مالايسىيا زوڭتۇڭى: MH370 نىڭ يوقاپ كېتىش سەۋەبىنى مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسىدىن سوراش كېرەك

  مالايسىيا سابىق زوڭتۇڭى ماھادىر 10 – چېسلا بىلوگىدا يازما ئېلان قىلىپ، بەزىلەرنىڭ MH370 يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ يوقاپ كېتىش ھەقىقىي سەۋەبىنى يۇشۇرغانلىقى،مالايسىيا ئاۋئاتسىيسىسى ۋە ھۆكېمىتىنى ئەيىبلەۋەرمەي، ھەقىقىي ئەھۋالنى بويىن شىركېتى ۋە ئامېرىكا مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسىدىن سۈرۈشتۈرىشى كېرەك ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان.

يازمىدا يەنە"MH370 نىڭ خەۋەرلىشىش ئۈسكۈنىلىرى ۋە GPS ئورۇن بەلگىلەش سىستېمىسى چوقۇم تاقىۋىتىلگەن. MH370 نىڭ مەسئۇل شىركېتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇ ئۈسكۈنىلەرنى پۈتۈنلەي بويىن شىركېتى ياسىغان ۋە ئورۇنلاشتۇرغان، شۇڭا بويىن شىركېتى چوقۇم بۇ ئۈسكۈنىلەرنى ئاسانلىقچە تاقىۋىتىشكە بولمايدىغانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك ئىدى، چۈنكى بۇلار ئايروپىلاننىڭ بىخەتەر ۋە نورمال ھەرىكەتلىنىشى ئۈچۈن تولىمۇ مۇھىم " دەپ كۆرسىتىلگەن.
  يازمىدا" بويىن شىركېتى 2006 – يىلى ياساپ چىققان ئاپتوماتىك باشقۇرۇش سىستېمىسى ئامېرىكا پاتنىت ھوقۇقىغا ئېرىشكەن بولۇپ، بۇ سىستېما قوزغىتىلغان ھامان ئايروپىلان پۈتۈنلەي سىستېما كونتىروللۇقىغا ئۆتىدۇ، بۇ سىستېما يەنە بويىن شىركېتىگە قاراشلىق ئاۋئاتسىيە ئايروپىلانلىرىنى ئالدىن بەلگىلەنگەن خالىغان نوقتىغا مەجبۇرىي قوندۇرالايدۇ" دىيىلگەن.


   ماھادىر مەلۇم توربەتتىكى 2006 – يىلى يوللانغان بىر پارچە خەۋەرنى نەقىل قىلىپ" ناۋادا تىرورچىلار ئايروپىلاننى كونترول قىلماقچى بولسا، ئايروپىلان ئۆزلۈگىدىن ئاپتوماتىك باشقۇرۇش سىستېمىسى نى قوزغىتىدۇ. بىراق ئامېرىكا مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسىمۇ بۇ سىستېمىنى سۈننىي ھەمراھ ئارقىلىق يىراقتىن كونترول قىلىپ قوزغىتالايدۇ" دېگەن.

ماھادىر يەنە "ئېنىقكى، بويىن شىركېتى ۋە مەلۇم ئورگانلارنىڭ MH370 نى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاۋئاتسىيە ئايروپىلانلىرىنى يىراقتىن باشقۇرۇش ئىقتىدارى بار. ئۇنداقتا، مەلۇم كىشى ياكى ئورۇننىڭ ئايروپىلان كونتىروللۇقىنى ۋاستىلىك ياكى بىۋاستە ئۇسسۇلدا قولغا چۈشۈرۈپ، ئايروپىلان خادىمىنى پۈتۈنلەي ئامالسىز قالدۇرغان بولىشى مومكىنمۇ – يوق؟" دەپ سورىغان.


  ئۇنىڭ قارىشىچە: ئايروپىلان قالدۇق قىسمىنى، ماي ئىزىنى ياكى قارا قۇتىنى ئىزدەشلەر پۈتۈنلەي ۋاقىت ۋە پۇل ئىسىراپچىلىقى ئىكەن، بۇ قېتىمقى ھادىسىنىڭ ئايروپىلان يىقىلغۇسى تۈگىگەندىن كېيىنكى ئامالسىز قونۇشتىن كېلىپ چىقمىغانلىقى، MH370 نۆۋەتتە مەلۇم جايدا يۇشۇرۇلغان ۋە ئايروپىلاندىكى مالايسىيا ئاۋئاتسىيە بەلگىلىرىنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىلگەن بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.


ماھادىر "بويىن شىركېتى چوقۇم بۇ ئاتالمىش تىرورچىلىققا قارشىئاپتوماتىك باشقۇرۇش سىستېمىسى ھەققىدە ئېنىق چۈشەنچە بېرىشى كېرەك. ئايروپىلان خادىمىنىڭ باشقا تەدبىر قوللىنالايدىغان ئەھۋالدا، قاراپ تۇرۇپ ئۆزىنى ئايروپىلان بىلەن بىللە دېڭىزغا ئېتىش مېنى قاتتىق گۇمانلاندۇرىدۇ" دەيدۇ.



خەتكۈچلەر:
20-05-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
30-05-2016
شىنخۇا تورى 23- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: 2015- يىلى سەئۇدى ئەرەبسىتان ئاسىيا قىتئەسىدىكى دۆلەتلە...
30-05-2016
     شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 28-كۈنى، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى كىشىلەر كوچىلارغا چىقىپ، <ئاتلانتىك ئوكيان ھالقىغان سودا ۋە مەبلەغ سېلىش شېرىكلىك مۇناسىۋەت كېلىشىمى> (TTIP) شۇنداقلا ھۆكۈمەتنىڭ مالىي...
28-05-2016
    شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ياپونىيە خىروشىما تىنچلىق باغچىسىغا يېتىپ بېرىپ، تىنچلىق باغچىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
28-05-2016
    رۇسىيە NTV تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەنگلىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە، كانادا، ئامېرىكا، فرانسىيە ۋە ياپونىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يەتتە دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ باشلىقلىرى پەقەت رۇسىيە مىنسكى كېلىشىمىنى تولۇق ئىجرا قى...
28-05-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولدى.
28-05-2016
      شۇ يەر ۋاقتى 27-ماي، ئامېرىكا كالفورنىيە شىتاتى سانتىياگو، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتى ترامپ سانتىياگودا سايلام يىغىلىشى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، شۇ جايدىكى خەلق ئاممىسى قولىدا تاختىلارنى كۆت...
28-05-2016
شىنخۇا تورى 28- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     چاۋشيەن مەركىزى ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، چاۋشيەن خەلق ئارمىيەسىنىڭ ئەڭ ئالىي قوماندانى مۇنداق دېگەن: شۇ كۈنى كورىيە ئارمىيەسى چاۋشيەننى...
28-05-2016
يەر شارى تورى 28- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ۋېيتنام تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ۋېيتنام ھۆكۈمىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى 22 دۆلەت ۋە رايوندا تۇرۇشلۇق 80 دىن ئارتۇق ۋېيتناملىقىنى نەنشا تاقىم ئارى...
28-05-2016
ۋاڭيى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنىتلىقىنىڭ 27-ماي ئېيتىشىچە، جەنۇبىي ئوسېتىيەنىڭ رەھبىرى تىبىلوۋ ۋە پارلامېنىت رەئىسى بىبىلوۋ 26-ماي جەنۇبىي ئوسېتىيە 2017-يىلى رۇسىيەگە قوشۇلۇشقا ئوم...
27-05-2016
     5-ئاينىڭ 26-كۈنى، گىرېتسىيە بىلەن ماكېدونىيەنىڭ چېگرىسىدىكى كىچىك كەنت ئىدومېنى. مۇساپىرلار بۇ يەردىن ئايرىلىش ئۈچۈن ئاپتوبۇسنىڭ كېلىشىنى كۈتمەكتە. 24-مايدىن باشلاپ، گىرېتسىيە ساقچى تەرەپ، رەسمىي ھالدا گىرېتسىيە-...
Powered by Leglek