شىنخۇا تورىنىڭ 22-مارتتىكى خەۋىرى، باغداش تورىدىن ئىرپان تەرجىمىسى:
گرېتسىيە مۇساپىرلار كىرىزىسى باشقۇرۇش ئورگىنى 21-مارت ئېلان قىلغان ئىستاتىستىكا سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، گەرچە ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە تۈركىيەنىڭ مۇساپىرلار كىرىزىسىنى ھەمكارلىشىپ ھەل قىلىش كېلىشىمى يولغا قويۇلغان بولسىمۇ، ئەمما شۇ كۈنى يەنىلا 1662 مۇساپىر تۈركىيە ئارقىلىق گرېتسىيەگە يېتىپ بارغان بولۇپ، 3-ئايدىن بۇيانقى ئوتتۇرىچە سەۋىيەدىن يۇقىرى بولغان.
سۇرىيە مۇساپىرلار كىرىزىسىنى باشقۇرۇش ئورگىنىنىڭ باياناتچىسى مېدىيەلەرگە بىلدۈرۈشىچە، مۇساپىرلارنىڭ يەنىلا زور ساندا كىرىشى ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىۋاتقان قىلمايۋاتقانلىقىغا گۇمان تۇغدۇرغان.
مەزكۇر ئورگاننىڭ ئىستاتىستىكا سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 21-مارتقىچە گرېتسىيەدە تۇرۇلغان مۇساپىرلار ۋە كۆچمەنلەر جەمئىي 50 مىڭ بولۇپ، بۇنىڭدا 13 مىڭ ئادەم گرېتسىيە ۋە ماكىدونىيە چېگراسىدىكى ۋاقىتلىق مۇساپىرلار لاگىرىدا، تەخمىنەن 13 مىڭ 500 ئادەم ئافىنا ھەمدە ئەتراپىدىكى رايونلاردا، تەخمىنەن 5500 ئادەم ئېگىي دېڭىزىدىكى ھەرقايسى ئاراللاردا ئىكەن.
![]() |
بۈگۈن بېيجىڭ شەھىرى شىياۋيىڭ شىمالىي يولىدا كېتىۋاتقان 569-يول ئاممىۋى ئاپتوبۇسىدا پارتلاش يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقە يۈز بەرگەندە ئاپتوبۇستا پەقەت شوپۇر ئۆزى يالغۇز ئىدى، ۋەقەدە شوپۇر يارىلانمىغان.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved