ئىككى ياشلىق مۇساپىر 2016-يىلدىكى تۇنجى قازا قىلغان مۇساپىر بولۇپ قالدى

     «ئوربىتا تورى ئۇنىۋېرسال خەۋىرى» ئەنگلىيە «مۇھاپىزەت گېزىتى»نىڭ 3-يانۋاردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، 40 مۇساپىر ئولتۇرغان كېمە گىرېتسىينىڭ ئاگاسونى ئارىلىغا مېڭىش يولىدا، خادا تاشقا سوقۇلۇپ كېتىپ، ئىككى ياشلىق ئوغۇل بالا بەختكە قارشى قازا قىلغان، شۇنىڭ بىلەن بۇ بالا بۇ يىلقى ياۋروپاغا بېرىش سەپىرىدە قازا قىلغان تۇنجى مۇساپىر بولۇپ قالغان.

     خەۋەردە دېيىلىشىچە، كېمە تاڭ سەھەردە تۈركىيەدىن يولغا چىققان بولۇپ، گىرېتسىيەنىڭ ئاگاسونى ئارىلىغا مېڭىش سەپىرىدە خادا تاشقا سوقۇلۇپ كەتكەن، ئىككى ياشلىق ئوغۇل بوۋاق سۇغا چۈشۈپ كېتىپ بەختكە قارشى قازا قىلغان. قالغان 39 يولۇچىنى شۇ جايدىكى بېلىقچىلار قۇتۇلدۇرۇۋالغان، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئون نەپەر ھايات قالغۇچىنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسى زىيادە تۆۋەن بولغانلىقتن، دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلىپ داۋالىتىلغان. قازا قىلغان بوۋاقنىڭ ئاپىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھايات قالغۇچىلار، 50 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى سامۇس ئارىلىغا جايلاشقان پېتگور ئاپورتىغا ئېلىپ بېرىلغان.

     ئىگىلىنىشىچە، مۇساپىرلارنىڭ دېڭىز يولى بىلەن ياۋروپاغا بېرىشىغا بار كۈچى بىلەن ياردەم قىلىۋاتقان چەتئەللىك كۆچمەنلەرنى قۇتقۇزۇش پونكىتى دەرھال قۇتقۇزۇش كېمىسى ئەۋەتكەن ھەمدە گىرېتسىيە دېڭىز قىرغىقى قوغدىنىش ئەترىتى بىلەن بىرلىكتە دېڭىزدا تۇرۇپ قالغان مۇساپىرلارنى بىخەتەر جايغا ئاپىرىپ قويغان. دېڭىز قىرغىقى قوغدىنىش ئەترىتىنىڭ دېيىشىچە، بېلىقچىلار ئوغۇل بوۋاقنىڭ جەسىتىنى دېڭىزدىن سۈزۈۋالغان. نۆۋەتتە ھايات قالغان مۇساپىرلارنىڭ دۆلەت تەۋەلىكى ئېنىقلانمىغان.

     چەتئەللىك كۆچمەنلەرنى قۇتقۇزۇش پونكىتىنىڭ بەرپا قىلغۇچىسى كىرىستوف كاتلانب: «مەن كەلگۈسىدە قانداق قورقۇنچلۇق ئىشلارنى يۈز بېرىشىنى تەسەۋۋۇر قىلىشقا ئامالسىز قالدىم. بۈگۈن بىز ھازىرغا قەدەر داۋاملىشىۋاتقان مۇساپىرلار كىرىزىسىدا كۆپلىگەن بالىلارنىڭ قازا قىلغانلىقىدەك پاجىئەنى كۆرۈپ تۇرۇپتىمىز، بۇ تىراگېدىيە بىزگە نەچچە ئون مىليون ئادەمنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن پاجىئەلىك ئەھۋالغا ئۇچراۋاتقانلىقىدەك ئاچچىق رىئاللىقىنى نامايەن قىلماقتا» دېدى.

     كۆپلىگەن مۇساپىرلار ۋە كۆچمەنلەر قىش پەسلىدىكى سۆڭەكتىن ئۆتىدىغان دېڭىز سۈيىگە، ئۆركەشلەپ ئېقىۋاتقان دولقۇنغا قارىماي، جېنىنى ئالىقانغا ئېلىپ قويۇپ، تۈركىيەدىن يولغا چىققىنىچە، ئېگېي دېڭىزىدىن كېسىپ ئۆتۈپ، گىرېتسىيەگە بېرىۋېلىشنى ئۈمىد قىلماقتا. ئىگىلىنىشىچە، 2015- يىلى جەمئىي 1 مىليون مۇساپىر تۈركىيە ۋە شىمالىي ئافرىقىدىن كېمىگە ئولتۇرۇپ ياۋروپاغا بېرىپ جاھاندارچىلىق قىلىشقا ئاتلانغان، بۇنىڭ ئىچىدىكى كۆپ قىسىم مۇساپىرلار سۈرىيە، ئافغانىستان ۋە ئىراقتىن كەلگەن بولۇپ، ئۇلار ۋەتىنىدىكى ئايىغى چىقماس ئۇرۇشتىن جاق تويغاچقا مۇساپىر بولۇش يولىنى تاللىغان، 3600 دىن كۆپرەك كىشى ياۋروپاغا بېرىش سەپىرىدە قازا قىلغان.



خەتكۈچلەر:
05-01-2016
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
28-05-2016
سوخۇ تەنتەربىيەسى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:    ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، NBA دىكى لوس ئانجىلىس كۆل ئادىمى كوماندىسىدا 20 يىل توپ ئوينىغان گىگانت چولپان كوبى بىرايىنت گەرچە كەسپى ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرغىن...
27-05-2016
   يېقىندا، مەشھۇر سەنئەتكار مايكول جېكسوننىڭ ئاز ئۇچرايدىغان ئائىلە سۈرەتلىرى ئاشكارىلاندى، سۈرەتلەردە ئۇنىڭ ئايالى ۋە بالىلىرى بىلەن خۇشال-خۇرام ئويناۋاتقانلىقى ئەكس ئەتكەن. مايكول جېكسوننىڭ ئاز ئۇچرايدىغان ئائىل...
27-05-2016
    تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 5-ئاينىڭ 25-كۈنى ئالى يۈن رەسمىي ھالدا يېڭى تىزىملاتقان كارخانا ئابۇنىتلىرىغا com. ياكى xin. نامىدا ھەقسىز دائىرىلىك تور نامى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. بۇ دۆلەت ئىچىدىكى تۇنج...
27-05-2016
    شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى، ھىندىستان يېڭى دېھلى. 74 ياشلىق Guinness Rishi كۆپ تۈرلۈك دۇنيا رېكورتىنى ساقلىغۇچى بولۇپ، بەدىنىگە ئەڭ كۆپ بايراقنى چەكمە قىلىپ چېكىش رېكورتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
27-05-2016
يېقىندا جوۋچى ھەممە جايدا قارشى ئېلىنىشقا باشلىدى. بۇ قېتىم ئامېرىكا چىكاكودا ئومۇمىي مەشىقىگە قاتناشقاندىن كېيىن، ئالدى-كەينى بولۇپ كىلىتلار كوماندىسى، كۈلرەڭ ئېيىق كوماندىسى، قۇياش كوماندىسى ۋە كاتىر كوماندىسىدا سىناق مەشىققە قاتناشتى،...
26-05-2016
     شىرئەلىجاننىڭ گۈزەل ئايالى مۇنىرە ئىلگىرى مەركىزى تىياتىر ئىنىستىتۇتى 2011-يىللىق ئاكتىيورلۇق فاكۇلىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئىدى، بۇلتۇر يازدا ئەمدىلا ئوقۇشنى پۈتتۈرگەن مۇنىرە شىرئەلىجان بىلەن داغدۇغىلىق توي قىلدى. ...
26-05-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 24-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، نەچچە كۈن بۇرۇن ھوللىۋود چولپىنى، ئوسكار مۇكاپاتى ساھىبى لىئوناردو (Leonardo DiCaprio) ئامېرىكا كالىفورنىيە شىتاتى Palm شەھرىد...
26-05-2016
    5-ئاينىڭ 25-كۈنى سەھەر سائەت بىردە، داڭلىق ئايال يازغۇچى، ئەدەبىي تەرجىمان، چەتئەل ئەدەبىياتى تەتقىقاتچىسى، چىيەن جوڭشۇ ئەپەندىنىڭ خانىمى ياڭ جياڭ بېيجىڭ شيېخى دوختۇرخانىسىدا ئالەمدىن ئۆتتى.     يا...
26-05-2016
 ما يۈن بىر ئۇتۇق قازانغان كارخانىچى، ئۇنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى پەقەت دۆلەت ئىچىدىلا ئەمەس، بەلكى خەلقئارادىمۇ ئوخشاشلا يۇقىرى ھۆرمەتكە سازاۋەردۇر، باشقىسىنى دېمەيلا تۇرايلى، پەقەت ئۇنىڭ چەت ئەللىك دوست ئەربابلار بىلەن چۈشكەن خاتىرە سۈرەت...
26-05-2016
جۇرۇڭفا 80-يىللارنىڭ ئالتۇن دەۋرىدە كىشىنى ھۇزۇرلاندۇرىدىغان تىپىك روللارنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ياراتتى، ئۇ شەرق ئەرلىرىنىڭ سېھرى كۈچىنى ھەقىقىي نامايەن قىلدى. ئۇ 42 يىللىق كەسپى ھاياتىدا كۆپلىگەن ئوبرازلارنى يارىتىپ كۆرۈرمەنلەرنىڭ قەل...
Powered by Leglek