جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 8-ماي بېيجىڭ خەۋىرى:
سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ دىپلوماتىيە ۋەزىرى جىبىر تۈنۈگۈن: يەمەنگە قارىتىلغان ئىنسانپەرۋرەرلىك ياردىمىنى كۆزدە تۇتۇپ، بەش كۈن ئۇرۇش توختىتىش تەكلىپىنى بەردۇق، ئەمما بۇنداق قىلىش ئۈچۈن يەمەندىكى قۇسەي قوراللىقلىرىنىڭ ماقۇللىقىنى ئېلىشقا توغرا كېلىدۇ، دېدى.
جىبىر زىيارەتكە كەلگەن ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كېررى بىلەن ئۆتكۈزگەن مۇخبىرلار يىغىنىدا بۇ تەكلىپنى بەردى. ئۇ مۇنداق دېدى: يەمەندە مەملىكەت بويىچە ئۇرۇش توختىتىلىدۇ، كونكىرېت ۋاقتىنى پات-ئارىدا بېكىتىمىز. ئەمما بۇ قۇسەي قوراللىقلىرىنىڭ قوشۇلۇش ياكى قوشۇلماسلىقى ھەمدە كېلىشىمگە ئەمەل قىلىش-قىلماسلىقىغا باغلىق.
كېررى سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ تەكلىپىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، ئۇ يەمەن خەلقى دۇچ كېلىۋاتقان ئىنسانپەرۋەرلىك ئاپىتىنى پەسەيتىش ئۈچۈن، قۇسەي قوراللىقلىرىنى بۇ تەكلىپنى قوبۇل قىلىشقا دەۋەت قىلدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved