شىمالى سىپرۇستا پرېزىدېنت سايلىمىنىڭ 2-باسقۇچى ئەتە باشلىنىدۇ

جاھان ئاگېنتلىقى 25-ئاپرېل خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: شىمالى سىپرۇس تۈرك جۇمھۇرىيتىدا يېڭى پرېزىدېنت سايلاش ئۈچۈن خەلقلەر ئەتە سايلام ساندۇقىغا بېرىپ بىلەت تاشلايدۇ. سايلامنىڭ ئىككىنجى باسقۇچىدا دۆلەت پرېزىدېنتى ۋە مۇستەقىل پرېزىدېنت نامزاتى دەرۋىش ئەر ئوغلى بىلەن يەنە بىر مۇستەقىل نامزات مۇستاپا ئاكىنجى رىقابەتلىشىدۇ.
شىمالى سىپرۇس تۈرك جۇمھۇرىيتىدە 19-ئاپرېلدا ئۆتكۈزۈلگەن پرېزىدېنت سايلىمى بىرىنجى باسقۇچىدا 7 نامزاتتىن ھېچبىرى لاياقەتلىك ئاۋاز 50% گە ئېرىشەلمىگەن. شۇنىڭ بىلەن ئىككىنجى باسقۇچلۇق سايلام ئۈچۈن ئەتە قايتدىن بىلەت تاشلايدۇ. سايلامغا ئىككى پارتىيەنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن مۇستەقىل نامزات دەرۋىش ئەر ئوغلى، بىرىنجى باسقۇچلۇق سايلامدا 107 مىڭ 741 لاياقەتلىك ئاۋازنىڭ يۈزدە 28.15% كە ئېرىشىپ سايلامدا بىرىنجى بولغان، مۇستاپا ئاكىنجى بولسا 26.94 % ئاۋازغا ئېرىشىپ ئىككىنجى بولغان. باشقا نامزاتلار پەرقلىق نىسبەتتە ئاۋازغا ئېرىشكەن. بۇ قېتىملىق ئىككىنجى باسقۇچلۇق سايلامدا ئەڭ كۆپ ئاۋازغا ئېرىشكەن ئىككى نامزات دەرۋىش ئەر ئوغلى بىلەن مۇستاپا ئاركىنجى رىقابەتلىشىدۇ. سايلامدا ئىككىنجى باسقۇچقا كىرەلمىگەن جۇمھۇرىيەتچى تۈرك پارتىيەسى بۇ قېتىمدا مۇستەقىل نامزات مۇستاپا ئاكىنجىنى قوللايدىغانلىقىنى جاكارلىدى. سايلامغا بىلەت تاشلاش ۋاقتى شۇ يەر ۋاقتى سائەت 08:00 دە باشلىنىپ 18:00 دە ئاخىرلىشىدۇ. شىمالى سىپرۇستا دۆلەت مىقياسىدا جەمئىي 176 مىڭ 980 بىلەت تاشلىغۇچى 693 بىلەت تاشلاش ئورنىدا بىلەت تاشلايدۇ. دۆلەت ئىچىدە سايلام ۋاقتىدا ھاراق ئىچىش، سېتىش چەكلىنىدۇ، بارلىق ئويۇنخانىلار تاقىلىدۇ.
ئەتە ئېلىپ بېرىلدىغان سايلام 1995 ۋە 2000 -يىللىرىدىكى سايلاملاردىن كېيىن ئىككىنجى باسقۇچقا قالغان ئۈچىنجى سايلام ھىسابلىنىدۇ. 1995-يىلىدا رائۇف دەنكتاش بىلەن دەرۋىش ئەر ئوغلى ئىككىنجى باسقۇچتا رىقابەتلىشىپ سايلامدا دەنكتاش غەلبە قىلغان ئىدى. 2000-يىلىدا بولسا دەنكتاش ۋە ئەر ئوغلى قايتىدىن ئىككىنجى باسقۇچلۇق سايلامغا قاتنىشىپ، ئىككىنجى باسقۇچتا ئەر ئوغلى نامزاتلىقتىن ۋاز كەچكەن، شۇنىڭ بىلەن دەنكتاش پرېزىدېنت بولغان.



25-04-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 6-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى،     ئامېرىكىنىڭ قاتاردا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دانا سىچېل (Dana Schell) شۇ جاي ۋاقتى 9-چىسلا ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ قاتارنى ھاقارەتلەش قى...
11-06-2016
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:    ئارگېنتىنا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 9-ئىيۇن ئاخبارات ئېلان قىلىپ، مالۋىناس تاقىم ئاراللىرىغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى قايتا تەكىتلىدى ھەمدە ئەنگلىيەنىڭ بۇ ئارالنىڭ تەۋە...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، پاكىستان ھەيدەرئاباد، شۇ كۈنى پاكىستاننىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا ئامېرىكىغا قارشى كۈچ كۆرسىتىش نامايىشى پارتلىغان بولۇپ، پاكىستان پۇقرالىرى ئامېرىكا دۆلەت بايرىقىنى كۆيدۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ پاكىستاندا ...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     شۇ جاي ۋاقتى 6- ئاينىڭ 10- كۈنى پاكىستاننىڭ سېند ئۆلكىسىنىڭ كاراچى شەھىرىدىكى بىر مەسچىتنىڭ چوڭ سايۋىنى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، بەش ئادەمنىڭ قازا قىلىشى ۋە ...
11-06-2016
پايدىلىنىش ئۇچۇرلىرى تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىللاردا مېكسىكا ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شىتاتىغا كىرىدىغان جۇڭگولۇق قانۇنسىز كۆچمەنلەر شىد...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى زاخاروۋا شۇ جاي ۋاقتى 10- ئىيۇن مۇنداق دېگەن: رۇسىيە ئۈچىنچى بىر تەرەپنىڭ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىگە قول تىقىشىنىڭ ۋەزىي...
10-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى، كامبودژا فنوم پېن، شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرى يۈزىگە چىرايلىق ھەم قېنىق پەرداز قىلىپ، جىن-شاياتۇنلارنى قوغلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم ئاغرىق-سىلاقتىن يىراق تۇرۇشىنى شۇنداقلا مول-ھوسۇل...
30-05-2016
شىنخۇا تورى 23- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: 2015- يىلى سەئۇدى ئەرەبسىتان ئاسىيا قىتئەسىدىكى دۆلەتلە...
Powered by Leglek