بىزبالىلارنى قانداق تەربىيىلەش ھەققىدە كۆپ باش قاتۇرۇپ كەتتۇق، ئەمما بالىلاردىنمۇ ئۆگىنىشكە تېگىشلىك خىلى كۆپ ئىشلار بارلىقىنى ئويلاپ باققان ياكى سىناپ باققانلار بەك ئاز بولۇشى مۇمكىن.
ئەتراپىمىزدا غەمسىز ئويناپ يۈرگەن ئەشۇ سەبىيلەرگە دىققەت قىلغىنىمىزدا، ئۆزىمىزنىڭمۇ شۇنداق دەۋرىنىڭ بولغانلىقىنى ئەسلەپ قالىمىز. ئەلۋەتتە، غەمسىزلىكنىڭ نېمە ئىكەنلىكى ھەممىمىز بىلىمىز، ئەمما ۋاقىت ۋە مۇھىتنىڭ تەسىرىدە بىز ئۇنى ئاساسەن يوقىتىپ بولدۇق.
بىز بالىلىقتا قالدۇرۇپ كەتكەن غەمسىزلىكنى ھازىرقى بالىلارنىڭ ھۇجۇدىدىن تاپالامدۇق؟ بۇ تامامەن مۇمكىن. مېنىڭچەچەتئەللىك بالىلار تەتقىقاتىچلىرى يەكۈنلەپ چىققان بالىلاردىن ئۆگىنىشىمىزگە تېگىشلىك 15 تۈرلۈك ئىشنى سىناپ بېقىشىمىزغا ئەرزىگۈدەك:
1.ھازىرنىڭ ئۆزىدە ياشاش Be where you are
بالىلار ھەقىقەتەنمۇ ھازىرنىڭ ئۆزىنى قەدىرلىگۈچىلەردۇر. لېكىن قورامىغا يەتكەن بىزلەر بولساق، شادلىق پەيتلىرىمىزنى ئەتىگە، ئۆگۈنىگە، كىلەر ھەپتىگە ئورۇنلاشتۇرۇشقا كۆنۈپ كەتكەن. ئەمەلىيەتتە ھازىر دەل بەھىرلىنىشنىڭ پەيتى، ئۇنى باشقىچە بىرتەرەپ قىلىشنىڭ ئورنى يوق.
2. ھەرۋاقىت يېڭى نەرسىلەرنى ئۆگىنىش Learn something new
بىزئۆزىمىزچە بالىلارغا دائىم ئۆگىنىش ناھايىتى قىزىقارلىق ئىش دەپ تەلىم بېرىمىز. ئەمەلىيەتتە بالىلار بىرتال خامخەتتىن تارتىپ يېڭىچە بىر چىراي ئىپادىسىگىچە قەدەر يېڭى ئېقتىدارلارنى يېتىشتۈرۈپ ماڭالايدۇ.ئۇلاردىكى ئۆگىنىشتىن ھۇزۇرلىنىش تۇيغۇسىنى ئۆزىمىزدە يېتىلدۈرەلىسەك كارامەت ئىش بولغان بولاتتى.
3.بىخەتەر رايوندىن چىقىپ كېتىش Get out of your comfort zone
يېڭى ئايىغى چىققان بالا پۈتۈن بىركۈن خەۋپ-خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىدۇ، ئەمما ئاللىقاچان پىشىپ-يېتىلگەن بىز بولساق ئۆزىمىزنىڭ بېخەتەررايۇنىغا مۆكۈنىۋىلىشقا ئامراق. ئەگەرھەركۈنى بىزدە كوچىغا كالتە ئىشتان كېيىپ چىققاندىكىچىلىك جۈرئەت بولىدىغان بولسا، تۇرمۇشىمىزدا بۇرۇقتۇرمىچىلىق ئازبولغان بولاتتى.
4.رىتىم ئىزدەش Find the beat
قورامىغا يەتكەن كىشلەر ساقچى ماشىنىسىنىڭ سىگنالىدىن بەكمۇ بىزار، ئەمما بالىلارئۇنىڭ رىتىمىغا كەلتۈرۈپ ئۇسسۇل ئوينىيالايدۇ. بىزمۇ تۇرمۇش شاۋقۇنلىرى ئارىسىدىن ئۆزىمىزگە كېرەكلىك رېتىمىنى ئىزدەپ باقايلى.
5.كۈلۈمسىرىشى سىزنىڭكىدىن 27 ھەسسە كۆپ
تەتقىقاتلاردىن ستاتىكا ئېلىنشىچە بالىلار كۈندە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 400 قېتىم كۈلىدۇ، ھالبۇكى قورامىغا يەتكەنلەر بولسا ئاران 15 قېتىم كۈلىدۇ. كۈلكە – غەمسىزلىكنىڭ كاتالىزاتۇرى.
6.يامىشىش Climb things
بىركىچىك بالا ئۆزىنىڭ بىرجۈپ پۇتىنڭ كارامىتىنى بايقىغاندىن تارتىپلا، خىلمۇ-خىل نەرسىلەرگە يامىشىشنى باشلايدۇ. يەريۈزىدىن ھالقىپ چىققانلىكى نەرسىلەر ئۇلارنىڭ يامىشىش ئىلھامىنى قوزغىيالايدۇ. سىزبىرەر قورام تاش ياكى دەرەخكە يامىشىپ چىقىپ بېقىڭ، سىزچوقۇم ئۆزىڭىزنى ئالەمچە قۇدرەتلىك ھېس قىلىسىز.
7.تەبىئەتكە كۆڭۈل بۆلۈش Notice nature
ھەربىربالا چۈمۈلە، قۇش ۋە مامىكاپلارنى ھۆرمەتلەيدۇ. ئەممابىز قاچاندىن ئېتىبارەن بىتون ئورمانلىقتىكى مەخلۇققا ئايلىنىپ كەتتۇق؟ ئۆزىمىزنىڭ بالىلاردەك بۇ كەڭ-سىرلىق تەبىئەتنىڭ بىرئىلمىنتىغا ئايلاندۇرۇپ باقايلى.
8.قۇسۇرلىرىنى قۇبۇل قىلالايدۇ Embrace flaws
بالىلار ئۆزىنىڭ سەمىرىپ كەتكەنلىكىگە سىزگە قارىغاندا بەكەرەك دىققەت قىلىشىدۇ، ئەمما ئۇلار يەنىلا شۇنچە شاد-خورام ۋە خاتىرجەم.
9.تەسەۋۋۇرىنى جارى قىلىش Use imagination
بالىلار ئۆزىنىڭ تەسەۋۋۇر دۇنياسىدا سائەتلەپ ياشىيالايدۇ. ئۇلار خىيالىدا تايلاندقا بېرىپ پىل مىنىدۇ ياكى سەددىچىندە مارافونچە يۈگۈرەيدۇ…
بىزمۇ بالىلارچە تەسەۋۋۇر قىلىشنى ئۆگىنىپ باقايلى، بەلكىم بۇ تۇرمۇشىمىزنى رەڭدارلىققا تويۇندۇرغۇسى.
10.قائىدىلەردىن ھالقىش Be unpredictable
كىشىلەر دائىم كېچىك بالىلارنىڭ كېينكى قەدەمدە نېمە ئىش قىلىدىغانلىقىنى پەرەز قىلالمايدۇ. بەزى قائىدىلەرنى بۇزۇپ باقسىڭىز ھەيرانلىق بىلەن ئۆزىڭىزنىڭ شۇنچە ئەركىن ئىكەنلىكىڭىزنى بايقايسىز.
11.ئالقان ئۇرۇشۇپ تەبرىكلەش Hand out high-fives
بالىلاركىچىككىنە ئىشلاردىكى ئۇتۇقى ئۈچۈنمۇ، مۇسابىقىلەردە يەڭگەن سەبداشلاردەك ئۆزئارا ئالقان ئۇرۇشۇپ تەبرىكلىشىدۇ. كېلەر قېتىم خۇش خەۋەر ئاڭلىغىنىڭىزدا سىزمۇ باشقىلاربىلەن شۇنداق قىلىپ بېقىڭ. گەرچە بەك كېچىك ئىش ئۈچۈن بولسىمۇ، ئەمما بۇ ۋاقىتتىكى ھېسسىيات باك قالتىس بولىدۇ.
12.سۈرئەتنى ئاستىلىتىش Slow down
بالىلار شېرىن مىنۇتلارنى قانداق ئۆتكۈزۈشنى بىلىدۇ. ئۆزىڭىزگە يېتەرلىك ۋاقىت ئاجرىتىپ تۇرمۇشتىن بەھىرئېلىشنى سىناپ بېقىڭ، تۈگىمەس ئىشلار بىركۈن ئىچىدىكى بارلىق ئازادىلىكنى يۈتۈپ كەتمىسۇن.
13.ئىجادچانلىق Create
جىجاش، رەسىم سىزىش، قۇرۇلۇش قوراشتۇرۇش، يېزىقچىلىق قىلىش…كىچىك بالىلار بۇخىل پائالىيەتلەرنى ئىنتايىن ياقتۇرىدۇ. شۇنداق خۇشاللىق سىزئىجاد قىلغان ئىلمىنىتلارنىڭ ئارىسىدا بولىدۇ.
14.مەينەتلىشىش Get dirty
بالىلار ئۆزى قول سېلىش ئارقىلىق تۇرمۇشنى ھېس قىلىشتىن قورقمايدۇ.سىزمۇ ئۆزتۇرمۇشىڭىزدا لاي قەلئە، قۇم شەھەرلەرنى ياساپ بېقىڭ.
15.قائىدىسىزلىك Break the rules
خۇشاللىق دائىم قائىدە رامكىسىغا بېقىنمايدۇ. بالىلار ئۈچۈن كۈندە تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلەش غەلىتىلىك ئەمەس. سىزمۇ خۇشاللىقىڭىز ئۈچۈن بايرام ئويدۇرۇپ چىقىڭ.
خەنچە « پىسخىلوگىيە ۋە تۇرمۇش» تورژورنىلىدىن تەرجىمە قىلىندى
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved