راك كېسىلىگە ئائىت ئۈزۈندىلەر
خەلق تورى ساغلاملىق مۇنبىرى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى .زامانىۋىلىشىشقا ئەگىشىپ مۇھىت بۇلغۇنۇش ۋە تۇرمۇش رېتىمى تىزلىشىش ئېغىرلىشىپ كىتىۋاتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن كىشىلەرنىڭ روھىي بېسىمى ئېشىپ سالامەتلىكى ئېغىر خىرسقا دۇچ كەلمەكتە. بۇنىڭ سەۋەبىدىن راك كىسىلىگە گىرىپتار بۇلىدىغانلارنىڭ سانىمۇ كۆپلەپ ئاشماقتا.
بۇلۇپمۇ جەنۇپ تەرەپلەردە، سانائەت ۋە يېزا ئىگىلىكنىڭ تەرەقىي قىلىشى تېز. خىمىيۋى ئوغۇت، دېھقانچىلىق دورىلار، ھورمون تۈرىدىكى يەم خەشەكنىڭ ئىشلىتىلىشى ئېغىر بولغانلىقتىن راك كىسىلىنىڭ كىلىپ چىقىشى تىزلىشىپ كىتىۋاتىدۇ.يەنە بەزى كىشىلار خۇسۇسيىتى ئۆزگىرىپ كەتكەن يىمەكلىكلەرنى ۋە تەركىبىدە نىترىتلار بولغان يىمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلغانلىقتىنمۇ راك كىسىلى پەيدا بولغان. ۋە راك كىسىلىگە گىرىپتار بۇلۇش سۈرئىتى ئېشىپ بارغان.ئۇنىڭدىن باشقا يەنى (1) ۋىتامىن A ۋە C،E لارنىڭ كەمچىلىكىدىن. (2) مولبىدىن، سىنىك، ماگىنىي، سېلېن قاتارلىق مىكرو مىقتارلارنىڭ كەملىكىدىن. (3) تۇزلۇق سۇغا چىلاپ تەييارلانغان ۋە كۆكىرىپ قالغان يىمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلغانلار. (4) تاماكا چىكىشى ۋە ھاراق ئىچىشى ئېغىر بولغانلارنىڭ راك كىسىلىگە گىرىپتار بۇلىشى تېز ئىكەن.
شۇڭا تەتقىقاتچىلار كىشىلەرنىڭ يىمەكلىكنى ئىستىمال قىلغاندا ئۇنىڭ تەركىبىگە ۋە ئۇنىڭ تەركىبىدىكى ئۇزۇقلۇق مادىلارغا دىققەت قىلىش لازىملىقىنى تەكىتلىدى.
بەزى كېسەللىكلەرنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ،ياكى بەدەندىكى ئۆزگىرىشلەرگە قاراپ راك كېسىلىنىڭ سىگناللىرىنى بايقىۋالغىلى بولىدۇ .مەسلەن :قان سىيىش كېسىلى :قورساق قىسىمىدا ئاغرىش سېزىمى كۆرۈلمەي قانلىق سۈيدۈك كۆرۈلسە بۇ بۆرەك راكى ۋە دوۋساق راكىنىڭ ئالدىنقى مەزگىلىدىكى ئالامىتى ھېسابلىنىدۇ . ئەگەر قان سىيىش ئالامىتى بىلەن بىرگە قورساق ئاغرىسىا بۇ ئاجىرتىپ چىقىرىش سېستىسىدا تاش پەيدا بولغانلىقىنىڭ ئالامىتى . ئوخشاش بىرخىل قان سىيىش ئالامىتىگە نىسبەتەن ئاغرىش ئالامىتىنىڭ بار -يوقلۇقى كېسەللىكنىڭ ياخشى ياكى يامان سۈپەتلىكنىڭ ئىكەنلىكىنى تەكشۈرۈشنىڭ ئاساسى ھېسابلىنىدۇ .
ئاياللاردىكى سۈت بېزى راكى:ئاياللارنىڭ كۆكسىدە قاتتىق ھۈررەك پەيدا بولۇپ ئاغرىمىسا چوقۇم دوختۇرغا بېرىپ تەكشۈرتۈپ بېقىش كېرەك ، چۈنكى بۇ سۈت بېزى راكىنىڭ دەسلەپكى ئالامەتلىرىنىڭ بىرى .
جىنسىي يولدىن قان كېلىش:ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغان ئاياللارنىڭ جىنسىي يولىدىن تويۇقسىز ئاغرىتماي قان كەلسە ، بۇ بالىياتقۇ بوينى راكى ياكى بالىياتقۇ راكىنىڭ بىشارىتى .
قان ئارىلاش پوتلا ئېقىش:باز ئاغرىش ، يۇتقۇنچاق ئاغرىش ، بۇرۇن بوشلۇقى ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلمىگەن ئەھۋال ئاستىدا قان ئارىلاش پوتلا ئاقسا ، بۇ بۇرۇن ۋە يۇتقۇنچاق راكىنىڭ ئالامىتىدىن دېرەك بېرىدۇ .
تېرە مۇڭگۇزلىشىش:بۇ ئەھۋال كۆپرەك يۈز ۋە قول تېرىسىدە كۆپرەك كۆرۈلىدۇ . تېرىدە يۇمىلاق شەكىللىك قىسمەن جايلىرى كۆتۈرۈپ تۇرغان ، قىسمەن جايلىرى تەكشى بولغان ئەسۋە كۆرۈلىدۇ . ئەمما ئاغرىمايدۇ . بۇ ئەھۋال تېرە راكىنىڭ دەسلەپكى ئالامەتلىرى ھېسابلىنىدۇ .
لىمغا تۈگۈنى ئىششىپ قېلىش :بۇ ئەھۋال ئاساسەن ئېڭەك ئاستى ، قولتۇق ، چاتراق ، بويۇن ، گەجگە سۆڭىكىنىڭ كەينى قىسمى ، قۇلاق ئەتراپى قاتارلىق جايلاردا كۆپ كۆرۈلىدۇ . ئەمما ئاغرىمايدۇ ، تۇتقاندا قاتتىق سېزىلىدۇ . بۇ ئەھۋال ئاق قان كېسىلى ۋە لىمفا ئۆسىمىسىنىڭ خەتەرلىك سىگنالى .
ئاشقازان يارىسى:بەزى ياشانغان كىشىلەر ئاشقازان يارىسىغا گىرىپتار بولغاندا چوڭ تەرىتى قارا رەڭدە كېلىدۇ ، ئەمما قورساق ئاغرىمايدۇ . بۇچاغدا گاستروسكوپتا تەكشۈرگەندە ئاشقازان يارىسىنىڭ ئاللىقاچان تەرەققىي قىلىپ ئاشقازان راكىغا ئايلانغانلىقىنى بايقايدۇ .
مەيلى قايسىلا تىپىتىكى راك كېسىلى بولسۇن ، بالدۇر بايقاپ ، بالدۇر داۋالىغاندا ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى بولىدۇ . ئەمما نۇرغۇن كىشىلەر ئادەتتىكى سالامەتلىك تەكشۈرتۈشكە سەل قارايدۇ ، شۇنداقلا تەكشۈرتسىمۇ تەپسىلىي تەكشۈرتمەيدۇ . ئادەتتە بىر يېرى قاتتىق ئاغرىمىسا دوختۇرغا كۆرۈنمەيدۇ . ئاخىرىدا كىشىنىڭ ئەقلى يەتمەيدىغان ئېچىنىشلىق ئاقىۋەت كېلىپ چىققاندا ئامالسىز قالىدۇ . شۇڭا ھەممەيلەن ھاياتىمىزنى قەدىرلەپ ساغلاملىىقىمىزغا كۆڭۈل بۆلىشىمىز كېرەك .يېقىندا ئاشكارلانغان خەۋەردە مۇنداق دېيىلگەن، " جۇڭگۇدا ھەر يىلى يېڭىدىن كۆپىيىۋاتقان راك كېسىلى ئاغرىقى يەر شارىد ىكى يېڭىدىن كۆپىيىۋاتقان ئاغرىقلار ئۇمۇمىي سانىنىڭ % 20 دىن كۆپرەكىنى ئىگللەيدۇ، ئۆپكە راكى ، ئاشقازان راكى ، جىگەر راكى ، قىزىلئۆلگەلچەك راكى، تۈز ئۈچەي راكى ، بالىياتقۇ بوينى را كى ، سۈت بېزى راكى ۋە بۇرۇن يۇتقۇنچاق راكى بىلەن ئۆلۈپ كەتكەنلەر جۇڭگۇدىكى راك كېسىلى بىلەن ئۆلۈپ كىتىدىغانلار ئۇمۇمىي نىسپىتىنىڭ 80 نەچچە پىرسەنتىنى ئىگەنلەيدۇ،
جۇڭگۇ قۇرلۇش ئاكادىمىيىسنىڭ ئاكادىمىكى خاۋ شىشەن مۇنداق دېدى؛ ناچار تۇرمۇش ئادىتى راك كېسىلى ۋە بالدۇر قېرىشنى پەيدا قىلىدىغان ئاساسلىق ئامىللار ، شۇڭا ھازىر جۇڭگۇدا راك كېسىلى ئاغرىقلىرى كۆپىيىپ كەتتى ، تاماكا چىكىش ، بىنورمال يىمەكلىك قۇرۇلمىسى، سىمىزلىك ۋە بەدەن چېنىقتۇرۇش يىتەرلىك بولماسلىق قاتارلىق ئامىلار بۇ خىل كېسەللىكنىڭ باش سەۋەبكارى بۇلۇپ قالدى ، ئىقتىسادىي بېسىم تۈپەيلى راك كېسىلى ۋاكسىنىسى كەمچىل بولغاچقا ، ئاسىيا ئەللىرىدە راك كېسىلى ئاغرىقلىرى كۆپىيىپ كەتكەن .
دوكلاتتا دېيىلىشىچە، جۇڭگودا %60 راك كېسىلى مۇھىم ئامىلى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، بۇ ئامىللار تاماكا چېكىش، سۇنىڭ بۇلغىنىشى ۋە ھاۋانىڭ بۇلغۇنىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.سىنا تورىنىڭ 13-ئاپرېل خەۋىرى: فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 11-ئاپرېلدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ دېيىشىچە، جۇڭگو بىلەن ھىندىستان راك كېسىلى كىرىزىسىغا دۇچ كەلگەن، تاماكا چېكىش، خاتا دىئاگنوز قويۇش ۋە داۋالىنىش پۇرسىتى باراۋەر بولماسلىق قاتارلىقلار كەڭ كۆلەملىك مەسىلە كەلتۈرۈپ چىقارغان.« The Lancet» ژۇرنىلىدا بېسىلغان بىر مۇھىم دوكلاتتا، 40 نەچچە مۇتەخەسىس ئاگاھلاندۇرۇپ، راك كېسىلى ئاسىيادىكى يېڭىدىن گۈللەنگەن ئىككى چوڭ دۆلەتنى ئېغىر ئىقتىسادىي ۋە ئادەم كۈچى بەدىلىگە دۇچ كەلتۈرگەنلىكىنى ئېيتقان.بۇ تەتقىقات دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، جۇڭگودا ئۆلگەن ھەر 5 ئادەمنىڭ بىرى راك كېسىلى بىلەن ئۆلگەن. راك كېسىلى قان-تومۇر كېسەللىكلىرىدىن قالسىلا ئىككىنچى قاتىل بولۇپ قالغان.
دوكلاتتا دېيىلىشىچە، جۇڭگودا %60 راك كېسىلى مۇھىم ئامىلى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، بۇ ئامىللار تاماكا چېكىش، سۇنىڭ بۇلغىنىشى ۋە ھاۋانىڭ بۇلغۇنىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.ئەمما، ئاممىنىڭ بۇ جەھەتتىكى خەۋپ-خەتەر ئېڭى يەنىلا ناھايىتى تۆۋەن بولۇپ، راك كېسىلىگە تاقابىل تۇرۇشتا تەقدىرگە تەن بېرىشنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىكەن، يا بولمىسا خاتا ھالدا ئەنئەنىۋى تىبابەتكە تايىنىدىكەن.. مەبلەغمۇ بىر مەسىلە. جۇڭگو نۆۋەتتە داۋالاش ئىشلىرىغا بولغان سېلىنمىسى دۆلەت كىرىمىنىڭ پەقەت %5.1 نى ئىگىلەيدۇ، پەقەت ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ داۋالاش ئىشلىرىغا بولغان سېلىنمىسىنىڭ يېرىمىغا باراۋەر كېلىدۇ، مەخسۇس راك كېسىلىگە ئىشلىتىدىغان خىراجەت بۇ سېلىنمىنىڭ پەقەت %0.1 نى ئىگىلەيدۇ. ئۆز ئارا سېلىشتۇرغاندا، ئامېرىكىنىڭ راك كېسىلىنى داۋالاش سەھىيە چىقىمىنىڭ %1 نى ئىگىلەيدىغان بولۇپ، جۇڭگونىڭكىدىن 10 ھەسسە يۇقىرى.
بۇنىڭدىن سىرت، جۇڭگونىڭ راك كېسىلى بىمارلىرى داۋالاش چىقىمىنىڭ كۆپ قىسىمىنى ئۆزى كۆتۈرۈشى كېرەك، بۇ زور سوممىدىكى داۋالاش ھېساباتىدىن دېرەك بېرىدۇ. گەرچە جۇڭگونىڭ يېرىم نوپۇسى يېزىلاردا ياشىسىمۇ، ئەمما يېزا رايونلىرىنىڭ راك كېسىلى كارىۋات سانى شەھەرنىڭ پەقەت يېرىمىغا تەڭ.دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى (WHO) نىڭ ئىستاتىستىكىىسدا كۆرسىتىلىشىچە، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەردىكى %80 كېسەللىك سۇ بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن؛ 2007- يىلى جۇڭگو سەھىيە مىنىستىرلىكى راك كېسىلىنىڭ ئېلىمىزدە ئۆلۈش نىسبىتى ئەڭ ئالدىنقى ئورۇندىكى كېسەللىككە ئايلانغانلىقىنى، %60 راك كېسىلىنىڭ ئىچىملىك سۇ بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
2004- يىلى جۇڭگونىڭ مۇھىت ئەھۋالى دوكلاتىدا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ئېلىمىزدە يىللىق كېرەكسىز سۇ قويۇۋېتىش مىقدارى 22 مىليارد 110 مىليون توننا، تۇرمۇش بۇلغانما سۈيى 26 مىليارد 130 مىليون توننا بولۇپ، بۇ كېرەكسىز سۇلارنىڭ %80 ى بىر تەرەپ قىلىنمايلا دەريا، دېڭىز، كۆللەرگە قۇيۇلىدۇ.
.بۇ دوكلاتنىڭ جۇڭگو قىسىمىنى يېزىشقا مەسئۇل بولغىنى ئامېرىكا خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى تېببىي ئىنىستىتۇتېتىدىن پوۋېل بولۇپ، ئۇ:«جۇڭگو پۈتكۈل دۇنيادا راك كېسىلى بىلەن ئۆلگەنلەرنىڭ تۆتتىن بىرىنى ئىگىلەيدۇ» دېدى.ھىندىستان ھەر يىلى تەخمىنەن 1 مىليونغا ئادەمگە يېڭىدىن راك كېسىلى دەپ دىئاگنوز قويۇلىۋاتىدۇ، 2035-يىلىغا بارغاندا بۇ ساننىڭ 1 مىليون 700 مىڭغا يېتىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى.راك كېسىلى بىلەن ئۆلگەنلەرنىڭ سانى نۆۋەتتە يىلىغا ئوتتۇرىچە ھېساب بىلەن 600~700 مىڭ بولۇپ، بۇ سان داۋاملىق ئاشىدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەن بولۇپ، 1 مىليون 200 مىڭ ئادەمگە يېتىدىكەن.دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، گەرچە ھىندىستان نوپۇسىنىڭ راك كېسىلى بولۇش نىسبىتى پەقەت ئامېرىكا-ياۋروپانىڭ تۆتتىن بىرى بولسىمۇ، ئەمما ئۆلگەنلەر نىسبىتى ياۋروپا، ئامېرىكىدىن كۆپ يۇقىرى بولغان.ھىندىستان دىئاگنوز قويۇلغاندىن كېيىن 5 يىلدىن ئارتۇق ھايات كەچۈرەلەيدىغانلىرى %30 كە بارمايدىكەن، بۇ راك كېسىلىنىڭ بايقىلىش ۋاقتىنىڭ بەك كېيىن بولغانلىقىنى ھەمدە داۋالاشنىڭ يېتەرلىك بولمىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، راك كېسىلى بىلەن ئۆلگەنلەر ئىچىدە 30 ياشتىن 69 ياشقىچە بولغانلار 60 نەچچە پىرسەنتنى ئىگىلىگەن.
شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ ۋېيفاڭ شەھىرىدە يۈز بەرگەن يەر ئاستىغا بۇلغىما قۇيۇپ بېرىش ۋەقەسى كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىدى.توردا يەر ئاستىغا بۇلغىما قۇيۇپ بېرىشكە ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى توختىماي ئوتتۇرىغا چىقتى. مۇھىت ئاسىراش ئاپپاراتى بولغان جامائەت مۇھىت تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ما جۈننىڭ قارىشىچە،يەر ئاستى سۈيىنىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە بۇلغىنىسى ئاممىنىڭ ئەندىشىسىنى كۈچەيتىۋەتكەن.شۇنىڭدىن باشلاپ جامائەت پاراۋانلىقى ئەربابلىرى سىزىپ چىققان "جۇڭگونىڭ راك كېسىلى كەنت خەرىتىسى"توردا كىشلەرنىڭ دىقىتىنى قوزغىغان،بۇ "خەرىتە"گە كىرگۈزۈلگەن كەنت 200 دىن ئاشىدۇ دەپ قارالغان. 2011-يىلى مەملىكەت بويىچە جەمئىي 200 شەھەردىكى يەر ئاستى سۈيىنىڭ سۈپىتى تەكشۈرۈلگەن بولۇپ،بۇنىڭ ئىچىدە سۇ سۈپىتىنى ئۆلچەپ تەكشۈرۈش نىسبىتى 55 پىرسەنت بولغان. 2010 -يىلدىكى 15.2 پىرسەنتلىك تەكشۈرۈش نەتىجىسى بىلەن پەرق چوڭايغان.يېقىندا نۇرغۇن رايونلاردا يەر ئاستى سۈيىنىڭ بۇلغۇنىشى راك كېسىلى بولىدىغانلارنى كۆپەيتىۋېتىدىغانلىقى،ھەتتا قوي-كالىلارنىڭ نەسلىنى قۇرۇتقانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەر تارقالغان، بىر قىسىم رايونلاردا ئىچىملىك سۇ بىغەتەرلىكىگىمۇ تەھدىت پەيدا بولغان.ئىگىلىنىشىچە،دۆلىتىمىزدە راك كېسىلىگە گىرىپتار بولىدىغانلار يىلىغا يېڭىدىن 2 مىليوندىن كۆپەيگەن،راك كېسىلى بىلەن ئۆلۈپ كېتىدىغانلار 1 مىليون 400 مىڭغا يەتكەن.ئېلىمىزدە ئۆلۈپ كەتكەن ھەر بەش ئادەمنىڭ بىرى راك كېسىلى سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كېتىدىكەن، مەملىكىتىمزدىكى نۇرغۇن چوڭ شەھەردە يامان سۈپەتلىك ئۆسمە كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغانلار يۈرەك-مېڭە قان تومۇر كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغانلاردىن ئېشىپ،ئۆلۈپ كېتىشتىكى 1-سەۋەبكە ئايلانغان.
بىر ئىلمىي ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە،"جۇڭگودىكى راك كېسىلى كەنتى"نىڭ سانى 241 دىن ئېشىپ،27 ئۆلكىنى قاپلىغان.مۇھىت ئاسىراش مىنىستىرلىقىنىڭ پىلانىدا 3000 دىن ئارتۇق خىمىيەلىك ماددىنىڭ ئادەمنىڭ ساغلاملىقى ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا ئېغىر زىيان يەتكۈزىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن. مۇھىت ئاسىراش مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان خىمىيەلىك بۇيۇملارنىڭ مۇھىتقا كەلتۈرىدىغان زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش 12-بەش يىللىق يىرىك پىلاندا قىسمەن رايونلاردا مۇھىت بۇلغىنىش سەۋەبىدىن "راك كېسىلى كەنتى" پەيدا بولغانلىقىنى ئېيتىلغان.دۆلەت زېمىن بايلىقى مىنىستىرلىقىنىڭ تور بېكىتىدىكى ماتېرىيالغا ئاساسلانغاندا،لياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ خەيچېڭ شەھىرىدە يۇندى قۇيۇپ بېرىش سەۋەبىدىن يەر ئاستى سۈيى چوڭ كۆلەمدە بۇلغانغان،بۇ يەرگە يېقىن بىر كەنتتىكى 160 ئادەم سۇ سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كەتكەن.بېيجىڭ شەھىرىنىڭ تېيىز قاتلامدىكى يەر ئاستى سۈيىدىمۇ راك كېسىلى، بىنورماللىق، تۇيۇقسىز گېن ئۆزگىرىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى پەيدا قىلىدىغان ماددىنىڭ بارلىقى تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان. بۇ ماددىلار ئېلىمىزنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى باشقا شەھەر ۋە رايونلاردىمۇ مەۋجۇت بولۇشى مۈمكىن ئىكەن.بېيجىڭدىكى ئادۋوكات دۇڭ جېڭۋېي 24-فېۋرال مۇھىت ئاسىراش مىنىستىرلىقى چىقارغان ھۆكۈمەت ئۇچۇرىنى ئاشكارىلاش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالغان. ئۇ مۇھىت ئاسىراش مىنىستىرلىقىدىن پۈتۈن مەملىكەتتىكى تۇپراقنىڭ بۇلغۇنىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش ئۇسۇلى ۋە سانلىق مەلۇمات ئۇچۇرىنى ئاشكارىلاپ ئىلتىماسىنى ئوتتۇرىغا قويغاندا،مۇھىت ئاسىراش مىنىستىرلىقى بۇ "دۆلەتنىڭ مەخپىيىتى"گە تەۋە دەپ قاراپ، بۇ ئىلتىماسنى رەت قىلغان.
تەتقىقات نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، غۇلپىياز قىيامى ئادەم بەدىنىدىكى ئۆسمە ھۈجەيرىلىرى كۆتەكلىرى (قالدۇقلىرى)نىڭ بەدەن سىرتىدا ئۆسۈشى ۋە كۆپىيىشىنى كونترول قىلالايدىكەن. شوخلا، يېسسىۋېلەك، چېچەكسەي، سەۋزە، پىياز، تۇرۇپ، قىزىلمۇچ، تاۋۇز، ئەنبەھ (مانگو)، كۇلى بېھىلىرىنىڭ تەركىبىدە راكقا قارشى، بىيولوگىيەلىك مىكرو ئاكتىپچانلىققا ئىگە تەركىبلەر بار بولۇپ، بۇلار ئۆسمە ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئۆسۈشى ۋە كۆپىيىشىنى توسقاندىن سىرت، بەزى راك پەيدا قىلغۇچى ماددىلارنىڭ رولىنى كونترول قىلالايدۇ. نۆۋەتتىكى ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، كۆكتات، مېۋە – چىۋىلەر تەركىبىدىكى كۆپ مىقدارلىق تالالار بىر قىسىم راك كېسەللىكلىرى، بولۇپمۇ ئەمچەك راكى، دوۋساق راكى، مەزى بېزى راكى ۋە بىرلەمچى جىگەر راكىنىڭ يۈز بېرىش خەتىرىنى ئازلىتالايدىكەن.
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved