سۈرەت مەزمۇن بىلەن مۇناسىۋەتسىز
1. 100 قېتىملىق ئويلاش1 قېتىملىق ھەرىكەتكە يەتمەيدۇ. ئەگەر سىزنىڭ بىر ئارزۇيىڭىز بولسا ياكى بىر ئىشنى قىلىشقا قارار بەرگەن بولسىڭىز، ئۇنداقتا دەرھال ھەرىكەتكە كېلىڭ. ئەگەر سىز پەقەتلا ئويلاپ ئەمەلىي بىر ئىش قىلمىسىڭىز ھېچقانداق نەتىجىگە ئېرىشەلمەيسىز. بىلىشىڭىز كېرەككى،100 قېتىم ئويلىغىنىڭىز بىر قېتىم ھەرىكەت قىلغىنىڭىزغا يەتمەيدۇ.--- جېك ۋېلىچ
2. ئىنچىكە نۇقتىلار غەلىبە قىلىش ياكى مەغلۇپ بولۇشىڭىزنى بەلگىلەيدۇ. كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا بىپەرۋالىق بىلەن ئىش قىلىدىغان ياشلارنىڭ ھېچقانداق نەتىجىلەرگە ئېرىشەلمەيدىغانلىقىنى كۆرۈپ تۇرىمىز. ياشلار ئەستايىدىللىق ۋە ئىنچىكىلىك بىلەن ئىش قىلىدىغان ئادەتنى يېتىلدۈرۈش كېرەك، چۈنكى ئىنچىكە نۇقتىلاردا پۇرسەت يوشۇرۇنۇپ ياتىدۇ، ئىنچىكە نۇقتىلار غەلىبە ياكى مەغلۇبىيەتنى بەلگىلەيدۇ.---ۋوررېن باففېت
3. مۇۋەپپىقىيەتتىن قورقماڭ ياكى قاچماڭ. ياشلاردا تولۇپ-تاشقان قىزغىنلىق بولسىمۇ، لېكىن كۆپ قىسىم ئادەملەر مۇۋەپپىقىيەتنىڭ ئالدىدا پۇت-قوللىرى سوغۇق تەرلەيدۇ. باتۇر، جەسۇر بولۇڭ، مۇۋەپپىقىيەتتىن قورقماڭ.---يۈەن يى پىڭ
4.مەغلۇبىيەتتىن تەجرىبە-ساۋاق ئېلىشنى ئۆگىنىۋېلىڭ. ئەگەر سىز ھېچ ئىشنى باشقا ئېلىپ چىقالمىغان بولسىڭىز بۇ سىزنىڭ ئاتا-ئانىڭىزنىڭ سەۋەنلىكى ئەمەس. ئۆز ئۈستىڭىزگە ئېلىشقا تېگىشلىك مەسئۇلىيەتنى ھەرگىزمۇ باشقىلارغا ئارتىپ قويماڭ، ئۇچرىغان مەغلۇبىيىتىڭىزدىن تەجرىبە-ساۋاق ئېلىشنى ئۆگىنىۋېلىڭ.---بېل گەيتىس
5.مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئۈچۈن يېتەرلىك سەۋر-تاقەت بولۇش كېرەك. ھەرگىزمۇ «بىر كېچىدىلا ئالەمشۇمۇل نەتىجىلەرنى قازانسام» دەپ خام-خىيالدا بولماڭ. ئەجدادلىرىمىزنىڭ «ئاستا ماڭغان تاغ ئاشار، يۈگۈرگەن باغ» دىگەندەك ماقال-تەمسىللىرىنى ئېسىڭىزدە چىڭ تۇتۇڭ.---ۋۇ خوڭ جاڭ
6.مۇۋەپپىقىيەتنى بەك مۇرەككەپ دەپ ئويلىۋالماڭ. كۆپ قىسىم ئەھۋاللاردا مۇۋەپپەقىيەت بىز ئويلىغاندەك ئۇنچىۋالا تەس ئەمەس، ھەتتا ئىنتايىن ئاسان دېيىشكىمۇ بولىدۇ. مۇۋەپپىقىيەتنى ئارتۇقچە قىيىن دەپ ئويلاش ئالغا ئىلگىرىلەش قەدەملىرىڭىزگە توسقۇنلۇق قىلىدۇ.---جېف بېسوس
7.تەپەككۇرىڭىز ئارقىلىق تەقدىرىڭىزنى ئۆزگەرتىڭ. ھەممىمىزنىڭ تەپەككۇر قىلىش ئۈچۈن بېرىلگەن مېڭىمىز بار، لېكىن بىز قىيىنچىلىققا ئۇچرىغاندا تەپەككۇر قىلىشنى ئۇنتۇپلا قالىمىز. ئويلاشنىڭ كۈچ-قۇدرىتىنى ھەرگىزمۇ سەل چاغلىماڭ، نىشانىڭىز ئېنىق بولغان ھامان تەپەككۇرىڭىزنى ئىشقا سېلىڭ. ئاكتىپ تەپەككۇر قىلىش بىر سېھىرلىك كۈچ پەيدا قىلىدۇ، بۇ كۈچ سىزنىڭ تەقدىرىڭىزنى ئۆزگەرتەلەيدۇ.---جېك ۋېلچ
8.ئۆزىڭىزنىڭ قىلالايدىغانلىقىغا ئىشىنىڭ. «مۇمكىن ئەمەس» دېگەن ئىككى خەتنى لۇغىتىڭىزدىن چىقىرىۋېتىڭ، ئورنىغا «مەن قىلالايمەن» دېگەن ئىككى خەتنى كىرگۈزىۋېلىڭ. ئەگەر ئۆزىڭىزنىڭ قىلالايدىغانلىقىغا ئىشەنسىڭىزلا چوقۇم قىلالايسىز.---لى كەي فۇ
9.تەقدىرىڭىزنى ئۆزگەرتىشتىن بۇرۇن پوزىتسىيىڭىزنى ئۆزگەرتىڭ. پوزىتسىيە ياشلارغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم، پوزىتسىيىڭىز قانداق بولسا، تەقدىرىڭىز شۇنداق بولىدۇ. شۇڭا، تەقدىرىڭىزنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز، ئاۋۋال پوزىتسىيىڭىزنى ئۆزگەرتىڭ.---جېك كەنفېل
10.ناچار ئادەتلىرىڭىزنى تاشلاپ، ياخشى ئادەت يېتىلدۈرۈڭ. مۇۋەپپەقىيەت ۋە مەغلۇبىيەت ئارىسىدىكى پەرق ئوخشىمىغان ئادەتلەردىن كېلىدۇ. ياخشى ئادەت مۇۋەپپەقىيەت دەرۋازىسىنى ئاچىدىغان ئاچقۇچ بولسا، ناچار ئادەت مەغلۇبىيەتكە قارىتىپ ئېچىلغان ئىشىكتۇر.---ئوگ ماندىنو
11.ھەر مىنۇت ھەر سېكونت ساقلاڭ ۋە تەييارلىق ھالەتتە تۇرۇڭ. پۇرسەت دائىم مەۋجۇت بولۇپ تۇرمايدۇ، سىز ساقلاشقا ماھىر بولۇشىڭىز ھەمدە ھەرقاچان تەييار تۇرۇشىڭىز كېرەك. شۇنداق قىلغاندىلا پۇرسەت يېتىپ كەلگەندە ئۇنىڭ يۈگەنىدىن چىڭ تۇتىۋالغىلى بولىدۇ.---چېن يۈ شۈ
12.ئۆزىڭىزنىڭ يوشۇرۇن ئىقتىدارىڭىزنى جارى قىلدۇرۇڭ. بىز ھەممىمىزنىڭ غايەت زور يوشۇرۇن كۈچىمىز بار، لېكىن ئەپسۇسلىنارلىقى، بىز بىلىپ-بىلمەي بۇ يوشۇرۇن كۈچىمىزنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى نەزەردىن ساقىت قىلىمىز. سىز مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنى خالامسىز؟ ئۇنداقتا سىزگە بىر مەخپىيەتلىكنى ئېيتىپ بېرەي: ئۆزىڭىزنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى جارى قىلدۇرۇڭ.---ئانتونى روبىن
13.جاپا-مۇشەققەتتىن كەلگەن ئىنئامنى قوبۇل قىلىڭ.ھېچكىم ئۆزلىكىدىن جاپا-مۇشەققەت تارتىشنى خالىمايدۇ، لېكىن جاپا تارتىشقا توغرا كەلگەندە سىز چوقۇم ئۇنى قوبۇل قىلىشىڭىز كېرەك. بىلىشىڭىز كېرەككى، ئەگەر سىز ئاشۇ جاپالارنىڭ ئۈستىدىن غالىپ كەلسىڭىز، بۇ جاپالار تەڭرىنىڭ سىزگە ئىنئام قىلغان ئەڭ چوڭ ئىلتىپاتىدۇر.---جېڭ جوۋ يوڭ
14.سىز تايىنالايدىغان ئەڭ ئىشەنچىلىك ئادەم سىز ئۆزىڭىز. ھەممە ئىشتا باشقىلارغا تايىنىۋاالماڭ، بۇ دۇنيادا پەقەت ئۆزىڭىزلا ئۆزىڭىزگە ئەڭ ئىشەنچىلىك تايانچ بولالايسىز. كۆپ قىسىم ئەھۋاللاردا ئۆزىڭىزنى قۇتقۇزالايدىغان يەنىلا ئۆزىڭىز.---جىم كىراك.
15.ئىسلاھاتنىڭ كۈچى قاراردىن كېلىدۇ.پەقەت يېڭى بىر ئىش قىلغاندا ئاندىن يېڭى بىر نەتىجە ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ، ھەمدە يېڭى بىر ئىش باشلاش ئۈچۈن شۇنى بىلىشىڭىز كېرەككى، ئىسلاھاتنىڭ كۈچى قاراردىن كېلىدۇ.---ئانتونى روبىن
16.ئۆزىڭىز ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئىشنى قىلىڭ. مەيلى غەلىبە قازىنىپ مەغرۇرلانغان ۋاقتىڭىز بولسۇن ياكى مەغلۇپ بولۇپ ئازابلانغان ۋاقتىڭىز بولسۇن، ئۆزىڭىزنىڭ نېمىگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى بىلىۋېلىڭ. قىزىقىشىڭىزنى توغرا ئىگەللەڭ، ئۆزىڭىز ياخشى كۆرىدىغان ئىشنى قىلىڭ.---ياڭ لەن
17.شارائىت كەمچىل بولسا شارائىت يارىتىڭ. ئەگەر سىزدە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىدىغان شارائىت كەمچىل بولسا، ئۆزىڭىزنى تاشلىۋەتمەي شارائىت يارىتىڭ. مۇۋەپپەقىيەت قازانغان مەشھۇر شەخسلەرنىڭ ھەممىسى مۇشۇنداق قىلغان. ئەگەر سىزمۇ مۇۋەپپەقىيەت قازانماقچى بولسىڭىز شۇنداق قىلىشىڭىز كېرەك.---ئورسېن مادېن
18.مەڭگۈ تولۇپ-تاشقان قىزغىنلىق ساقلاڭ. ھەرگىزمۇ ئۆزىڭىزدە بولۇشقا تېگىشلىك قىزغىنلىقنى يوقىتىپ قويماڭ، ئاشۇ قىزغىنلىق بولغاندىلا ئاندىن سىزگە مۆجىزە ئېلىپ كېلەلەيدۇ.---ناپولېئون خېل
19.ئۇستىلىق بىلەن «ئېلىش»نى ئۆگىنىۋېلىڭ. ئەگەر سىز ئاسانلا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىپ باي بولماقچى بولسىڭىز، ھەمدە ھېچقانداق بىر ئەمەلىي مەبلەغ سېلىشنى خالىمىسىڭىز ئۇنداقتا ئۇستىلىق بىلەن «ئېلىش»نى ئۆگىنىۋىلىشىڭىز كېرەك، بۇ ئەڭ ئاقىلانىلىكتۇر.---كار ئاربۇلېكىت
20.توختىماي يېڭى نەرسىلەرنى ئۆگىنىپ تۇرغاندىلا ئاندىن توختىماي ئالغا ئىلگىرىلىگىلى بولىدۇ. توختىماي ئۆگىنىش ياشلارنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىدىكى كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرسى. چۈنكى، پەقەتلا توختىماي يېڭى نەرسىلەرنى ئۆگىنىپ تۇرغاندىلا ئاندىن ئالغا ئىلگىرىلىگىلى بولىدۇ، توختىماي ئالغا ئىلگىرىلىگەن چاغدىلا ئاندىن قەدەممۇ قەدەم مۇۋەپپەقىيەتكە يېقىنلاشقىلى بولىدۇ.---لى جىيا چېڭ
21.بىر نىشان تىكلەپ، شۇ نىشانغا قاراپ توختىماي ئىلگىرىلەڭ. بىر ئادەمنىڭ نىشانى بولمىسا ئۇنىڭدا ئالغا ئىلگىرىلەشمۇ بولمايدۇ ، شۇنىڭ بىلەن مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمايدۇ. ئۆزىڭىزگە بىر نىشان تىكلەڭ، ئاندىن نىشانىڭىزغا قاراپ توختىماي تىرىشىڭ، مانا بۇ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ سىرى.--- سوڭ شىيا جىڭ جى جۇ
22. ئەتراپىڭىزدىكى مۇھىتتىن تولۇق پايدىلىنىڭ. ھەربىرىمىزنىڭ ئەتراپىدا بىز ئىشلىتىپ بولالمايدىغان بايلىقلار، پايدىلىنىپ بولالمايدىغان شارائىتلار بار. ئېھتىياجىڭىز چۈشكەن ۋاقىتتا ئالدى بىلەن ئەتراپىڭىزغا قاراپ بېقىڭ. شۇ شارائىتلاردىن تولۇق پايدىلانغان ۋاقتىڭىزدا نۇرغۇن مەسىلىلەر ئۆزلىكىدىن ھەل بولىدۇ.---لۇبورت مودروك
23. ئاخىرىغىچە بەرداشلىق بېرىمەن دەپ ھەرگىزمۇ قارىغۇلارچە بەزى ئىشلارغا ئېسىلىۋالماڭ. نۇرغۇن ۋاقىتتا، ئاخىرىغىچە بەرداشلىق بېرىش مۇۋەپپەقىيەت ئېلىپ كېلەلمەسلىكى مۇمكىن. ئەگەر سىز شۇنچە تىرىشىپمۇ نەتىجە قازىنالمىسىڭىز، ئۇنداقتا قارىغۇلارچە ئاخىرىغىچە تىركەشمەڭ، ۋاقتىدا قىلىۋاتقان ئىشىڭىزدىن ۋاز كېچىپ باشقىچە يول تۇتۇڭ، بۇنداق قىلسىڭىز بەلكىم نۇرغۇنلىغان ئويلىمىغان پۇرسەتلەرگە ئۇچرىشىشىڭىز مۇمكىن.---پاۋلو ئارون
24. ھەرقانداق ۋاقىتتا تېجەشلىك بولۇڭ. ھەربىر سېنت ئاسان قولغا كەلمەيدۇ، ئىسراپچىلىق ئۆز ئەمگىكىڭىزگە بولغان مەسئۇلىيەتسىزلىكتىن ئىبارەت. «تاما تاما كۆل بولۇر» دېگەندەك بايلىق دېگەن ئاز-ئازدىن كۆپىيىدۇ، مەيلى ھەرقانداق ۋاقىتتا بولسۇن تېجەشلىك بولۇڭ، شۇنداق قىلغاندىلا تېخىمۇ كۆپ بايلىق توپلىيالايسىز.--- ۋاڭ يوڭ چىڭ
25. پۇل يىغىش ئىنتايىن مۇھىم. ئەگەر مەلۇم مىقداردا يىغىپ قويغان پۇلىڭىز بولمىسا، سىزنىڭ نۇرغۇنلىغان پىلانلىرىڭىز ئەھمىيەتسىز ھېسابلىنىدۇ. ئەمەلىيەتتە پۇرسەت ھەممە يەردە مەۋجۇت، لېكىن پەقەت قولىدا ئېشىندى پۇلى بارلارلا بۇ پۇرسەتلەردىن پايدىلىنالايدۇ.--- جون د. روكفېل
26. ئۆزىڭىزنى ئاسرىغاندىلا ئاندىن ئۆزىڭىزگە يۈز كېلەلەيسىز. ئۆزىڭىزدىن نارازى بولماڭ، ھەتتا ئۆزىڭىزنى خارلىماڭ، بۇ ئاقىلانىلىك ئەمەس. ئۆزىڭىزنى ئاسراشنى، ياخشى كۈتۈشنى ئۆگىنىۋېلىڭ، بۇنداق قىلغاندىلا ئاندىن ئۆزىڭىزگە يۈز كېلەلەيسىز.---پېر كاردېن
27. بۇ دۇنيادا ياشىغان ئىكەنسىز، ئۈمىدۋار ياشاڭ. بىر ئادەمنىڭ قەلبىدە ئۈمىد بولمىسا ھاياتلىق مەنىسىنى يوقىتىدۇ، ياشىغان ئىكەنسىز چوقۇم ئۈمىدۋار ياشاڭ، بولۇپمۇ قىيىن كۈنلەردە. پەقەت ئۈمىدۋار بولغان چاغدىلا ئاندىن يورۇق كېلەچەكنى كۆرەلەيسىز.--- ج.ك.رولىن
28. سىز ئۆزگەرتەلمەيدىغان ھەقىقەتلەرنى قوبۇل قىلىڭ. رەھىمسىز تەقدىرنىڭ ئالدىدا بىز نۇرغۇنلىغان ئىشلاردىن قېچىپ قۇتۇلالمايمىز ياكى تاللاش ئىمكانىمىز بولمايدۇ. قارشىلىق كۆرسىتىش بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزنى ۋەيران قىلىپلا قالماستىن ھەتتا روھىمىزنىمۇ نابۇت قىلىدۇ. شۇڭا، ئۆزگەرتىشكە قۇربىتىڭىز يەتمەيدىغان ئەھۋاللاردا ئۇلارنى قوبۇل قىلىڭ ۋە ماسلىشىڭ.---بېل گەيتېس.
29. باشقىلارغا كەڭ قورساقلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىڭ. ئىجتىمائىي ئالاقىدە ئۇششاق سۈركىلىش ۋە زىددىيەتلەرنىڭ يۈز بېرىشى تەبئىي ئەھۋال. بۇنداق ۋاقىتتا باشقىلارغا كەڭ قورساقلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىڭ. شۇندىلا ئۇقۇشماسلىقنى تۈگىتىپ، ئاداۋەتلەرنى يۇيۇپ، دۈشمەننى دوستقا ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ. ئەگەر سىز ھەقىقەتەن باشقىلارغا كەڭ قورساقلىق بىلەن مۇئامىلە قىلالىسىڭىز ھاياتىڭىز تېخىمۇ گۈزەل بولىدۇ.---دېل كارنىگ
30. پاسسىپ روھى ھالىتىڭىز كىشىلىك مۇناسىۋىتىڭىزگە تەسىر يەتكۈزمىسۇن. ھەرگىزمۇ ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتنىڭ رولىغا سەل قارىماڭ، پاسسىپ روھى ھالىتىڭىزنىڭ باشقىلارغا بولغان پوزىتسىيىڭىزگە تەسىر كۆرسىتىشىگە تېخىمۇ يول قويماڭ. ياشلار تېخىمۇ كۆپ پۇرسەتكە ئېرىشىمەن دەيدىكەن، چوقۇر باشقىلار بىلەن كۆپ ئارىلىشىشى كېرەك.---ئوگ ماندىنو
31. ئەگەر خاتالىق ئۆتكۈزگەن بولسىڭىز ئېتىراپ قىلىڭ. سىزنىڭ توغرا بولغان بولسا، سىلىق ۋە يۇمشاق ئۇسۇللار بىلەن قارشى تەرەپنى قايىل قىلىڭ؛ لېكىن سىزنىڭ خاتا بولغان تەقدىردە، خوشاللىق بىلەن خاتالىقىڭىزنى قوبۇل قىلىڭ. بۇنداق قىلىش باشقىلار بىلەن تارتىشقاندىن كۆپ ئۈنۈملۈك.---دېل كارنېگ
32. باشقىلار بىلەن مۇنازىرىلىشىشتىن ساقلىنىڭ. مۇنازىرىلىشىشنىڭ نەتىجىسى مۇتلەق كۆپ قىسىم ئەھۋاللاردا ئۆزىڭىزگە ئۆزىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ ئىشەندۈرىدۇ. شۇڭلاشقا سىز مۇنازىرىدە ئۇتۇپ چىقالمايسىز. ئۇتتۇرسىڭىز ئەلۋەتتە يېڭىلگەن بولىسىز؛ لېكىن يېڭىۋالسىڭىزمۇ يەنىلا يېڭىلگەن بولىسىز. شۇڭلاشقا ئەڭ ياخشى ئۇسۇل مۇنازىرىدىن ساقلىنىش.---دېل كارنېگ
33. ھەربىر ئادەمنى ھۆرمەتلەشنى ئۆگىنىۋېلىڭ. باشقىلارنى ھۆرمەتلەشنى ئۆگىنىش ھاياتىڭىزدىكى ئەڭ مۇھىم دەرسلەرنىڭ بىرسى. ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، ھەممە ئادەم باشقىلار تەرىپىدىن ھۆرمەتلىنىشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئەگەر سىز باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشمەكچى بولسىڭىز، ئاۋۋال باشقىلارنى ھۆرمەتلەڭ.---سام ۋالتون
34. ناچار ئادەتلىرى بولغان دوستلىرىڭىزدىن يىراقلىشىڭ. دوست دېگەننى تاللاپ تۇتۇش كېرەك. جەمئىيەتتە ھەرخىل ئادەملەر مەۋجۇت، دوست تۇتقاندا كۆزىڭىزنى يوغان ئېچىپ، ياخشى تاللاڭ، چۈنكى «يامانغا يولۇقساڭ يارىسى، قازانغا يولۇقساڭ قارىسى».---ۋۇ جاڭ خوڭ
35. مىننەتدارلىق بىلەن ياشىسىڭىز ئاندىن بەخىتلىك بولالايسىز. مىننەتدار بولۇشنى ئۆگىنىۋېلىڭ، ئاتا-ئانىڭىزغا، دۆلىتىڭىزگە، دوستلىرىڭىزغا، تەبىئەتكە، ئەتراپىڭىزدىكى ھەممە نەرسىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ ياشىغاندىلا، ئاندىن قەلبىڭىز ئىللىقلىققا تولۇپ، ئۆزىڭىزنى بەخىتلىك ھېس قىلالايسىز.--- سىتىۋىن كېۋىل
36. ئەركىن-ئازادە ياشىماقچى بولسىڭىز ۋاز كېچىشنى ئۆگىنىۋېلىڭ. بىز دائىم ئۆزىمىزنى ھارغىنلىق، بېسىم ئىچىدە ياشاۋاتقاندەك ھېس قىلىمىز، چۈنكى بىز نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆزىمىزگە يۈك قىلىۋالىمىز. ئەگەر ئەركىن-ئازادە، خوشال-خۇرام ياشىماقچى بولسىڭىز ئابرويپەرەسلىك، نام-نىشان دىگەندەك سىزگە تېگىشلىك بولمىغان نەرسىلەردىن ۋاز كېچىڭ.--- بورن جېسسى
37. سەمىمىيەتلىك كىشىلىك مۇناسىۋەتتىكى بىرىنچى ئامىل. سەمىمى بولۇش گۈزەل ئەخلاق پەزىلەت بولۇپلا قالماستىن كىشىلىك مۇناسىۋەتتىكى ئەڭ مۇھىم ئامىل. ئەگەر سىز باشقىلارنىڭ ھۆرمىتى ۋە ئىشەنچىسىگە ئېرىشمەكچى بولسىڭىز ۋە ئۆز ئالدىڭىزغا بىر ئىش قىلماقچى بولسىڭىز، چوقۇم سەمىمى بولۇڭ، گېپىڭىزدە تۇرۇڭ.--- لى جىيا چىڭ
38. كىشىلەر بىلەن مۇناسىۋەت قىلغاندا ياكى ئىش قىلغاندا جانلىق بولۇڭ. نۇرغۇنئىشلارنىڭ مەغلۇپ بولۇشى جانلىق بولمىغانلىقىڭىزدا ياكى ئۆزگىرىشكە ماھىربولمىغانلىقىڭىزدا. كىشىلەر بىلەن مۇناسىۋەتتە بولسۇن ياكى بىر ئىش قىلماقچى بولسىڭىز،بىلگەنلىرىڭىزنى جانلىق ئىشلىتىشكە ماھىر بولۇشىڭىز كېرەك، مۇشۇنداق قىلغاندىلا مۇۋەپپىقىيەتنىڭيولىنى تاپالايسىز. --- بوئېن تىرېيسى
39. ھايات ھەرىكەتتە ۋە شۇنداقلائارام ئېلىشتا. ئېغىر خىزمەت بېسىمى سىزنى چارچىتىۋەتكەن بولسا، ئەڭ ياخشىسىبىرئاز ئارام ئېلىۋىلىڭ. ئارام ئېلىشقا دىققەت قىلغاندىلا ئۇرغۇپ تۇرغان روھى ھالەتنىساقلاپ قالغىلى بولىدۇ، بەدەن ساغلاملىقىمىزنىمۇ ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ. ---ئورىسىن مارتىن
40. ۋاقتىڭىزنى تېجەڭ ۋە ئۇستىلىقبىلەن ئىشلىتىڭ. ۋاقىتنى تېجىمەك ۋە ئۈنۈملۈك ئىشلەتمەك ئىنتايىن مۇھىم. ئەگەر بىزبىر كۈنلۈك ۋاقتىمىزنى ئوبدان پىلانلىمىساق، ئۇ ۋاقىتتا كۈنىمىز ئىسراپ بولۇپ كېتىدۇۋە بىز ھېچنېمىگە ئېرىشەلمەيمىز.--- ناپولېئون سىل
41. خىزمىتىڭىزنى قىزغىن سۆيۈڭ. مەيلىسىز ناھايىتى كەمبەغەل بولۇڭ ياكى ناھايىتى باي بولۇڭ، چوقۇم خىزمەتكە ئېھتىياجىڭىزبولىدۇ. ئەگەر خىزمەتنى ئۆزىڭىزگە يۈك قىلىۋالماي دېسىڭىز، خىزمىتىڭىزنى قىزغىن سۆيۈڭ.--- خېلىن ۋالتون
42. خىزمەتنى دەپ تۇرمۇشىڭىزدىنئايرىلىپ قالماڭ. خىزمەت دېگەن خىزمەت، تۇرمۇش دېگەن تۇرمۇش، چوقۇم ئىككىسىنىئايرىپ مۇئامىلە قىلىشىڭىز كېرەك. مۇبادا خىزمەتنى دەپ تۇرمۇشىڭىزدىن ئايرىلىپقالسىڭىز بەكلا زىيان تارتقان بولىسىز، چۈنكى سىزنىڭ ئايرىلىپ قالغانلىرىڭىزنىڭئىچىدە تۇرمۇشىڭىزلا ئەمەس بەلكى خوشاللىقىڭىزمۇ بار. --- مەكلىن ئايس
43. نېمە خىزمەت قىلىشىڭىزدىن قەتئىينەزەرچوقۇم كەسپىڭىزنى سۆيۈڭ. كەسپنى سۆيۈش بىر ئادەت. بەلكى بۇ ئادەت سىزگە كۆرۈنەرلىكپايدا ئېلىپ كېلەلمەسلىكى مۇمكىن، لېكىن كەسپىنى سۆيمىگەنلەر ھەرگىزمۇ ئۇتۇققازىنالمايدۇ.--- ئالبېرت خاربېرد
44. ئەگەر ئەمىلىڭىزنىڭ ۋە مائاشىڭىزنىڭئۆستۈرۈلىشىنى ئارزۇ قىلسىڭىز، ئاۋۋال باشلىقىڭىزنى بويسۇندۇرۇڭ. باشلىقىڭىزغا ئۆزىڭىزنىكۆرسىتىش ئارقىلىق، باشلىقىڭىزدا سىزنى «ئىنتايىن مۇھىم» دېگەن كۆز قاراشنى پەيداقىلىڭ.--- ئالبېرت خاربېرد
45. خىزمەتداشلىرىڭىز بىلەن بولغانمۇناسىۋىتىڭىزدە قائىدە- يوسۇنغا دىققەت قىلىڭ. خىزمەت جەريانىدا، خىزمەتداشلىرىڭىزبىلەن مۇناسۋىتىڭىزنىڭ ياخشى بولۇشى خىزمىتىڭىز ئۈچۈن ئىنتايىن پايدىلىق، ھەتتاسىزگە خوشاللىق ئېلىپ كېلەلەيدۇ. بۇ مۇناسىۋەتنىڭ ياخشى بولۇشى ئۈچۈن، چوقۇم خىزمەتداشلارئارىسىدىكى قائىدە- يوسۇنغا رېئايە قىلىشىڭىزكېرەك. --- سىدىۋىن كېۋىن
46. شارائىتىڭىز يار بەرسە، قوشۇمچەخىزمەت قىلىشىنى ئويلىشىپ بېقىڭ. ئەگەر سىز خىزمىتىڭىزنى ناھايىتى ياخشى ئىشلىسىڭىزۋە يەنە ئارتۇقچە ۋاقتىڭىز ۋە زېھنىڭىز بولسا، بىر قوشۇمچە خىزمەت قىلىشنىئويلىشىپ بېقىڭ. بۇنداق قىلسىڭىز ھەم كىرىمىڭىزنى كۆپەيتەلەيسىز، ھەم تېخىمۇ جىق مۇۋەپپەقىيەتقازىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيسىز.--- خېرىسبوگ
47. خىزمەت ئالماشتۇرۇشتا بەك دىققەتقىلىڭ. نۇرغۇنلىغان ياشلار تېخىمۇ ياخشى تەرەققى قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشىش ئۈچۈن كۆپلەپخىزمەت ئالماشتۇرىدۇ، ھەتتا بۇ خىل ئەھۋال بارغانسېرى ئومۇملىشىۋاتىدۇ. لېكىن خېلىكۆپ قىسىم كىشىلەر خىزمەت ئالماشتۇرغاندىن كېيىن ئىنتايىن ناچار ئەھۋاللارغا دۇچ كېلىۋاتىدۇ.شۇڭا خىزمەت ئالماشتۇرۇشقا توغرا كەلسە، يەتتە ئۆلچەپ بىر كېسىڭ.--- بەيلىڭ.
48. توختىماي ۋاتىلداش نىكاھنىڭ قاتىلى. توي قىلغاندىن كېيىنكى تۇرمۇشنى بۇزىدىغانئەڭ چوڭ ئامىل توختىماي ۋاتىلداش. ئەگەر سىزنىڭ بۇنداق ناچار ئادىتىڭىز بولسا، دەرھالبۇ ئادىتىڭىزنى تاشلاڭ. ئەلۋەتتە سىز بۇ نىكاھنى تۇتۇپ تۇرۇشنى خالىسىڭىز.--- كېلىسكېراسنوھ
49. يولدىشىڭىزنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنماڭ.ئەقىللىق ئايال يولدىشىنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنمايدۇ، بەلكى بۇ تۇرمۇشتىن ئورتاقخوشاللىق ئىزدەيدۇ. ئۆزگەرتىش پەقەتلا پەقەت نىكاھ كرىزىسى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ---تورىس كارنېگ
50. مۇھەببىتىڭىزنى باشقۇرۇشنى ئۆگىنىۋېلىڭ.نۇرغۇن ئىنسانلار بىر-بىرىنى ياخشى كۆرۈشكەندىن كېيىن، مۇھەببىتى ناھايىتى قىسقاداۋام قىلىدۇ. ئەگەر مۇھەببىتىڭىزنى ئۇزۇن ۋاقىت داۋام قىلدۇرۇشنى خالىسىڭىز، مۇھەببىتىڭىزنىباشقۇرۇشنى ئۆگىنىۋېلىڭ ۋە بۇ باشقۇرۇشنى ئۇزۇن مۇددەت داۋاملاشتۇرۇڭ. --- تورىسكارنېگ
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved