پۇتبول تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى
بېيجىڭ ۋاقتى 2-ئاينىڭ 28-كۈنى كەچ سائەت 23:00 ئۆتكەندە ئېنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسى 27-ئايلانمىسىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقە مانچىستىر بىرلەشمە كۇلۇبىنىڭ توپ مەيدانىدا ساندىران كۇلۇبى بىلەن ئېلىپ بېرىلدى. رۇنى نىڭ ئىككى توپ كىرگۈزۈشى بىلەن مانچىستىر بىرلەشمە كۇلۇبى ئۆز مەيدانىدا 2-0 نەتىجە بىلەن ساندىران كۇلۇبىنى مەغلۇپ قىلدى.
ئالدىنقى يېرىم مەيداندا ھېچقايسى كوماندا توپ كىرگۈزەلمىدى. مۇسابىقە 0-0 بىلەن يېرىم مەيدان مۇسابىقە ئاخىرلاشتى.
مۇسابىقە داۋاملىشىپ 63 مىنۇت بولغاندا كومىدىيىلىك بىر ھادىسە يۈز بەردى. فالكاۋ چەكلەنگەن رايۇن ئىچىدە ئۇدا ئىككى مۇداپىئە توپچىسىدىن ئۆتۈپ قارشى تەرەپ توپچىسى ئوشىل تەرىپىدىن يېقىتىۋىتىلدى. رېپىر مانچىستىر بىرلەشمە كۇلۇبىغا نۇقتا توپ بۇيرۇپ بەردى ھەمدە قىزىل كارتا چىقاردى. بىراق بۇ قىزىل كارتىنى بۇلانغا بەردى. رۇنى بۇ نۇقتا توپنى كىرگۈزدى. نەتىجە 1-0 بولدى.
84 مىنۇت بولغاندا مانچىستىر بىرلەشمە كۇلۇبىدىن جانۇزاج تەپكەن توپنى ۋاراتار توسۇۋالدى بىراق ئەگىشىپ كەلگەن رۇنى بۇ توپنى كىرگۈزدى. نەتىجە 2-0 بولدى.
ئاخىرىدا مانچىستىر بىرلەشمە كۇلۇبى ئۆز مەيدانىدا 2-0 نەتىجە بىلەن ساندىران كۇلۇبىنى مەغلۇپ قىلدى.
مانچىستىر بىرلەشمە كۇلۇبىدىن ئاساسلىق ئەزا سۈپىتىدە مەيدانغا چىققان توپچىلار:
1-دېگىيا.
25-ۋالۇنسىيا.
12-سىمورىن.
6-ئېۋىنس.
5-روخ.
17-بىلىند
21-خېررارا
18-ئاشلېي يوڭ
7-دىمارىيا
10-رۇنى
9-فالكاۋ.
ساندىران كۇلۇبىدىن ئاساسلىق ئەزا سۈپىتدە مەيدانغا چىققان توپچىلار:
1-پاندىرمىن
5-بىلان
3-فان ئانخورت
16-ئوشىل
15-لېۋىرىل
6-كاتمول
7-لارسىن
11-ئادام جونسۇن
14-ئۇردىل گوماس
10-ۋىكخام
28-دىب
![]() |
چىلىنىڭ كوكىمبو چوڭ رايونىدىكى پاراشوت بىلەن سەكرەش ھەۋەسكارى سېباستىيان ئالۋارېز بىر ئۇچقاندەك كېتىۋاتقان يۈك ئاپتوموبىلىدىن پاراشوت بىلەن سەكرىگەن.
|
![]() |
نۇر تورى تەرجىمىسى:
ئىسپانىيەلىك چولپان توررېس يېقىندا تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا 2012-يىلىدىكى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنى ئەسلەپ، ناھايىتى گۈزەل ئەسلىمە، دېگەن.
...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved