دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئېبولا يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش پىلانىنى ئېلان قىلدى

باش ئورگىنى جەنۋەگە جايلاشقان دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى 28-ئاۋغۇست ئېبولا يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش پىلانىنى ئېلان قىلىپ، ئالتە ئايدىن توققۇز ئايغىچە ئېبولا ۋىرۇسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان دۆلەتلەردە تارقىلىشى ۋە خەلقئاراغا كېڭىيىشىدىن ساقلىنىشنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى.


بۇ پىلاننى ئىجرا قىلىشقا كەلگۈسى ئالتە ئايدا 489 مىليون ئامېرىكا دوللىرى كېتىشى مۇمكىن، پىلاندا يۇقۇمنىڭ ئېغىر تەسىرىگە ئۇچرىغان دۆلەتلەردە، ئۈچ ئاي ئىچىدە يېڭىدىن كېسەل كۆپىيىش ۋە يېڭىدىن كېڭىيىش يۈزلىنىشىنى ئۆزگەرتىش؛ ئالتە ئايدىن توققۇز ئايغىچە يۇقۇمنىڭ پايتەخت، ئاساسلىق پورت ۋە باشقا رايونلارغا تارقىلىشىنى توسۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇنىڭدىكى ئاساسلىق تەدبىرلەر-كېسەلگە دىياگنوز قويۇش، باشقۇرۇش، كۆزىتىش، دەپنە قىلىشنى قېلىپلاشتۇرۇش ۋە مەھەللىلەر قاتنىشىش قاتارلىق يۈرۈشلۈك ئارىلىشىش ۋاسىتىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.


پىلاندا يېڭىدىن يۇقۇم پەيدا بولغان دۆلەتلەردە جىددىي لايىھەنى يولغا قويۇپ، دەسلەپ بايقالغان كېسەللەرنىڭ يۇقۇم تارقىتىشىنى سەككىز ھەپتە ئىچىدە توسۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. پىلاندا ئېبولا يۇقۇمىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان دۆلەتلەرنىڭ قوشنىلىرى ھەم خەلقئارا قاتناش مەركەزلىرىدە، بىر ئاي ئىچىدە مۇكەممەل بولغان يۇقۇمنى تەكشۈرۈش تەييارلىقى ۋە جىددىي لايىھەنى ئوتتۇرىغا قويۇش بېكىتىلدى.


كونكرېت ئىجرا جەھەتتە، پىلاندا سىجىللىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدىغان ئادەم كۈچى بايلىقىنى تەڭشەپ، تەجرىبىخانىدا تېزدىن تەكشۈرۈپ، شەخسىي مۇداپىئە بۇيۇملىرى، دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى، جەسەت خالتىسى تەمىناتى قاتارلىق جەھەتلەردىكى خەلقئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.


دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى 28-ئاۋغۇست ئېلان قىلغان يۇقۇمنىڭ ئەڭ يېڭى ئەھۋالى ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشقا قارىغاندا، 26-ئاۋغۇستقىچە، گىۋىنىيە، لىبېرىيە، سېررالېئون، نىگېرىيەدە دىياگنوز قويۇلغان، گۇمان قىلىنغان ۋە يۇقۇملىنىشى مۇمكىن بولغان ئېبولا كېسىلى 3069 بولغان، 1552 ئادەم قازا قىلغان.

 


خەۋەردە مۇنداق دېيىلىدۇ: ئېبولا يۇقۇمى تېزدىن يامرىماقتا، %40 تىن ئارتۇق كېسەل ئۆتكەن 21 كۈندە پەيدا بولدى، نۆۋەتتە بۇ يۇقۇم بىلەن ئۆلۈش نىسبىتى %52 كە يەتتى، كونكرېت ئەھۋال جەھەتتە، سېررالېئوندىكى ئۆلۈش نىسبىتى %42، گىۋىنىيەدىكى ئۆلۈش نىسبىتىگە %66 بولدى.


ئېبولا ۋىرۇسى-ھازىرغىچە بايقالغان جانغا زامىن بولۇش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى ۋىرۇسلارنىڭ بىرى بولۇپ، تېخىچە ئۈنۈملۈك داۋالاش ئۇسۇلى تېپىلمىدى. بۇ ۋىرۇس ئېبولا قاناش قىزىتمىسى پەيدا قىلىدۇ، يوشۇرۇن مەزگىلى 20 كۈنگە يېتىدۇ. نۆۋەتتە بۇ ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىشنىڭ ئاساسلىق يوللىرى يۇقۇملانغۇچىنىڭ قېنى، ئاجراتمىلىرى ۋە باشقا بەدەن سۇيۇقلۇقى بىلەن بىۋاسىتە ئۇچرىشىش ياكى بۇ يۇقۇم بىلەن قازا قىلغۇچىنىڭ جەسىتى بىلەن ئۇچرىشىش بولماقتا.



خەتكۈچلەر:
30-08-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 6-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى،     ئامېرىكىنىڭ قاتاردا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دانا سىچېل (Dana Schell) شۇ جاي ۋاقتى 9-چىسلا ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ قاتارنى ھاقارەتلەش قى...
11-06-2016
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:    ئارگېنتىنا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 9-ئىيۇن ئاخبارات ئېلان قىلىپ، مالۋىناس تاقىم ئاراللىرىغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى قايتا تەكىتلىدى ھەمدە ئەنگلىيەنىڭ بۇ ئارالنىڭ تەۋە...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، پاكىستان ھەيدەرئاباد، شۇ كۈنى پاكىستاننىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا ئامېرىكىغا قارشى كۈچ كۆرسىتىش نامايىشى پارتلىغان بولۇپ، پاكىستان پۇقرالىرى ئامېرىكا دۆلەت بايرىقىنى كۆيدۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ پاكىستاندا ...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     شۇ جاي ۋاقتى 6- ئاينىڭ 10- كۈنى پاكىستاننىڭ سېند ئۆلكىسىنىڭ كاراچى شەھىرىدىكى بىر مەسچىتنىڭ چوڭ سايۋىنى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، بەش ئادەمنىڭ قازا قىلىشى ۋە ...
11-06-2016
پايدىلىنىش ئۇچۇرلىرى تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىللاردا مېكسىكا ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شىتاتىغا كىرىدىغان جۇڭگولۇق قانۇنسىز كۆچمەنلەر شىد...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى زاخاروۋا شۇ جاي ۋاقتى 10- ئىيۇن مۇنداق دېگەن: رۇسىيە ئۈچىنچى بىر تەرەپنىڭ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىگە قول تىقىشىنىڭ ۋەزىي...
10-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى، كامبودژا فنوم پېن، شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرى يۈزىگە چىرايلىق ھەم قېنىق پەرداز قىلىپ، جىن-شاياتۇنلارنى قوغلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم ئاغرىق-سىلاقتىن يىراق تۇرۇشىنى شۇنداقلا مول-ھوسۇل...
30-05-2016
شىنخۇا تورى 23- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: 2015- يىلى سەئۇدى ئەرەبسىتان ئاسىيا قىتئەسىدىكى دۆلەتلە...
Powered by Leglek