شىنلاڭ تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى .
5-ئاينىڭ 4-كۈنىدىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەردە دوكلات قىلىنىشىچە ، تۈركىيە ھەققانىيەتچى ۋە تەرەققىياتچىلار پارتىيىسى قارار چىقىرىپ ،تۈركىيەدىكى پارتىيە ئەزاسىنىڭ ئۇدا ئۈچ يىل ۋەزىپىگە ئولتۇرشىنى چەكلەپ قويغان . بۇ دەل ھازىرقى تۈركىيە زۇڭلىسى ئەردوغاننىڭ تۈركىيە زۇڭتۇڭلۇق سايلىمىغا قاتنىشىدىغانلىقىنىڭ سىگنالى ئىكەن .
ئاخبارات ۋاستىلىرى ئىزچىل ئەردوغان ئۈستىدە مۇلاھىزە قىلىشىپ ،بەلكىم ئۇ تۈركىيە رېكورتىنى بۇزۇپ تۆتىنچى قېتىممۇ زۇڭلىلىق سايلىنىشى مۇمكىن دېگەن ، بىراق يېقىنقى كۈنلەردىكى ئايىقى ئۈزۈلمىگەن خەۋەرلەر ، ۋە مۇلاھىزىدە ئەردوغاننى زۇڭتۇڭلۇق سايلىمىغا چوقۇم قاتنىشىشى مۇمكىن دېيىلگەن . بۇ قېتىملىق تۈركىيە زۇڭتۇڭى سايلىمى بولسا بۇ يىل 8-ئايدا ئېلىپ بېرىلىدىكەن .
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved