ۋاپادار قىز ئاپىسىنى ئىزدەشتىن قەتئىي ۋاز كەچمىدى

      1-ئاينىڭ 22-كۈنى،جۇڭگولۇق سودىگەرلەر گېزىتىنىڭ A10 بىتىدە، 24 ياشلىق شاڭنەنلىك قىز چېڭ يۆنىڭ ئۆيىدىن چىقىپ كەتكەن كېسەلچان ئاپىسىنى ئىزدەشنى قەتئىي توختاتمىغانلىقى، ئۇ شەنياڭدا ئاپىسىغا ناھايىتى ئوخشايدىغان ئىككى سەرگەردان ئايالنى بايقاپ، DNA تەكشۈرتۈپ ئاپىسى تونۇماقچى بولغانلىقى ھەققىدە خەۋەر بېرىلىپ، جەمئىيەتنىڭ دىققەت ئېتىبارىنى قوزغىغانىدى. 1-ئاينىڭ 26-كۈنى تەكشۈرۈش نەتىجىسى چىققان بولۇپ، بۇ ئىككى سەرگەردان ئايالنىڭ چىڭ يۆ بىلەن ھېچقانداق قانداشلىق مۇناسىۋىتى يوقكەن. چېڭ يۆ ئاپىسىنى داۋاملىق ئىزدەيدىغانلىقىنى، ھەرگىزمۇ ئاسانلىقچە بەل قويىۋەتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

      ئىككى سەرگەردان ئايالنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىسى ھەققىدە، 1-ئاينىڭ 26-كۈنى جۇڭگولۇق سودىگەرلەر گېزىتى مۇخبىرى شەنياڭ ناھىيىسى شىجاۋچۈەن يېزىلىق ھۆكۈمەت بىلەن ئالاقىلەشكەن بولۇپ، خىزمەت خادىملار مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «بۇنىڭدىن بۇرۇن بۇ ئىككەيلەننى ياشانغانلار ساناتورىيەسىگە ئاپىرىپ قويغانىدۇق، ئەمما ئۇ ئىككەيلەن باشقا ياشانغانلار بىلەن چىقىشالمىغاچقا، ئۇلارنى قۇتقۇزۇپ پونكىتىغا ئاپىرىپ تېخىمۇ ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇش ئۈچۈن، ئىككى كۈندىن بۇيان ناھىيىلىك خەلق ئىشلىرى تارماقلىرى بىلەن ئالاقىلىشىۋاتىمىز».

      چېڭ يۆ مۇنداق دېدى: «يېقىندىن بۇيان سەرگەردانلارغا كۆڭۈل بۆلىدىغان پىدائىيلار تەشكىلاتى قۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئۆز ئۆيىنى تېپىۋىلىشىغا ياردەم بېرىشنى ئويلىشىپ قالدىم». ئۇنىڭ بۇ ئويىغا قارىتا ئەتراپىدىكى ئۇرۇق-تۇققان، دوست-بۇرادەرلىرى ئۆز كۆز-قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

تاغىسى چېڭ سەيگۈي مۇنداق دېدى: «چېڭ يۆنىڭ ئاپىسىنى ئىزدىشىنى مەنمۇ قوللايمەن، ئەمما يەنىلا ئۇنىڭ بۇ ئىش بىلەنلا بولۇپ كەتمەسلىكى ھەققىدە نەسىھەت قىلىمەن، قانداقلا بولمىسۇن ئۇ تېخى ياش، ئۆز تۇرمۇشى بار».

چېڭ يۆنىڭ تولۇقسىز ئوتتۇرىدىكى ساۋاقدىشى چېڭ سىنلىڭ مۇنداق دېدى: «چېڭ يۆنىڭ ئاپىسى چوقۇم ئۇنىڭ ئۆزىنى ئىزدەپ ئۇيان-بۇيان چېپىپ يۈرۈشىنى ئەمەس، ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئاپىسىنى تېزراق تېپىۋىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئەمما بۇ ئىش بىلەنلا بولۇپ كېتىپ، ئىستىقبالىغا، كەسپىگە ۋە تۇرمۇشىغا تەسىر يەتكۈزۈپ قويمىسىكەن دەيمەن».

ئەتراپىدىكى ئۇرۇق-تۇققان، دوست-بۇرادەرلىرىنىڭ تەكلىپلىرىگە قارىتا چېڭ يۆ ئاپىسىنى ئىزدەشتە چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى، ئاسانلىقچە بەل قويىۋەتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «خىزمەتنى قاچانلا قىلىۋالسام بولىۋېرىدۇ، ئەمما ئاپامنى ئىزدەش دېگەن چوڭ ئىش. ئەگەر ھايات بولسا، ئۇنداقتا ئۇ نەدە؟ ھايات بولمىسا، زادى قايەردە ئالەمدىن ئۆتتى؟ مەن بۇلارنى ئېنىق بىلىشىم كېرەك».

      چېڭ يۆنىڭ ئاپىسىنى ئىزدەشتە چىڭ تۇرغانلىقىدەك خەۋەر جۇڭگولۇق سودىگەرلەر گېزىتىدە بېرىلىشى بىلەن، جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. تورداشلار مۇنداق دەپ سۆز قالدۇرۇشتى:

«ياخشى قىزىم، سىزدىن ناھايىتى تەسىرلەندىم. گۈزەل تىلەكلەر سىزگە يار بولسۇن، يوللىرىڭىز ئوچۇق بولسۇن. ئاپىڭىز بىلەن تېزرەك جەم بولىشىڭىزنى تىلەيمەن».

«جەمئىيەتتە بۇنداق ياخشى قىزلار كۆپرەك بولسا، بىچارە سەرگەردانلارمۇ ئازايغان بولاتتى».

      يەنە بەزى تورداشلار ئۇنىڭغا مۇنداق نەسىھەتلەرنى قالدۇرۇشتى:

    «چېڭ يۆ، قىسمەتلىرىڭىزگە ناھايىتى ئېچىندىم، ئەمما سىزدىن چوڭ بولۇش سۈپىتىم بىلەن ۋاقىتنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرىشىڭىزنى، بارلىق ۋاقتىڭىز ۋە زېھنىڭىزنى ئاپىڭىزنى ئىزدەشكىلا ئىشلەتمەسلىكىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن».

     بۇ ئىشقا قارىتا، جۇڭگولۇق سودىگەرلەر گېزىتىنىڭ مۇخبىرى چېڭ يۆ بىلەن ئۇچراشقان پىسخولوگىيە مۇتەخەسسىسىدىن ئەھۋال ئىگەللىدى، ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «چېڭ يۆ ئاپىسىنى ئىزدەشكە بەكلا بېرىلىپ كەتكەچكە، ئۇنى بۇ ئىشتىن توسۇپ نەسىھەت قىلغۇچىلارغا قارىتا زىتلىشىش كەيپىياتى شەكىللىنىدۇ، مەنمۇ ئىلگىرى ئۇنىڭغا پىسخولوگىيىلىك يېتەكلەش ئېلىپ بارماقچى بولغانىدىم، ئەمما نەتىجىسى ئانچە ياخشى بولمىدى. چېڭ يۆ قۇرامىغا يەتكەچ، ئۆزىنىڭ ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى بار. ئۇنىڭ ھازىرقى ھالىتىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ئالدىرىماي يېتەكچىلىك قىلىشقا توغرا كېلىدۇ، قىيىنچىلىقنى ھېس قىلدۇرغاندىن كېيىن، تاللاش ھوقۇقىنى ئۇنىڭ ئۆزىگە بېرىشىمىز كېرەك».



خەتكۈچلەر:
29-01-2016
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
ۋىكتورىيە بېكھام، 1974-يىلى 4-ئاينىڭ 17-كۈنى Hetfield دا تۇغۇلغان، ئەنگىلىيە ناخشا چولپىنى، مودا كىيىم لايىھىلىگۈچى. دۆلەت تەۋەلىكى: ئەنگىلىيە قان تىپى: O تىپلىق قان بوي ئېگىزلىكى: 163 سانتېمېتر ئېغىرلىقى: 43 كىلو...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     شۇ جاي ۋاقتى 6- ئاينىڭ 9- كۈنى ئەلىنىڭ قېرىنداشلىرى ئۇنىڭ تاۋۇتىنى كۆتۈرۈپ دەپنە مۇراسىمى نەق مەيدانىغا ئېلىپ كەلدى. شۇ كۈنى ئامېرىكىلىق بوكىس شاھى...
28-05-2016
سوخۇ تەنتەربىيەسى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:    ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، NBA دىكى لوس ئانجىلىس كۆل ئادىمى كوماندىسىدا 20 يىل توپ ئوينىغان گىگانت چولپان كوبى بىرايىنت گەرچە كەسپى ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرغىن...
27-05-2016
   يېقىندا، مەشھۇر سەنئەتكار مايكول جېكسوننىڭ ئاز ئۇچرايدىغان ئائىلە سۈرەتلىرى ئاشكارىلاندى، سۈرەتلەردە ئۇنىڭ ئايالى ۋە بالىلىرى بىلەن خۇشال-خۇرام ئويناۋاتقانلىقى ئەكس ئەتكەن. مايكول جېكسوننىڭ ئاز ئۇچرايدىغان ئائىل...
27-05-2016
    تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 5-ئاينىڭ 25-كۈنى ئالى يۈن رەسمىي ھالدا يېڭى تىزىملاتقان كارخانا ئابۇنىتلىرىغا com. ياكى xin. نامىدا ھەقسىز دائىرىلىك تور نامى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. بۇ دۆلەت ئىچىدىكى تۇنج...
27-05-2016
    شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى، ھىندىستان يېڭى دېھلى. 74 ياشلىق Guinness Rishi كۆپ تۈرلۈك دۇنيا رېكورتىنى ساقلىغۇچى بولۇپ، بەدىنىگە ئەڭ كۆپ بايراقنى چەكمە قىلىپ چېكىش رېكورتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
27-05-2016
يېقىندا جوۋچى ھەممە جايدا قارشى ئېلىنىشقا باشلىدى. بۇ قېتىم ئامېرىكا چىكاكودا ئومۇمىي مەشىقىگە قاتناشقاندىن كېيىن، ئالدى-كەينى بولۇپ كىلىتلار كوماندىسى، كۈلرەڭ ئېيىق كوماندىسى، قۇياش كوماندىسى ۋە كاتىر كوماندىسىدا سىناق مەشىققە قاتناشتى،...
26-05-2016
     شىرئەلىجاننىڭ گۈزەل ئايالى مۇنىرە ئىلگىرى مەركىزى تىياتىر ئىنىستىتۇتى 2011-يىللىق ئاكتىيورلۇق فاكۇلىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئىدى، بۇلتۇر يازدا ئەمدىلا ئوقۇشنى پۈتتۈرگەن مۇنىرە شىرئەلىجان بىلەن داغدۇغىلىق توي قىلدى. ...
26-05-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 24-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، نەچچە كۈن بۇرۇن ھوللىۋود چولپىنى، ئوسكار مۇكاپاتى ساھىبى لىئوناردو (Leonardo DiCaprio) ئامېرىكا كالىفورنىيە شىتاتى Palm شەھرىد...
26-05-2016
    5-ئاينىڭ 25-كۈنى سەھەر سائەت بىردە، داڭلىق ئايال يازغۇچى، ئەدەبىي تەرجىمان، چەتئەل ئەدەبىياتى تەتقىقاتچىسى، چىيەن جوڭشۇ ئەپەندىنىڭ خانىمى ياڭ جياڭ بېيجىڭ شيېخى دوختۇرخانىسىدا ئالەمدىن ئۆتتى.     يا...
Powered by Leglek