پەلەستىن بىخەتەرلىك قىسمى تۆنۈگۈن ئىسرالىيە ئارمىيىسىنىڭ ھەرىكىتىدە ھازىرغىچە 600 دىن ئارتۇق پەلەستىنلىكنىڭ قازا قىلغانلىقى، 3600 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئىسپاتلىدى.
پەلەستىن بىخەتەرلىك تارمىقىنىڭ بىر باياناتچىسى مۇنداق دېدى: ئىسرالىيە ئارمىيىسى شۇ كۈنى غەززا رايونىدىكى بىر قانچە نىشانغا ھاۋادىن ۋە يەر يۈزىدىن زەربە بەردى، غەززادا قازا قىلغانلار بۇنىڭغا ئەگىشىپ كۆپەيدى. داۋالىغۇچى خادىملار ۋە ئامما ئىسرالىيە ئارمىيىسى گۇمران قىلغان ئۆيلەرنىڭ كېسەك پارچىلىرىدىن ھايات قانغانلار ۋە قازا قىلغانلارنىڭ جەسەتلىرىنى ئىزدىمەكتە، قازا قىلغانلار ۋە يارىلانغانلارنىڭ سانى يەنى كۆپىيىشى مۈمكىن.
پەلەستىن ھۆكۈمەت ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، پەلەستىن زۇڭتۇڭى ئابباس شۇكۈنى ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كېررى بىلەن تېلىفونلىشىپ، غەززادا ئۇرۇش توختىتىش مۈمكىنچىلىكىنى مەسلىھەتلەشكەن.
ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان پەلەستىننىڭ بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى نۆۋەتتە غەززانىڭ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى يەنىلا پىششىپ يېتىلمىدى، ئەمما ئالاقىدار تەرەپلەر پائال تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە، دېدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved