پۇتبول تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى
بېيجىڭ ۋاقتى 2-ئاينىڭ 1-كۈنى كەچ سائەت 19:30 ئۆتكەندە ئىتالىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىنىڭ 21-ئايلانمىسىدا ئىنتىر مىلان كۇلۇبى بىلەن ساسسولو كۇلۇبى مۇسابىقىلەشتى . ئالدىنقى يېرىم مەيداندا زازا بىلەن سانسونى ئايرىم ئايرىم بىردىن توپ كىرگۈزۈپ ساسسولو كۇلۇبى 2-0 نەتىجە بىلەن ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللىدى. كېيىنكى يېرىم مەيداندا ئىكاردو ئىنتىر مىلان كۇلۇبى ئۈچۈن بىر توپ قايتۇرۇۋالدى. پۈتۈن مەيدان ئاخىرلىشىشتىن بۇرۇن ھەر ئىككى تەرەپتىن بىردىن توپچى قىزىل كارتا يەپ مەيداندىن چۈشۈپ كەتتى. بىلاردى نۇقتا توپ ئارقىلىق نەتىجىنى 3-1 قىلىپ ئۆزگەرتتى. ئاخىرىدا ئىنتىر مىلان كۇلۇبى مېھمان مەيداندا 1-3 نەتىجە بىلەن ساسسولو كۇلۇبىغا ئۇتتۇردى. بۇ ئىنتىر مىلان كۇلۇبىنىڭ تارىخىدا تۇنجى قېتىم ساسسولو كۇلۇبىغا ئۇتتۇرىشى ھېسابلىنىدۇ.
ساسسولو كۇلۇبى ئۈچۈن بىرىنچى توپنى كىرگۈزگەن زازا پۈتۈن مەيدان بويىچە ئەڭ يۇقىرى بولغان 7.9 نومۇرغا ئېرىشتى. زاپاس ئەزا سۈپىتىدە مەيدانغا چىقىپ بىر توپ كىرگۈزگەن ئىكاردو 7.2 نومۇرغا ئېرىشتى.
ساسسولو كۇلۇبىدىن ئاساسلىق ئەزا سۈپىتىدە مەيدانغا چىققان توپچىلار : كانسىگورى. لوڭگى ( 61′ گاسولا ) . كاناۋرو. ماگىنارى. تىرانوۋا. مىسىلورى ( 75′ ئانتى ) . بىئاندىن. فۇسالىك. زازا . سانسونى. بىلاردى.
ئىنتىر مىلان كۇلۇبىدىن ئاساسلىق ئەزا سۈپىتىدە مەيدانغا چىققان توپچىلار: خاندانوۋىچ. رانوگىيا. ۋىدىچ ( 70′ بىروزۋىك ) . دو دو. دانكىر. گارلىن. مېدىل. ساچىرى. كورۋاگىچ. پاراسىئو ( 78′ پۇسىكاس). پودولىسكى ( 56′ ئىكاردو).
![]() |
چىلىنىڭ كوكىمبو چوڭ رايونىدىكى پاراشوت بىلەن سەكرەش ھەۋەسكارى سېباستىيان ئالۋارېز بىر ئۇچقاندەك كېتىۋاتقان يۈك ئاپتوموبىلىدىن پاراشوت بىلەن سەكرىگەن.
|
![]() |
نۇر تورى تەرجىمىسى:
ئىسپانىيەلىك چولپان توررېس يېقىندا تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا 2012-يىلىدىكى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنى ئەسلەپ، ناھايىتى گۈزەل ئەسلىمە، دېگەن.
...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved