يېقىندا ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى ئوتۇنكوزا (ۋۇجياچۈ) 750 كىلوۋولتلىق توك يەتكۈزۈش ترانسفورموتور قۇرۇلۇشى بىلەن ‹‹خېڭليەن›› كۆيگەنتاغ ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ 750 كىلوۋولتلىق توك يەتكۈزۈش تىرانسفورموتور قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت ئىككى ئېلېكتىر تورىنى ئۇزارتىش تۈرىنى تەستىقلىدى. بۇ، بۇ ئىككى تۈردە قۇرۇلۇش باشلىنىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
920 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىدىغان ئوتۇنكوزا (ۋۇجياچۈ) 750 كىلوۋولتلىق توك يەتكۈزۈش تىرانسفورموتور قۇرۇلۇشى بىلەن 193 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىدىغان ‹‹خېڭليەن›› كۆيگەنتاغ ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ 750 كىلوۋولتلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىدا بۇ يىل ئىش باشلىنىپ، 2016 – يىلى پۈتكۈزۈلۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدىكەن.
بۇ ئىككى قۇرۇلۇش پۈتكەندىن كېيىن، ئوتۇنكوزا (ۋۇجياچۈ) شەھىرى، تاتلىقبۇلاق(گەنچۈەنباۋ) سانائەت رايونىنىڭ توك ئىشلىتىش ئېھتىياجى ۋە ‹‹خېڭليەن›› كۆيگەنتاغ ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ توك يەتكۈزۈش ئېھتىياجىنى قاندۇرىدىكەن. بۇ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 750 كىلوۋولتلىق ئېلېكتىر تورىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئېلېكتىر تورىنىڭ توك بىلەن تەمىنلەش ئىقتىدارى ۋە توك بىلەن تەمىنلەش بىخەتەرلىك كاپالىتىنى ئۆستۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved