ئىقتىساد كۆزىتىش تورى، مۇخبىر خۇ فاڭ جىي
ئۆتكەن يىلنىڭ 11- ئيېدىن باشلاپ، بېيجىڭنىڭ نىمكەش ئۆي بازىرىدا كۆرنەرلىك تۆۋەنلەش كۆرۈلدى، بۇ ئۆزگىرىشنىڭ يۆنىلىشى، بۇيىلقى يېڭى پەسلدىمۇ ئۆزگەرمىدى. بۇ يىل 4- ئاينىڭ ئالدىنقى يىرىمىدىكى ئەھۋالدىن قارىغاندا، بازار ئەھۋالىدا يەنە تېز سۈرەتتە تۆۋەنلەش كۆرۈلۋىتىپتۇ.
بېيجىڭ جوڭ يۈەن (中原) ئۆي - مۈلۈك تەتقىقات ئورنىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، 2014 - يىلى 1 -ئاينىڭ - 1 -كۈنىدىن باشلاپ، 4 - ئاينىڭ - 8 كۈنىگىچە، بېيجىڭدىكى نىمكەش ئۆيلەرنىڭ سېتىلىشى 24666 يۈرۈش بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %66.7 تۆۋەنلىگەن.
بۇ سان 2012 - يىلى ئوخشاش مەزگىلىدكى 20753 يۈرۈشكە سېلىشتۇرغاندا ئازراقلا يۇقىرى چىققان، بىراق 2009 - يىلدىن بۇيانقى ئىككىنچى ئەڭ تۆۋەن نۇقتىنى ياراتقان.
ئەمما بۇ يىل 4- ئاينىڭ ئالدىنقى يىرىمدا( 1 - چىسلادىن 14- چىسلاغىچە)، بېيجىڭدىكى نىمكەش ئۆيلەرنىڭ توختام ئىمزالانغان يۈرۈش سانى 2964 يۈرۈش بولۇپ، 2009- يىلدىن بۇيانقى ئوخشاش مەزگىلدىكى ئەڭ تۆۋەن نۇقتىنى ياراتقان.
يۇقىرىدكى سانلىق مەلۇماتلاردىن شۇنى كۆرۋىلىشقا بولىدىكى، 2014 - يىلى بېيجىڭدىكى نىمكەش ئۆيلەرنىڭ سېتىپ چىقىرىلىش سانىدا ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن چوڭ تۆۋەنلەش كۆرۈنۈپلا قالماي، ئەكىسچە يەنە يىقىن ئالتە يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن نۇقتا، ياكى ئىككىنچى ئەڭ تۆۋەن نۇقتىنى ياراتقان.
باھا جەھەتتىن قارىغاندا، جوڭ يەن ئۆي مۈلۈكىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانساق، 4- ئاينىڭ ئالدىنقى ئىككى ھەپتىسىدە، بېيجىڭدىكى نىمكەش ئۆيلەرنىڭ سېتىلىش باھاسى تەخمىنەن 3.1 تۈمەن بولغان، 3- ئايدىكى سېتىكىش باھاسى 3.14 تۈمەنگە سېلىشتۇرغاندا، ٪1.2 چۈشكەن.
سىتاستىكىلانغان سانلىق مەلۇماتلارغا قارىساق، سېىتىلىش مىقدارىدىكى چۈشۈش كۆرنەرلىك بولغان، ئەمما باھاسىدا كۆرنەرلىك چۈشۈش بولمىغان، پەقەت ئازراقلا تەڭشەلگەن.
گەرچە ئومومىي سىتاستىكىلانغان سانلىق مەلۇماتتىكى ئۆزگىرىشلەر كۆرنەرلىك بولمىسىمۇ، ئەمما يەككە مەھەللىلەر مەلۇم قىلغان نىمكەش ئۆيلەرنىڭ باھاسى، سېتىلىش ئەھۋالىدىن قارىغاندا، كۆرنەرلىك چۈشۈش ئاللىبۇرۇن شەكىللەنگەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved