ئوغرى كامېرانى بايقىغاندىن كېيىن يەنە يۈزىنى ئوراپ داۋاملىق ئوغرىلىق قىلدى

         2016-يىلى 1-ئاينىڭ 9-كۈنى سەھەر سائەت بىردىن 40 مىنۇت ئۆتكەندىن تارتىپ سەھەر سائەت ئۈچتىن 15 مىنۇت ئۆتكىچە بولغان ئارلىقتا، ۋۇخەن شەھىرى خۇڭشەن رايونى گۇەنشەن چوڭ يولىدىكى جۇڭجىيەن كاڭچېڭ ئولتۇراق رايونى 9-بىنادا نۇرغۇن ئۆيلەرگە ئوغرى كىرگەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە، مەزكۇر ئولتۇراق رايوندىكى 9-بىنادا ئولتۇرىدىغان ئىككى ئائىلىلىكنىڭ ئۆيىدىن 5000 يۈەندىن ئارتۇق نەقپۇل ئوغرىلاپ كېتىلگەن.

    مۇخبىرنىڭ ساقچى تەرەپ دېلو يۈز بەرگەن ئۆيدىكى كىشىلەرنىڭ ئۆيىگە ئورنىتىلغان ئائىلە كۆزىتىش كامىراسىدىكى خاتىرىدىن ئالغان ۋېدىئوسىدىن كۆرۈشىچە، بېشىغا يىپتىن توقۇلغان پوسما كىيىۋالغان بىر ياش ئەر سەھەر سائەت ئىككىدىن 10 مىنۇتلار ئۆتكەندە كامىرادا كۆرۈنگەن بولۇپ، بۇ ئەر ئۈستىگە مايكا كىيىپ، قولىغا ئاق رەڭلىك پەلەي كىيىپ ئېلىكتىر چىراغ كۆتۈرۈۋالغانىدى، بۇ ئەرنىڭ كىيىنىشلىرى ناھايىتى ‹كەسپىي› بولۇپ، ھەركەتلىرىمۇ ناھايىتى ئېھتىياتچان ئىدى.

     ئۆيگە ئوغرىلىققا چۈشكەن بۇ ئوغرى ئوغرىلىق قىلىش جەريانىدا بۇ ئۆيگە ئورنىتىلغان كىچىك تىپتىكى كامىرانى بايقاپ قالغان.

     ئىگەللىنىلىشىچە، بۇ ئوغرى ئۆيگە ئورنىتىلغان كامىرانى يېڭى بايقىغان چاغدا قاتتىق ھودۇقۇپ كەتكەن بولۇپ، دەرھال شارپىسى ئارقىلىق يۈزىنى ئېتىۋالغان، لېكىن بۇ ئوغرى بۇ ئۆي ئىچىدە يەنە داۋاملىق بىر سائەتتەك تۇرغان بولۇپ تاكى سەھەر سائەت ئۈچتىن 10 مىنۇت ئۆتكەن چاغدىلا ئاندىن بۇ ئۆيدىن چىقىپ كەتكەن.

    ئۆيىدىكى مال-مۈلكى ئوغرىلانغان ئۆي ئىگىسىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ ئوغرى پەقەت ئۆي ئىچىدىكى نەقپۇل سېلىنغان پورتماللارغىلا قىزىققان بولۇپ، ئۆيدىكى ئېلىكتىر ئۈسكۈنىلىرى ۋە يانفون قاتارلىق قىممەت پۇللۇق نەرسىلەرگە قول تەگكۈزمىگەن.

    ئۈستۈنكى قەۋەتتە ئولتۇرىدىغان، ئۆيىدىكى مال-مۈلكى ئوغرىلانغان ئۆي ئىگىسىنىڭ مۇخبىرغا ئېيتىپ بېرىشىچە، ئۇلار سەھەر سائەت بىردىن 40 مىنۇتلار ئۆتكەندە غەلىتە شەپىنى سېزىپ قالغان بولسىمۇ لېكىن ئورنىدىن تۇرۇپ تەكشۈرمىگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۆيىدىكى 5000 يۈەندىن ئارتۇق نەقپۇل ئوغرىلاپ كېتىلگەن، لېكىن مېھمانخانا ئۆيدىكى كومپىيوتېر قاتارلىق نەرسىلەر ئوغرىلانمىغان ئىكەن.



خەتكۈچلەر:
11-01-2016
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
ۋىكتورىيە بېكھام، 1974-يىلى 4-ئاينىڭ 17-كۈنى Hetfield دا تۇغۇلغان، ئەنگىلىيە ناخشا چولپىنى، مودا كىيىم لايىھىلىگۈچى. دۆلەت تەۋەلىكى: ئەنگىلىيە قان تىپى: O تىپلىق قان بوي ئېگىزلىكى: 163 سانتېمېتر ئېغىرلىقى: 43 كىلو...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     شۇ جاي ۋاقتى 6- ئاينىڭ 9- كۈنى ئەلىنىڭ قېرىنداشلىرى ئۇنىڭ تاۋۇتىنى كۆتۈرۈپ دەپنە مۇراسىمى نەق مەيدانىغا ئېلىپ كەلدى. شۇ كۈنى ئامېرىكىلىق بوكىس شاھى...
28-05-2016
سوخۇ تەنتەربىيەسى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:    ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، NBA دىكى لوس ئانجىلىس كۆل ئادىمى كوماندىسىدا 20 يىل توپ ئوينىغان گىگانت چولپان كوبى بىرايىنت گەرچە كەسپى ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرغىن...
27-05-2016
   يېقىندا، مەشھۇر سەنئەتكار مايكول جېكسوننىڭ ئاز ئۇچرايدىغان ئائىلە سۈرەتلىرى ئاشكارىلاندى، سۈرەتلەردە ئۇنىڭ ئايالى ۋە بالىلىرى بىلەن خۇشال-خۇرام ئويناۋاتقانلىقى ئەكس ئەتكەن. مايكول جېكسوننىڭ ئاز ئۇچرايدىغان ئائىل...
27-05-2016
    تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 5-ئاينىڭ 25-كۈنى ئالى يۈن رەسمىي ھالدا يېڭى تىزىملاتقان كارخانا ئابۇنىتلىرىغا com. ياكى xin. نامىدا ھەقسىز دائىرىلىك تور نامى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. بۇ دۆلەت ئىچىدىكى تۇنج...
27-05-2016
    شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى، ھىندىستان يېڭى دېھلى. 74 ياشلىق Guinness Rishi كۆپ تۈرلۈك دۇنيا رېكورتىنى ساقلىغۇچى بولۇپ، بەدىنىگە ئەڭ كۆپ بايراقنى چەكمە قىلىپ چېكىش رېكورتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
27-05-2016
يېقىندا جوۋچى ھەممە جايدا قارشى ئېلىنىشقا باشلىدى. بۇ قېتىم ئامېرىكا چىكاكودا ئومۇمىي مەشىقىگە قاتناشقاندىن كېيىن، ئالدى-كەينى بولۇپ كىلىتلار كوماندىسى، كۈلرەڭ ئېيىق كوماندىسى، قۇياش كوماندىسى ۋە كاتىر كوماندىسىدا سىناق مەشىققە قاتناشتى،...
26-05-2016
     شىرئەلىجاننىڭ گۈزەل ئايالى مۇنىرە ئىلگىرى مەركىزى تىياتىر ئىنىستىتۇتى 2011-يىللىق ئاكتىيورلۇق فاكۇلىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئىدى، بۇلتۇر يازدا ئەمدىلا ئوقۇشنى پۈتتۈرگەن مۇنىرە شىرئەلىجان بىلەن داغدۇغىلىق توي قىلدى. ...
26-05-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 24-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، نەچچە كۈن بۇرۇن ھوللىۋود چولپىنى، ئوسكار مۇكاپاتى ساھىبى لىئوناردو (Leonardo DiCaprio) ئامېرىكا كالىفورنىيە شىتاتى Palm شەھرىد...
26-05-2016
    5-ئاينىڭ 25-كۈنى سەھەر سائەت بىردە، داڭلىق ئايال يازغۇچى، ئەدەبىي تەرجىمان، چەتئەل ئەدەبىياتى تەتقىقاتچىسى، چىيەن جوڭشۇ ئەپەندىنىڭ خانىمى ياڭ جياڭ بېيجىڭ شيېخى دوختۇرخانىسىدا ئالەمدىن ئۆتتى.     يا...
Powered by Leglek