خىزمەت، ئۆگىنىش، تۇرمۇشىڭىزغا نۇرغۇن قولايلىقلارنى ئېلىپ كېلىۋاتقان كومپيۇتېردىن چىقىدىغان رادىياتسىيەنىڭ تېنىڭىزگە قانچىلىك زىيان يەتكۈزىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟ ئىستاتىستىكىلارغا ئاساسلانغاندا، كومپيۇتېر ئېكرانىدىن كېلىدىغان رادىياتسىيە بىلەن ماگنىت مەيدانىنىڭ بەدەنگە، بولۇپمۇ ئاياللارغا بولغان تەسىرى بىر قەدەر چوڭ بولىدۇ.
مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، ئۇزاق ۋاقىت كومپيۇتېر ئالدىدا مەشغۇلات قىلىدىغانلاردا، بولۇپمۇ ئاياللاردا كومپيۇتېرنىڭ رادىياتسىيەسى تۈپەيلىدىن يېنىك بولغاندا باش ئاغرىش، بىئارام بولۇش، كۆز قىچىشىش، قۇرغاقلىشىش، تېرە قۇرغاقلىشىش، دانىخورەك پەيدا بولۇش، چاچ چۈشۈش، چاچ ئاقىرىش، ھەيز قالايمىقانلىشىش، ھەيز ۋاقتى ئۇزىراپ كېتىش ھەم قالقانبەز ھەرىكىتى بىلەن ئىچكى ئاجراتمىلار قالايمىقانلىشىش سەۋەبىدىن بولىدىغان ھەر خىل كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدىكەن. ئېغىر بولغاندا ئاق قان دانچىلىرى تۆۋەن بولۇش، مېڭىگە قان ۋە ئوكسېگىن يېتىشمەسلىك، ھامىلدار بولۇشىغا تەسىر قىلىش، بويىدىن ئاجراش، بالدۇر يەڭگىپ قويۇش، بالا غەيرىي تۇغۇلۇش قاتارلىق ئەھۋاللارنىڭ كۆرۈلۈش مۇمكىنچىلىكى كومپيۇتېر بىلەن مەشغۇل بولمايدىغانلارغا قارىغاندا يۇقىرى بولىدىكەن. شۇڭلاشقا، ئاياللار كومپيۇتېر مەشغۇلات ۋاقتىنى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئازايتىشى، كومپىيۇتېر رادىياتسىيەسىدىن ساقلىنىش كىيىملىرىنى كىيىۋېلىش، كۆز ۋە تېرىنى رادىياتسىيەدىن ساقلاپ، رادىياتسىيەدىن كېلىدىغان تۈرلۈك كېسەللىك ۋە يامان ئاقىۋەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.
![]() |
بالىلار نېمە سەۋەبتىن ‹‹ياغاچ قۇلاق›› بولۇپ قالىدۇ
مەريەمگۈل ئىمىت
بىر قىسىم ئاتا–ئانىلار بالىلىرىنى ‹‹گەپ ئاڭلىمايدىغان›› بولۇپ قالدى دەپ قاقشاپلا يۈرىدۇ. بەزى ئاتا–ئانىلار ئەتىدى...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved