3-يانۋار، ئامېرىكا تېكساس شىتاتىدىكى بىر ئانا ئۆزىنىڭ ئىككى گۆدەك قىزىدىن پايدىلىنىپ بالىلار شەھۋانىي ئەسەرلىرى ئىشلىگەن جىنايىتىنى ئىقرار قىلدى. ۋانېسسا پاترىكا گانۇڭ بۇ يىل 31 ياش، ئۇ 3-فېۋرال سوتتا جىنايىتىنى ئىقرار قىلىپ، 40 يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى. ئىگىلىنىشىچە، ئەگەر گانۇڭ ئىزچىل تەشەببۇسكارلىق بىلەن جىنايىتىنى ئىقرار قىلمىشقا ئۇنىمىغان بولسا، سوت مەھكىمىسى پاكىتلارغا ئاساسەن ئۇنىڭغا مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىدىكەن.
گانۇڭ ئىزچىل ئۆزىنىڭ بەش ياشلىق ۋە يەتتە ياشلىق قىزىدىن پايدىلىنىپ شەھۋانىي سۈرەت ۋە سىن كۆرۈنۈشلىرىنى تارتىپ، ئىككى قىزىنى بەدىنىنىڭ تۆۋەن تەرىپى يالىڭاچ ھالدا شەھۋانىي ھەرىكەتلەرنى چىقىرىشقا مەجبۇرلىغان، بۇنىڭلىق بىلەنلا قالماي ئۇ يەنە بۇ شەھۋانىي سۈرەتلەرنى قۇرامىغا يەتكەن بىر ئەرگە يوللاپ بەرگەن. 2013-يىلى گانۇڭ ئاخىرى جىنايى قىلمىشلىرىنى يوشۇرۇپ قالالماي ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇلغان. باش تەپتىش ئەمەلدارى نان خۇفمان غەزەبلەنگەن ھالدا مۇنداق دېگەن: گانۇڭ پەقەت ئىككى بالىنى بۇ دۇنياغا ئاپىرىدە قىلغان قورال، ئۇ ئانا ئەمەس، بىز ئىككى بالىنىڭ ئاخىرى ئۇنىڭ ئىبلىس چاڭگىلىدىن قۇتۇلۇپ چىققىنىغا تولىمۇ خۇشال.
![]() |
ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 3-فېۋرالدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يېقىندا، ئەنگىلىيەلىك بىر جۈپ ئاشىق-مەشۇق بالىلار ئۈچۈن ھەقىقىي شاھزادە بىلەن مەلىكە رولىنى ئېلىپ، تويغا كېرەكلىك ...
|
![]() |
2-ئاينىڭ 5-كۈنى، سەنشى ئۆلكىسى شىئەن شەھىرى شۇيۇەنمېن، بىلىكى يوق خەتتات-جىيا ۋېيجۈن موي قەلەمنى ئۈزۈلۈپ كەتكەن بىلىكىگە باغلىۋىلىپ <مايمۇن يىلى قۇتلۇق بولسۇن!>، <يېڭى باھار كۆڭۈلدىكىدەك بولسۇن...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved