«ئوتتۇرا شەرق كۈندىلىك گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئاشقۇن تەشكىلات «ئىسلام دۆلىتى» قوراللىق ئۇنسۇرلىرى نۆۋەتتە شىمالىي ئافرىقا قوماندانلىق شتاب لىۋىيە سولت شەھىرىدە ئۇچقۇچىلىق ماھارەتلىرىنى ئۆگىنىۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئايروپىلاننىڭ ئۇچۇش ۋە قونۇش، رادار ۋە باشقا ئالاقە ئۈسكۈنىلىرى ئارقىلىق كونترول قىلىش مۇنارى بىلەن ئالاقىلىشىش قاتارلىقلار بار ئىكەن. تەكشۈرگۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، «ئىسلام دۆلىتى» مەشىق ئۈچۈن ئىشلەتكەن تەقلىدىي ئۇچۇش ماشىنىسى قەززافىينىڭ ھەربىي ئىسكىلاتىدىن بۇلاپ كېلىنگەنىكەن. ئەمما باشقا ئاخباراتچىلار «ئىسلام دۆلىتى» ئىشلەتكەن تەقلىدىي ئۇچۇش ماشىنىسىنىڭ پۈتۈنلەي يېڭى ئىكەنلىكىنى، باشقا دۆلەتلەردىن سېتىۋېلىنغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتقان. «ئوتتۇرا شەرق كۈندىلىك گېزىتى» لىۋىيەلىك يۇقىرى دەرىجىلىك ئوفىتسىرنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، «ئىسلام دۆلىتى» رەھبىرى بۇ يىل 10-ئايدا ئۇچۇشنى مەشىق قىلىدىغان تۇنجى تەقلىدىي ماشىنىنى سېتىۋالغانىكەن. ئۆتكەنكى ئىككى ھەپتىدە بىخەتەرلىك مۇلازىمەت بۆلۈمى سولت شەھىرى يىغقان ئەڭ يېڭى خەۋىرىدىن ئاساسلانغاندا، بىر دانە كۈرەشچى ئايروپىلان تەقلىدىي ماشىنىسى سولت شەھىرىگە يېتىپ كەلگەن بولۇپ، تىپى ئېنىق ئەمەس ئىكەن.
«ئىسلام دۆلىتى» ھەرىكىتىنى نازارەت قىلىدىغان بىر نەپەر بىخەتەرلىك خادىمىنىڭ ئېيتىشىچە، لىۋىيە ھاۋا ئارمىيەسى «ئىسلام دۆلىتى» مەشىق بازىسىنى پاچاقلىۋېتىشكە بىر قانچە قېتىم ئۇرۇنغان بولسىمۇ يەنىلا ھېچقانداق ئۈنۈمى كۆرۈلمىگەنىكەن.
ئەڭ يېڭى خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، «ئىسلام دۆلىتى» سولت شەھىرى ئەتراپىدىكى ئەسكەر كۈچىنى كۈنسايىن زورايتقانىكەن، بۇ يىل بېشىدا ئاران 200 ئەسكىرى بار بولۇپ، ھازىرغا كەلگەندە 5000 دىن ئارتۇق «ئىسلام دۆلىتى» ئەسكىرى بار ئىكەن. سولت شەھىرىدىكى بازىسى بولسا «ئىسلام دۆلىتى» نىڭ سۈرىيە ۋە ئىراق چىگراسى سىرتىدىكى بىرىنچى بازىسى بولۇپ، ياۋروپاغا ئىنتايىن يېقىن ئىكەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، نۆۋەتتە «ئىسلام دۆلىتى» نىڭ لىۋىيەدىكى بازىسىنىڭ يولۇچى ئايروپىلان ياكى كۈرەشچى ئايروپىلان سېتىۋالغانلىقى توغرىسىدا ئېنىق مەلۇمات يوق ئىكەن. ئەمما ئامېرىكا خەۋەر تورى Bretibart نىڭ ئېيتىشىچە، لىۋىيە دۆلەت ئىچىدىكى «ئىسلام دۆلىتى» دىكىلەر بىلەن ئوخشاش ئارزۇدىكىلەر ئاللىبۇرۇن كۈرەشچى ئايروپىلانغا ئىگە بولغانىكەن. لىۋىيە فەجر قوراللىق تەشكىلاتى «مىگ-25» توسىغۇچى ئايروپىلان ۋە «مىگ-23» كۈرەشچى ئايروپىلانىغا ئىگە بولغانىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved