تېڭشۈن تورىنىڭ 22-مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن لوقمان تەرجىمىسى
بۈگۈن سەھەردە، ئالما شىركىتى ئەتىياز پەسىللىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى، بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئاشكارىلانغان 4 دىيۇملۇقiPhone SE ناملىق يېڭى تىپتىكى يانفۇننىڭ 16GB لىق نۇسخىسى 399 ئامېرىكا دوللىرى (خەلق پۇلىدا 2585 يۈەن)، 64GB لىق نۇسخىسى 499 ئامېرىكا دوللىرى (خەلق پۇلىدا 3234 يۈەن) سېتىلىدىكەن، 24 –مارت زاكاز قىلىشقا باشلاپ، 31-مارت رەسمىي سېتىلىشقا باشلايدىكەن.
چۈشەندۈرۈشكە ئاساسلانغاندا، iPhone 5SE جۇڭگو، ئاۋسترالىيە، كانادا، ئامېرىكا قاتارلىق 12 دۆلەت ۋە رايونلاردا تۇنجى بولۇپ تارقىتىلىدىكەن، 5-ئاينىڭ ئاخىرىدا 100 نەچچە دۆلەت ۋە رايونلارنى قاپلايدىكەن.
iPhone 5SEنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشى iPhone 5كە ئوخشايدىغان بولۇپ، iPhone 6Sكە ئوخشاش Apple A9 بىر تەرەپ قىلغۇچ ۋە M9بىر تەرەپ قىلغۇچ ئىشلىتىلگەن. 12 مىليون پېكسىللىق ئارقا كامېرا سەپلەنگەن، 4K سۈرەتكە تارتىشنى قوللايدۇ، NFC خەۋەرلىشىش ئىقتىدارىغا ئىگە، شۇنىڭ بىلە بىللە ئالما شىركىتى يەنە يېڭىدىن ئېلان قىلغان، يۇمشاق دېتال ئىقتىدارى Apple Payمۇ ئېكرانى كىچىك بۇ يانفۇننى قوللايدىغان قىلىپ لايىھەلەنگەن.
قاتتىق دېتال سەپلىمىسى جەھەتتە، iPhone SE « Hey Siri نۇرلۇق ئىقتىدارى»نى قووللايدۇ، باتارىيە، WiFi ئىقتىدارى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئىقتىدارى ئاشۇرۇلغان، VoLTE تىلىدا سۆزلىشىش ۋە WiFiدا سۆزلىشىشنى قوللايدۇ، iOS 9.3 مەشغۇلات سېستىمىسى ئىجرا قىلىنىدۇ.
![]() |
بۈگۈن بېيجىڭ شەھىرى شىياۋيىڭ شىمالىي يولىدا كېتىۋاتقان 569-يول ئاممىۋى ئاپتوبۇسىدا پارتلاش يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقە يۈز بەرگەندە ئاپتوبۇستا پەقەت شوپۇر ئۆزى يالغۇز ئىدى، ۋەقەدە شوپۇر يارىلانمىغان.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved