ئەنگىلىيە ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، جۇڭگودىكى ئۆي-مۈلۈك ماگناتى، جۇڭگودىكى ئەڭ كاتتا باي-ۋاڭ جىيەنلىن 80 مىليون فوندستېرلىڭ باھا بىلەن لوندوندىكى بايلار توپلاشقان ‹بايلار كوچىسى› دىن ھەشەمەتلىك تۇرالغۇ ئۆي سېتىۋالغان. ‹لوندون بايراق كەچلىك گېزىتى› نىڭ 18-چېسلادىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ۋاڭ جىيەنلىن ‹خانتاجى ئۆي-مۈلۈكچىلىكى› (Crown Estate) نىڭ قولىدىن بۇ ھەشەمەتلىك تۇرالغۇ ئۆينى سېتىۋالغان.
خەۋەرگە قارىغاندا، سابىق ئازادلىق ئارمىيىنىڭ ئوفېتسىرى- ۋاڭ جىيەنلىن يەنە 50 مىليون فوندستېرلىڭ مەبلەغ سەرپ قىلىپ ۋىكتورىيە ئوتتۇرا مەزگىلىدىكى بۇ قۇرۇلۇشنى قايتا بېزىتىدىكەن.
ۋاڭ جىيەنلىن بولسا جۇڭگو ۋەندا گۇرۇھىنىڭ باش دىرېكتورى بولۇپ، ئۇ رەھبەرلىك قىلىۋاتقان ۋەندا گۇرۇھى نۆۋەتتە لوندون شەھىرىنىڭ Vauxhall رايونىدا 700 مىليون فوندستېرلىڭ مەبلەغ سېلىنغان ئېسىل تۇرالغۇ ئۆي قۇرۇلۇشى تۈرى بىلەن شۇغۇللانماقتا.
ناۋادا ۋان جىيەنلىن يېڭىدىن سېتىۋالغان بۇ ھەشەمەتلىك ئۆيىگە كۆچۈپ كىرسە، ئۇنداقتا روسىيەلىك ماگنات، لوندون چېلسى پۇتبول كۇلۇبىنىڭ خوجايىنى- ئابلاموۋىچ ۋە نورۋېگىيە ئەلچىخانىسىغا قوشنا بولۇپ قالىدۇ.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى، ھىندىستان يېڭى دېھلى. 74 ياشلىق Guinness Rishi كۆپ تۈرلۈك دۇنيا رېكورتىنى ساقلىغۇچى بولۇپ، بەدىنىگە ئەڭ كۆپ بايراقنى چەكمە قىلىپ چېكىش رېكورتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved