبوك، بۇرۇندى پرېزىدېنتى نكۇرۇنزىزانىڭ 3 -قېتىم پرېزىدېنت نامزاتى بولىدىغانلىقىنى ئاشكارلىشىدىن كېيىن بۇرۇندىنىڭ كەلگۈسىنى بىخەتەرلىك تەشكىلاتى بەلگىلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. پارىژدىكى خەلقئارا ۋە ئىستىراتىگىيەلىك مۇناسىۋەتلەر ئىنىستىتۇتىدىن تەتقىقاتچى سامىل نگۇمبوك مۇخبىرلارغا قىسقا سۆز قىلىپ، بۇرۇندى پرېزىدېنتى پرېى نكۇرۇنزىزا 25-ئاپرېلدا 3-قېتىم پرېزىدېنت نامزاتى بولىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىدىغاندىن بۇيان ، نكۇرۇنزىزاغا قارشى ئۆكتىچىلەر نامايىش قىلدى ۋە ھەربي ئۆزگرىش ئۇرۇنىشى بولۇپ مەغلۇب بولدى. بۇ دۆلەتتە نامايىشلار داۋاملاشقان ئەھۋالدا دۆلەت مۇداپىئە ۋە بىخەتەرلىك قىسىملىرى ئارىىسدا بۆلۈنۈش كېلىپ چىقىدۇ، بۇ ئەھۋالدا نكۇرۇنزىزا «كۈرەش قىلىش ياكى چېكىنىش» ئارىسىدا تاللاش ئېلىپ بېرىشقا مەجبۇر بولىدۇ. دېدى.
ئافرىقا سىياسىتى مۇتەخەسسىسى نگۇمبوك، نكۇرۇنزىزانىڭ يۇمشاق ھالەتكە كەلگەن بولسىمۇ دۆلەتتىكى كىرزىسنىڭ تىنجىمىغانلىقىنى تەكىتلەپ، 1993-2006-يىللىرىدىكى خۇتۇ ۋە تۇتسى ئارىسىدىكى 300 مىڭ كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولغان ئۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىغا ئىشارەت قىلدى.
نگۇمبوك، ئەسكەرلەر ۋە بىخەتەرلىك قىسىملىرىنىڭ نكۇرۇنزىزاغا سادىق بولغان ئەھۋالدا پرېزىدېنتنىڭ بخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىدىغانلىقى، نەتىجىنىڭ نامايىشچىلار، ئۆكتىچىلەر ۋە پۇقراۋى ئورگانلارغا قاتتىق مۇداخىلە قىلىش بىلەن ئاخىرلىشىشىدىن ئاگاھلاندۇردى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved