پۇلنى خاتا ئەۋەتىپ قالغان ۋاقتىمىزدا قانداق قىلىمىز ؟
پۇلنى خاتا ئەۋەتىپ ياكى ئالدىنىپ پۇل ئەۋەتىپ قالغان ۋاقتىمىزدا ئەڭ تېز ئەڭ ئۈنۈملۈك بولغان ئۆزىمىزنى قۇتقۇزۇش ئۇسۇلى :
1.سىز پۇل ئەۋەتكەن بانكىنىڭ خېرىدارلار مۇلازىمەت تېلىفۇنىغا تېلفۇن قىلىسىز .
2.تېلىفۇن ئۇلانغاندىن كېيىن ،ئاۋازلىق كۆرسەتمە بويىچە مۇناسىۋەتلىك رەقەملەرنى بېسىپ تەكشۈرۈش سېستىمىسىغا كىرىسىز.
3.كۆرسەتمە بويىچە قارىشى تەرەپنىڭ بانكا كارتا نومۇرىنى يەنى سىز خاتا ئەۋەتىپ قويغان ھېسابات نومۇرىنى كىرگۈزىسىىز.
4.سېستىما سىزنى مەخپىي نومۇرنى كىرگۈزۈڭ دەپ كۆرسەتمە قىلىدۇ .دەل مۇشۇ باسقۇچ ئىنتايىن مۇھىم ، سىز خالىغان ئالتە خانلىق نومۇرنى كىرگۈزۈپ (يەنى خاتا بولغان مەخپى نومۇرنى ) مۇقىملاشتۇرىسىز. سېستىما مەخپىي نومۇر خاتا ،قايتا كىرگۈزۈڭ دېگەن كۆرسەتمىنى بېرىدۇ .سىز يەنە بايىقى نومۇرنى كىرگۈزۈڭ ، سېستىما يەنە مەخپىي نومۇر خاتا بولۇپ قالدى ،قايتا كىرگۈزۈڭ دەيدۇ. سىز يەنە ئالدىنقى ئىككى قېتىمغا ئوخشاش مەشغۇلات قىلىڭ . سىز ئۇلاپ مەخپىي نومۇرنى ئۈچ قېتىم خاتا كىرگۈزگەندىن كېيىن ،سېستىما ئاپتوماتىك قارشى تەرەپنىڭ ھېساباتىنى قۇلۇپلاپ قويىدۇ. قارىشى تەرەپ ۋاقتىنچە سىزنىڭ خاتا ئەۋەتىپ قويغان پۇلىڭىزنى چىقىرىۋالالمايدۇ.
5.بۇ ۋاقىتتا سىز دەرھال ساقچىغا مەلۇم قىلىسىز ۋە بانكىغا بېرىپ ياردەم تەلەپ قىلسىڭىز بولىدۇ.
6.ئەگەر سزنىڭ بانكا كارتىڭىز ئېھتىياتسىزلىقتىن يۈتۈپ كەتسە .باشقىلارنىڭ كارتىدىكى پۇلنى ئوغۇرلاپ كېتشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن مۇشۇ ئامالنى ئىشلەتسىڭىزمۇ بولىدۇ.
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قوشىۋېلىڭ ـــــــــــــــــــ ئىزدەش نامى LEGLEK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved