رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى شويگۇ ئاخبارات باش ئىدارىسى ـــ «گرۇ»نىڭ يېڭى باشلىقى كوروبوۋغا بايراق تاپشۇردى.
جۇڭگو تورى، 3-فېۋرال خەۋىرى: رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تور بېكىتىنىڭ 2-فېۋرالدىكى ئېلان قىلغان خەۋەردە دېيىلىشىچە، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن پەرمانغا ئىمزا قويۇپ، لېيتېنانت گېنېرال ئىگور ۋالېنتىنوۋىچ كوروبوۋنىڭ رۇسىيە باش ئىشتابى ئاخبارات باش ئىدارىسى (گرۇ)نىڭ باشلىقىلىقىغا تەيىنلىگەن. «گرۇ»نىڭ باش ئىشتابى يېقىندا بايرام تاپشۇرۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن، دۆلەت مۇداپىئە مىنىسىتىرى شويگۇ «گرۇ»نىڭ بايرىقىنى كوبوروچغا تاپشۇرۇپ بەرگەن.
ئىگىلىنىشىچە، كوبوروۋ بىر «كونا ئاخبارات خادىمى» بولۇپ، يېڭى ۋەزىپىگە تەيىنلىنىشتىن ئىلگىرى «گرۇ»نىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، قوشۇمچە ئىستراتېگىيەلىك ئاخبارات باشقارمىسىنىڭ باشلىقى بولغان. رۇسىيە «سودىگەرلەر گېزىتى»نىڭ دېيىلىشىچە، گەرچە تاراتقۇلار كوبوروۋنىڭ قايسى پائالىيەتلەرگە قاتناشقانلىقىنى ئاشكارا خەۋەر قىلمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئىچكى قىسىمدىكى ئەربابلار ئۇنىڭ بىر «ئىنتايىن ھەل قىلغۇچ» شەخس ئىكەنلىكىنى بىردەك ئېتىراپ قىلغان.
رۇسچە «ئىزدەش تورى»دا كوروبوۋنىڭ ئاخبارات باش ئىدارسىدا ئوىشاش بولمىغان ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەنلىكى ئايان بولغان، ئۇ ئىلگىرى ئىدارسىنىڭ 1-مۇئاۋىن باشلىقى بولۇپ، ئىستراتېگىيەلىك ئاخبارات خىزمىتىگە مەسئۇل بولغان. خىزمەتتە كۆرۈنەرلىك نەتىجە ياراتقانلىقتىن 4-دەرىجىلىك «ۋەتەن تۆھپە مېدالى»، «ئالېكساندېر نېۋسكى تۆھپە مېدالى»، «باتۇرلۇق» مېدالى قاتارلىق شەرەپلەرگە ئېرىشكەن.
رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى شويگۇ ئاخبارات باش ئىدارىسى ـــ ‹‹گرۇ››نىڭ يېڭى باشلىقى كوروبوۋغا بايراق تاپشۇردى.
رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ئاخبارات باش ئىدارىسى ـــ ‹‹گرۇ››نىڭ يېڭى باشلىقى كوروبوۋ
2012-يىلى رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ئاخبارات باش ئىدارىسى ـــ ‹‹گرۇ››نىڭ يېڭى باش ئىشتابىنى كۆزدىن كەچۈرگەن.
2012-يىلى، رۇسىيە زۇڭلىسى مېدۋېدېۋ ئەينى چاغدىكى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى سېرديۇكوۋنىڭ ھەمراھلىقىدا رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ئاخبارات باش ئىدارىسى ـــ ‹‹گرۇ››نىڭ يېڭى باش ئىشتابىنى كۆزدىن كەچۈرگەن.
رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ئاخبارات باش ئىدارىسى ـــ ‹‹گرۇ››نىڭ سابىق باشلىقى سېرگۇڭ 58 يېشىدا خىزمەت ۋاقتىدا تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كەتكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved