10-ئىيۇن ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى بىلەن خەنزۇ تىلىنى خەلقئارغا كېڭەيتىش ئوتتۇرا ئاسىيا بازىسى ئۇيۇشتۇرغان 4-نۆۋەتلىك شىنجاڭدىكى چەت ئەللىكلەرنىڭ خەنزۇ تىلى ۋە جۇڭخۇا تالانت مۇسابىقىسى شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا رەسمىي باشلاندى . بۇ پائالىيەتنىڭ بىر تۈرى بولغان ‹‹ شىنجاڭ مۇھەببىتى ›› تېمىسىدىكى فو-سۈرەت كۆرگەزمىسىگە شىنجاڭدىكى سەككىز ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ 70 تىن ئارتۇق مۇنەۋۋەر ئەسىرى قويۇلغان بولۇپ ، شىنجاڭدا ئوقۇۋاتقان چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلار ئاپپاراتى بىلەن شىنجاڭدىكى ئۆزلىرىگە تەسىر قىلغان گۈزەل مەنزىرىلەر ۋە يېقىملىق چىرايلارنى تارتىپ ، گۈزەل شىنجاڭغا بولغان مېھىر-مۇھەببىتىنى ئىپادىلىگەن .
بۇ نۆۋەتلىك تالانت مۇسابىقىسى نۇتۇق ، خەنزۇچە ناخشا ئېيتىش ، مودېل مېڭىش قاتارلىق مۇسابىقىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ ، سېنتەبىردە ئاياغلىشىدۇ .
![]() |
2016-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە شىنجاڭ يەرمەنكە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن 3-نۆۋەتلىك يىپەك يولى خەلقئارا يېمەك-ئىچمەك كۆرگەزمىسىدىكى يارقىن نوقتا- شىنجاڭ ئۇيغۇر نان مەدەنىيتى
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved