ئېلىمىز سەھنىلىرىدە چاقنىغان شىنجاڭلىق ‹‹بالا چولپان››لار

يىقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئېلىمىز سەھنىلىرىدە بىر نەچچە شىنجاڭلىق ئۆسمۈر ھەر قايسى جەھەتلەردىن تالانتىنى نامايان قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقى ئۈچۈن زور شەرەپ كەلتۈردى. بىز بالىلار بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلىمىز سەھنىلىرىدە كۆرۈنەرلىك نەتىجىگە ئېرىشكەن بۇ ‹‹بالا چولپان››لارنى زىيارەت قىلدۇق.

ئىنگلىزچە نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونى تۇغلۇق تۇرسۇن



تۇغلۇق تۇرسۇن 15 ياش، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 13 – ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى. ئۇ 2014 – يىلى 14 يېشىدا مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئۇيۇشتۇرغان چوڭ تىپتىكى ‹‹ئۈمىد يۇلتۇزى›› ئىنگلىزچە نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسىدە ‹‹ۋەتەنپەرۋەرلىك›› تېمىسىدا نۇتۇق سۆزلەپ، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ گۇرۇپپىسى بويىچە چېمپىيون بولغان. خەلقئارادىكى داڭلىق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ يۈز تۇرا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ، تۆت دۆلەتنىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە قوبۇل قىلىش چاقىرىقىغا مۇيەسسەر بولغان.
تۇغلۇق تۇرسۇن بۇ نەتىجىسى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: مەن كەلگۈسىدە چەت ئەلگە چىقىپ، تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەرنىڭ ئىلغار تەرەپلىرىنى ئۆگىنىپ كېلىپ، ئۇنى ئېلىمىز ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش مەقسىتىدە، ئومۇمىي پەنلەرنى تىرىشىپ ئۆگەنگەندىن سىرت، ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەردىم، تىل ئۆگىنىشتە ئىنگلىز تىلى ئوقۇتقۇچۇمنى ئۆزۈمگە ئۈلگە قىلىپ، ئۇنىڭ تەلەپپۇزى، قول ھەرىكەتلىرىدىن تارتىپ ئۆگىنىۋېلىشقا تىرىشتىم. مېنىڭ ئىنگلىز تىلىنى ئۆگىنىشىم تىل ئۆگىنىشكە بولغان قىزىقىشىمدىن بولغان، ھەرگىزمۇ مۇكاپاتقا ئېرىشىپ نام چىقىرىشنى مەقسەت قىلغان ئەمەس.


كىچىك چولپان بەرنا

بەرنا ئەنۋەر توققۇز ياش، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 1 – باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى. ئۇ كىچىكىدىن ناخشا – ئۇسسۇلغا ھېرىسمەن بولۇپ، تۆت ياش ۋاقتىدا مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ‹‹ئالاھىدە 1+6›› پىروگراممىسىغا قاتنىشىپ، يېقىملىق ئاۋازى، چېچەنلىكى بىلەن كېچىلىكتىكى ھەممە كىشىنى قايىل قىلغان. بەرنا ئەنۋەر 2011 – يىلىدىن بۇيان، شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى بەزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىلىرىنىڭ پىروگراممىلىرىغا قاتنىشىپ ھەر مىللەت تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن.


بەرنا سەنئەت سەھنىسىدىكى كىچىك چولپان بولۇپلا قالماي، يەنە خەير – ساخاۋەت ئىشلىرىغا ئاكتىپ قاتناشقۇچى. ئۇ تۇنجى قېتىم چىقارغان ناخشا پىلاستىنكىسىدىن قىلغان كىرىمىنى قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارنىڭ چۈشلۈك تامىقىنى ھەل قىلىشقا بەردى. يېقىندا تۇرپان شەھىرىنىڭ ئايدىڭكۆل يېزىسىدىكى يەمشى باشلانغۇچ مەكتىپىگە بېرىپ، بالىلاردىن بايراملىق ھال سوراپ، ئۇلارغا سوۋغا تەقدىم قىلدى ھەم ئويۇن قويۇپ بەردى. ئۇ يېقىندا بالىلار بايرىمىلىق خەير – ساخاۋەت ناخشا كېچىلىكى ئۆتكۈزۈپ، بارلىق بېلەت كىرىمىنى ئاپتونوم رايونلۇق ياشلار، ئۆسمۈرلەر تەرەققىيات فوندى جەمئىيىتى ئارقىلىق ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئوقۇشتا ياخشى، ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم قىلىپ، جۇڭگودىكى ئۆز ئالدىغا سەنئەت كېچىلىكى ئۆتكۈزگەن ئەڭ كىچىك چولپان، شۇنداقلا دۇنيادىكى ئۆز ئالدىغا خەير – ساخاۋەت كېچىلىكى ئۆتكۈزگەن ئەڭ كىچىك چولپان بولدى.


مۇنەۋۋەر پىيونېر ساباھەت

ساباھەت سەمەت 13 ياش، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 10 – باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى. ئۇ 2010 – يىلى مەملىكەت بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن 2 – نۆۋەتلىك‹‹ئۆسمۈرلەر ئۇسسۇل مۇسابىقىسى››دە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن. 2012 – يىلى مەملىكەت بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن ‹‹شىنجاڭلىق بالا، ئىناق جۇڭخۇا›› تېمىسىدىكى ئۆسمۈر – بالىلار سەنئەت مۇسابىقىسىنىڭ ئۇسسۇل، ناخشا تۈرىدە ئايرىم – ئايرىم ھالدا ئالتۇن مېدال ئالغان. 2012 – يىلى 10 – ئايدا ئاپتونوم رايون بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن ‹‹قوش تىل››دا نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسىدە بىرىنچى بولغان. قاراشەھەر ناھىيەسىدە تۇغۇلغان ساباھەت سەمەت ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ‹‹ئالاھىدە 1+6››پىروگراممىسى، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ‹‹1 – ئىيۇن››بالىلار بايرىمىلىق سەنئەت كېچىلىكى، بېيجىڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ‹‹مەن چولپان››پىروگراممىسى، ئەنخۇي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ‹‹ھەپتە ئاخىرى مەن ئەڭ چوڭ››پىروگراممىسى، جياڭشى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ‹‹قىزىل يۇلتۇز چاقنىدى››پىروگراممىسى، سۇمۇرغ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ‹‹لۇيۈ ئەھدىسى››پىروگراممىسى قاتارلىق پىروگراممىلارغا قاتناشقان. شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ بالىلار پىروگراممىلىرىدا كۆپ قېتىم رىياسەتچىلىك قىلغان ۋە نومۇر كۆرسەتكەن. ئۇ يەنە ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەننىڭ قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشكەن.
ساباھەت سەمەت ئارزۇسى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: مەن جاڭ چۈنشيەن بوۋام ۋە ئاتا – ئانامنىڭ مەندىن كۈتكەن ئۈمىدىنى ئاقلاش، ياراملىق ئادەم بولۇش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشىپ ئۆگىنىمەن.


ئىنگلىز تىلى ھەۋەسكارى ئەۋزەل شاۋكەت

ئەۋزەل شاۋكەت 14 ياش، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 16 – ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى. ئۇ بۇلتۇر 13 يېشىدا بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەتلىك باشلانغۇچ مەكتەپلەر ئىنگلىز تىلى بويىچە سەۋىيە سىناش مۇسابىقىسىدە ‹‹مۇھىت ئاسراشقا كۆڭۈل بۆلەيلى›› دېگەن تېمىدا نۇتۇق سۆزلەپ، باشلانغۇچ مەكتەپلەر گۇرۇپپىسى بويىچە بىرىنچى بولغان.
ئەۋزەل شاۋكەت كەمتەرلىك بىلەن مۇنداق دېدى: ئاتا – ئانام ۋە ئوقۇتقۇچۇم مېنى ئىزچىل قوللاپ ھەم ئىلھاملاندۇرۇپ بەرمىگەن بولسا، بۇنداق نەتىجىگىمۇ ئېرىشەلمىگەن بولاتتىم. بۇ پەقەت بىر قېتىملىق نەتىجە خالاس. مەن ئەمدى ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتىمەن، دەرسلەر كۈندىن – كۈنگە قىيىنلىشىۋاتىدۇ، شۇڭا مەن ھەممە پەنلەردە ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىش ئۈچۈن تېخىمۇ تىرىشىپ ئۆگىنىمەن.


كوچا ئۇسسۇلى ھەۋەسكارى سۈرئەت تاشپولات

سۈرئەت تاشپولات ئون ياش، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى پەرزەنتلەر باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى. ئۇ 2014 – يىلى ‹‹خۇشاللىق بىرېگادىسى›› پىروگراممىسىغا قاتنىشىپ، ئۆزىنىڭ كوچا ئۇسسۇلى جەھەتتىكى تالانتىنى نامايان قىلىپ، تېزلا ئېلىمىزدىكى داڭلىق بالا چولپانلارنىڭ بىرى بولۇپ قالغان. ئۇ‹‹جۇڭگو ياخشى ئۇسسۇلى›› پىروگراممىسىنىڭ تۇنجى قارارلىق تاللاش مۇسابىقىسىدە ئالاھىدىلىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، باھالىغۇچىلار ۋە تاماشىبىنلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن.

سۈرئەت تاشپولاتنىڭ ئاپىسى گۈلنار تۇرسۇن مۇنداق دېدى: ئوغلۇم ئىككى ياش ۋاقتىدىن باشلاپلا مۇزىكا ئاڭلىسا جىم تۇرالمايتتى. بەزىدە كوچىلاردىمۇ مۇزىكىغا ئەگىشىپ ئۇسسۇل ئويناپ كېتەتتى، بۇنداق چاغلاردا باشقىلاردىن خىجىل بولۇپ كېتەتتىم. مەن ئوغلۇمنىڭ قىزىقىشى بويىچە يەتتە ياشقا كىرگەندە ئۇنى ‹‹dsp ›› ئۇسسۇل كۇلۇبىغا ئاپىرىپ بەردىم. ئانچە ئۈزاق ئۆتمەيلا ئوغلۇم بۇ كۇلۇبنىڭ ئاساسلىق ئەزاسى بولۇپ قالدى. بالامنىڭ ئارزۇسى بويىچە ئۇنى ئىزچىل قوللاپ كەلدىم. ھازىر ئوغلۇم مېنى خۇشال قىلىدىغان نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن بولسىمۇ، مەن يەنىلا ئۇنىڭ ئۆگىنىشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، ئۇسسۇلنى دەرستىن سىرتقى ھەۋىسى قىلىشىنى، ھەقىقىي چولپان بولۇش ئۈچۈن ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئوينىسىلا كۇپايە قىلمايدىغانلىقىنى، ھەممە تەرەپتىن تەڭ يېتىلگەندىلا، ئاندىن ھەقىقىي چولپان بولالايدىغانلىقىنى دائىم ئەسكەرتىپ تۇرىمەن.



خەتكۈچلەر:
01-06-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
28-05-2016
سوخۇ تەنتەربىيەسى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:    ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، NBA دىكى لوس ئانجىلىس كۆل ئادىمى كوماندىسىدا 20 يىل توپ ئوينىغان گىگانت چولپان كوبى بىرايىنت گەرچە كەسپى ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرغىن...
27-05-2016
   يېقىندا، مەشھۇر سەنئەتكار مايكول جېكسوننىڭ ئاز ئۇچرايدىغان ئائىلە سۈرەتلىرى ئاشكارىلاندى، سۈرەتلەردە ئۇنىڭ ئايالى ۋە بالىلىرى بىلەن خۇشال-خۇرام ئويناۋاتقانلىقى ئەكس ئەتكەن. مايكول جېكسوننىڭ ئاز ئۇچرايدىغان ئائىل...
27-05-2016
    تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 5-ئاينىڭ 25-كۈنى ئالى يۈن رەسمىي ھالدا يېڭى تىزىملاتقان كارخانا ئابۇنىتلىرىغا com. ياكى xin. نامىدا ھەقسىز دائىرىلىك تور نامى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. بۇ دۆلەت ئىچىدىكى تۇنج...
27-05-2016
    شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى، ھىندىستان يېڭى دېھلى. 74 ياشلىق Guinness Rishi كۆپ تۈرلۈك دۇنيا رېكورتىنى ساقلىغۇچى بولۇپ، بەدىنىگە ئەڭ كۆپ بايراقنى چەكمە قىلىپ چېكىش رېكورتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
27-05-2016
يېقىندا جوۋچى ھەممە جايدا قارشى ئېلىنىشقا باشلىدى. بۇ قېتىم ئامېرىكا چىكاكودا ئومۇمىي مەشىقىگە قاتناشقاندىن كېيىن، ئالدى-كەينى بولۇپ كىلىتلار كوماندىسى، كۈلرەڭ ئېيىق كوماندىسى، قۇياش كوماندىسى ۋە كاتىر كوماندىسىدا سىناق مەشىققە قاتناشتى،...
26-05-2016
     شىرئەلىجاننىڭ گۈزەل ئايالى مۇنىرە ئىلگىرى مەركىزى تىياتىر ئىنىستىتۇتى 2011-يىللىق ئاكتىيورلۇق فاكۇلىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئىدى، بۇلتۇر يازدا ئەمدىلا ئوقۇشنى پۈتتۈرگەن مۇنىرە شىرئەلىجان بىلەن داغدۇغىلىق توي قىلدى. ...
26-05-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 24-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، نەچچە كۈن بۇرۇن ھوللىۋود چولپىنى، ئوسكار مۇكاپاتى ساھىبى لىئوناردو (Leonardo DiCaprio) ئامېرىكا كالىفورنىيە شىتاتى Palm شەھرىد...
26-05-2016
    5-ئاينىڭ 25-كۈنى سەھەر سائەت بىردە، داڭلىق ئايال يازغۇچى، ئەدەبىي تەرجىمان، چەتئەل ئەدەبىياتى تەتقىقاتچىسى، چىيەن جوڭشۇ ئەپەندىنىڭ خانىمى ياڭ جياڭ بېيجىڭ شيېخى دوختۇرخانىسىدا ئالەمدىن ئۆتتى.     يا...
26-05-2016
 ما يۈن بىر ئۇتۇق قازانغان كارخانىچى، ئۇنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى پەقەت دۆلەت ئىچىدىلا ئەمەس، بەلكى خەلقئارادىمۇ ئوخشاشلا يۇقىرى ھۆرمەتكە سازاۋەردۇر، باشقىسىنى دېمەيلا تۇرايلى، پەقەت ئۇنىڭ چەت ئەللىك دوست ئەربابلار بىلەن چۈشكەن خاتىرە سۈرەت...
26-05-2016
جۇرۇڭفا 80-يىللارنىڭ ئالتۇن دەۋرىدە كىشىنى ھۇزۇرلاندۇرىدىغان تىپىك روللارنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ياراتتى، ئۇ شەرق ئەرلىرىنىڭ سېھرى كۈچىنى ھەقىقىي نامايەن قىلدى. ئۇ 42 يىللىق كەسپى ھاياتىدا كۆپلىگەن ئوبرازلارنى يارىتىپ كۆرۈرمەنلەرنىڭ قەل...
Powered by Leglek