ئېينىشتېين نېمە ئۈچۈن تىنىچ ئالەمدىن كېڭىيىۋاتقان ئالەمگە ئۆزگەرگەن؟
15-02-2015
0
897
يازغۇچى:
thumb

ئېينىشتېين 1931-يىلىغىچە ئالەمنى تىنىچ يەنى ئۆزگەرمەس دەپ قاراپ كەلگەن. كوچا رىۋايەتلىرىگە ئاساسلانغاندا، ئېينىشتېيننىڭ ئالەم تۇراقلىق دېگەن ئىدىيىسىنى ئۆزگەرتكەن كىشى ئامېرىكالىق ئاسترونومىيە ئالىمى Edwin Hubble بولۇپ، ئۇ ئېينىشتېينگە ناھايىتى چوڭ تېلېسكوپ ئارقىلىق ئالەمنىڭ يىراق يېرىدىكى يۇلتۇزلار سىستېمىسىدىن (Galaxy) بىزگە كېلىدىغان نۇرنىڭ قىزىل نۇر ئۆزگىرىشىنى ئۆلچەپ كۆرسەتكەنلىكى سەۋەب بولغان دەپ قارىلىدۇ.

 

بىراق ئەمەلىيەتتە ئېينىشتېين ئالەمگە بولغان ھەرخىل ئۆزگىرىشچان ئويلىرىنى بەشىدىن ئۆتكۈزۈپ ئاندىن كېيىن بۇ ئالەم كېڭىيىۋاتىدۇ دېگەن نەزەرىيە ئۇقۇمىغا يەتكەن. شۋېتسارىيەدىكى ETH Zurich ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ پروفېسسورى Harry Nussbaumer ياۋروپا فىزىكا ژۇرنىلىدا ماقالە ئېلان قىلىپ، ئېينىشتېيننىڭ ئوي-خىياللىرىنىڭ ئۆزگىرىشى شۇ ۋاقىتتىكى ناھايىتى داڭلىق ئاسترونومىيە ئالىملىرى ئىچىدىكى بىرقانچە كىشىلەر بىلەن مۇنازىرىلىشىش نەتىجىسىدە ۋۇجۇدقا كەلگەنلىكىنى يېشىپ چىقىدۇ.


ئېينىشتېين 1917-يىلى ئومۇمى نىسپىيلىك نەزەرىيىسىنى ئالەمگە قوللىنىپ، تەكشى تىنىچ ھالەتتە بوشلۇقنىڭ ئەگىرلىنىشى پەيدا بولىدۇ دېگەن يېڭى ئالەم نەزەرىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. بىراق بۇ چۈشەندۈرۈشىدە ناھايىتى كوپ مەسىلىلەر تۇغۇلىدۇ. ئەگەر ئېغىرلىق كۈچ بىردىن بىر كۈچ دەپ قارالسا، ئېينىشتېين پەرەز قىلغان ئالەم ھالاكەتكە ئۇچرايدۇ. مۇشۇ مەسىلىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئېينىشتېين ئالەم تۇراقلىق سانىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ بۇ قىيىن مەسىلىگە تاقابىل تۇرىدۇ.


يەنە بىر تەرەپتىن، ئالەم كېڭىيىۋاتىدۇ دېگەن شۇ ۋاقتىدىكى يېڭى پەرەزگە ئۇنۇڭ خېلى كوپ سەپداشلىرى قوللىغان بولسىمۇ، ئېينىشتېين ئۇنۇڭغا قاتتىق قارشى تۇرىدۇ. مەسىلەن، 1922-يىلى رۇسىيەلىك فىزىكا ئالىم Alexander Friedman، ئېينىشتېين تەڭلىمىسىنى قوللىنىپ، ھەرىكەتچان دۇنيانى چۈشەندۈرۈشكە بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. يەنە، 1927-يىلى بېلگىيەنىڭ ئاسترونومىيە ئالىمى Georges Lemaitre، ئاسترونومىيە ئالىملىرىنىڭ ئالەمنى تەكشۈرگەن نەتىجىلىرىنى ھەم ئومۇمى نىسپىيلىك نەزەرىيىسىنى بىرلەشتۈرۈپ، ئالەمنىڭ كېڭىيىۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ. بىراق، ئېينىشتېين، يۇقىرىدىكى ئىسپاتلارغىمۇ قايىل بولماي، ئالەمنىڭ تىنىچ تۇراقلىق ئىدىيىسىدە چىڭ تۇرىدۇ.


بىراق، 1931-يىلى 4-ئايدا، ئېينىشتېين، ئالەم كېڭىيىۋاتىدۇ دېگەن پەرىزىنى، Prussian ئىلىم-پەن جەمئىيىتىگە ئەۋەتكەن خېتىدە بىرىنچى بولۇپ ئېتىراپ قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، 1932-يىلى، ئېينىشتېين نەزەرىيە فىزىكا ئالىمى Willem de Sitter بىلەن بىرلىكتە ئالدىنقى ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە كەڭ قوللىنىپ كەلگەن يېڭى ئالەم نەزەرىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. بۇنۇڭ بىلەن ئېينىشتېين ئالەم تۇراقلىق سانىدىن ۋاز كېچىدۇ.

 

 

يەنىمۇ كوپ ئۇچۇرلارغا ئېرىشمەكچى بولسىڭىز تۆۋەندىكى ئۇلىنىشنى چېكىڭ.


http://phys.org/news/2014-02-ein ... tatic-universe.htm


 


خەتكۈچلەر:
15-02-2015
0
897
يازغۇچى:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
27-05-2015
0
244
thumb
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىي يادىكارلىق ئارخېئولوگىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ خادىمى داڭ جىخاۋ قەدىمىي قەبرىنى قازماقتا ماناس ناھىيە باۋجياديەن بازىرى خېيلياڭۋەن كەنتىدە بۇنىڭدىن 2000 يىللار ئىلگىرىكى ئۇرۇشقاق بەگلىكلەر دەۋرىگە مەنسۇپ ...
20-05-2015
0
175
thumb
2 – دۇنيا ئۇرۇشى ئىنسانىيەت تارىخىدىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ، زىيىنى ئەڭ ئېغىر بولغان بىر ئۇرۇش بولۇپ، ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ 60 نەچچە دۆلەت ۋە رايون ئۇرۇشقا قاتناشقان، 2 مىليارد كىشى(دۇنيا نوپۇسىنىڭ %80ىنى ئىگىلەيدۇ) ئاپەتكە ئۇچرىغان، ...
12-05-2015
0
189
thumb
گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركىل گەرچە 9-ماي موسكۋادىكى قىزىل مەيداندا ئۆتكۈزۈلگەن ھەربىي پاراتقا قاتناشمىغان بولسىمۇ، لېكىن 10-ماي يەنىلا موسكۋادا زىيارەتتە بولۇپ، رۇسىيە ۋەتەن ئۇرۇشى غەلىبىسىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە قاتناشتى ھەم رۇسىيە زۇڭتۇڭى پ...
12-05-2015
0
279
thumb
2-دۇنيا ئۇرۇشى ئىنسانىيەت تارىخىدىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ، زىيان ئەڭ ئېغىر بولغان بىر قېتىملىق ئۇرۇش، ئىلگىرى كېيىن بولۇپ 60 نەچچە دۆلەت ۋە رايون ئۇرۇشقا چېتىلىپ قالدى.بۇ ئەينى ۋاقىتتىكى دۇنيا نوپۇسىنىڭ %80 نى ئىگىلەيدىغان 2 مىليارد نوپۇسقا تەسىر...
10-05-2015
0
624
thumb
12-سىنتەبىر ھەربىي ئۆزگىرىشى سىياسىي جىنايەتلەر، قانلىق 1-ماي، چورۇم ۋە ماراش ۋەقەلىرى، پارلامېنتنىڭ تاقىۋېتىلىشى، ئىقتىسادى كىرزىس…. تۈركىيە تارىخىغا بازغاندەك ئۇرۇلغان سىياسىي مۇساپىنىڭ جەريانى. تۈركىيەنىڭ سىياسىي ۋە ئىجتىمائى ھايا...
30-04-2015
0
209
thumb
ئېتىرازچى ئامما 29-ئاپرېل ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگىتوندىكى پارلامېنت بىناسى ئالدىدا شوئار توۋلاپ، ئابې شىنزونىڭ كەچۈرۈم سورىشىنى تەلەپ قىلدى شىنخۇا تورى خەۋىرى: ئامېرىكا ۋاشىنگىتوندىكى نۇرغۇن جۇڭگو، كورېيە ئەلئارا تەشكىلاتلىرى شۇ يەر ۋاقتى ...
13-04-2015
0
327
thumb
ھىلارىي رودھام كىلىنتون، 1947-يىلى 26-ئۆكتەبىردە ئامېرىكىنىڭ ئىللىئونىس شىتاتى چىكاگو شەھىرىدە تۇغۇلغان. ئامېرىكا قوشما شىتاتىنىڭ 67-قېتىملىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولغان. 2001-2009-يىللىرى ئارىىسدا ئامېرىكا پارلامېنتىدا نيو يورك شىتاتى ۋە...
25-03-2015
0
633
thumb
‹‹پايدىلىنىش خەۋىرى تورى›› نىڭ 25-مارتتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىسپانىيە جائەن ئۇنىۋېرسىتېتى تەتقىقات ئەترىتى 4200 يىللىق تارىخقا ئىگە بىر ئايالنىڭ قالدۇق سۆڭىكىنى بايقىغان، مىسىرلىقلار بۇنى پۈتۈن دۇنيا بويىچە ئە...
21-03-2015
0
619
thumb
كەلپىن تارىم ئويمانلىقىنىڭ غەربىي شىمال چېتىگە، قىر تاغنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگە جايلاشقان. كەلپىن چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئونسۇغا قاراشلىق جاي ئىدى. 1902 – يىلى كەلپىن تەپتىش بېگى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، كەلپىن تارماق مۇداپىئە نائىب ھاكىمى قوي...
12-03-2015
0
572
thumb
سىنا تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى .ئەنگلىيە پۇتبول مۇسابىقىسىدىكى ئېچىنىشلىق دېلوغا چېتىشلىق باش مەسئۇل ساقچى يالغان سۆزلىگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى.1989-يىللىق خىلىسبۇرگ پۇتبول مۇسابىقىسىدىكى ئېچىنىشلىق دېلوغا چېتىشلىق ساقچى دائىرلىرىنىڭ...
Powered by Leglek