ھىلارىي كىلىنتوننىڭ سىياسى كەچمىشى

ھىلارىي رودھام كىلىنتون، 1947-يىلى 26-ئۆكتەبىردە ئامېرىكىنىڭ ئىللىئونىس شىتاتى چىكاگو شەھىرىدە تۇغۇلغان. ئامېرىكا قوشما شىتاتىنىڭ 67-قېتىملىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولغان. 2001-2009-يىللىرى ئارىىسدا ئامېرىكا پارلامېنتىدا نيو يورك شىتاتى ۋەكىلى بولغان. ھىلارىي كىلىنتون 1993-2001 يىللىرى ئارىسىدا ئامېرىكىنىڭ 42-نۆۋەتلىك پرېزىدېنتى بولغان بىل كىلىنتوننىڭ ئايالى. ھىلارىي كىلىنتوننىڭ كەسپى ئادۋۇكات، ئۇ دېموكراتچىلار پارتىيىسى ئەزاسى. ئۇ 2007-يىلى 20-يانۋاردا 2008-يىللىق ئامېرىكا پرېزىدېنت سايلىمىغا نامزات بولۇپ قاتناشقان ئەمما ئازراق پەرق بىلەن ئوباما پرېزىدېنت بولغان.
ھىلارىي كىلىنتون يولدىشى بىل كىلىنتوننىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئاخىرلىشىشىغا يېقىن مەزگىلدە نىيو يورك شىتاتى ۋەكىلى بولۇپ سىياسەت مەيدانىغا كىرگەن، ئۇ 2008-يىللى پرېزىدېنتلىق سايلىمىغا دېموكراتچىلاردىن نامزات بولۇپ قاتناشقان، ئەمما دېموكراتچىلاردىن بولغان يەنە بىر نامزات براك ئوباما 29 شىتاتتا كۆپ سانلىق ئاۋازغا ئېرىشىپ پرېزىدېنت بولۇپ سايلانغان، ھىلارىي كىلىنتون بولسا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەن.
ھىلارىي كىلىنتون سايلامدا مەغلۇپ بولۇپ، ئوبامانى قوللايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن بۇيان ئۇنىڭ قايتىدىن نامزات بولۇپ سايلامغا قاتنىشىشى قىززىق تېمىغا ئايلانغان. ھىلارىي كىلىنتون تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولغان مەزگىلنىڭ ئاخىرقى ئايلىىردا لىۋىيەنىڭ بىنغازى شەھىرىدىكى ئامېرىكا كونسولخانسى ھۇجۇمغا ئۇچراپ باش ئەلچى Christopher Stevens قاتارلىق 4 نەپەر ئامېرىكىلىق كونسولخانا خادىمى ھاياتىدىن ئايرىلغان،ھىلارىي كىلىنتون بۇ ۋەقە سەۋەبىدىن پارلامېنتتا جاۋابقا تارتىلغان، ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ يىتەرسىزلىكىنى قۇبۇل قىلىپ مەسئۇلىيتىنى ئۈستىگە ئالغان ئىدى. ئۇ ۋەقەنىڭ ھىلارىي كىلىنتوننىڭ نامزاتلىقىغا تەسىرى بولىدىغان ياكى بولمايدىغانلىقى قىززىق نوقتىغا ئايلانغان ئىدى. شۇنىڭدىن بۇيان ھىلارىي كىلىنتون جىمجىت شەكىلدە خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرغان بولۇپ، ئۇ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولغان مەزگىلدە رەسمى ئالاقە ئۈچۈن شەخسى ئىلخەت ئادرېسى ئىشلەتكەنلىكى يەنە بىر قېتىم قىززىق نوقتىغا ئايلانغان ئىدى. ۋە ئۇنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسى تالاش-تارتىش قىلىنغان ئىدى. تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى ھىلارىيدىن شۇ مەزگىلدە يازغان بارلىق ئىلخەت ئۇچۇرلىرىنى تاپشۇرۇشنى تەلەپ قىلغان ۋە ھىلارىي كىلىنتون بۇ تەلەپنى ئورۇندىغان. ئەمما ھىلارىيغا كۈچلۈك رەقىب بولمىغانلىقى ۋە دېموكرات پارتىيسىدىكى قوللاش بىلەن ئىلخەت مەسىلىسى ئۇنىڭ نامزات بولۇشىغا تەسىر كۆرسەتمەيدىغاندەك قىلاتتى.



13-04-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
27-05-2016
يېقىندا شەندۇڭ ئۆلكىسى دۇڭيىڭ شەھىرى لىجىن ناھىيىلىك ئارخىپ ئىدارىسى بەش پارچە يەر-زېمىن سېتىش-سېتىۋېلىش توختىمى  ۋە بىر پارچە يەر-زېمىن ئىسپاتىنى تاپشۇرۇۋالغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى ۋاقتى  ئەڭ بۇرۇن    بولغان توختام ...
26-05-2016
نۇر تورى تەرجىمىسى:    سۈرەتتە: 1991- يىلى 9- ئاينىڭ 21- كۈنى، باكۇدىكى بىر پۇقرا رۇسىيە بولشېۋىكلىرىنىڭ ئىنقىلابىي داھىيسى لېنىننىڭ سۈرىتىنى پالتا بىلەن چاناۋاتىدۇ.    1991- يلى 12- ئاينىڭ 25- كۈنى، سوۋېت...
24-05-2016
    لېنىنگرادنى مۇھاسىرىگە ئېلىش ئۇرۇشى بولسا ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا ناتسىست گېرمانىيەسى لېنىنگراد ( ھازىر سانكىت پېتىربورگ دەپ ئاتىلىدۇ) نى ئىشغال قىلىش ئۈچۈن يولغا قويغان ھەربىي ھەرىكەت. مۇھاسىرىگە ئېلىش 1941-يىلى9-ئاين...
24-05-2016
    ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشنىڭ غەلبىسى جۇڭگونىڭلا ئەمەس ،بەلىكى ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭمۇ كۆپلىگەن بايلىقى تالان -تاراج قىلىنغان ،بۇنىڭ ئىچىدە دۆلىتىمىزنىڭ تالان -تاراج قىلىنغان بايلىقى ھەممىدىن كۆپ ھەم بۇيۇملارنى...
23-05-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 22-ماي، ئېرۇسالېم، ئىسرائىلىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى بىر تۈركۈم رەڭلىك تاش جەسەت ساندۇقى قاپقىقىنى مىسىرغا قايتۇرۇپ بەرگەن بولۇپ، ئىسرائىلىيە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئېيتىشىچە، ب...
12-05-2016
1980-يىلى 9-ئاينىڭ 16-كۈنى، سادام ۋە ئۇنىڭ مەسلىھەتچىسى ئىران-ئىراق چېگرا مەسىلىسى توغرۇلۇق بىر قېتىملىق يۇقىرى دەرىجىلىكلەر يىغىنى چاقىردى. يىغىندا، ئۇلار بىر ھەپتىدىن كېيىن ئىرانغا ئومۇميۈزلۈك ئۇرۇش قوزغاشنى قارار قىلدى. بۇنىڭدىن...
11-05-2016
    ھىتلېرنىڭ نۇتۇق سۆزلەشنى مەشق قىلىۋاتقان چاغدا تارتىلغان بۇ سۈرەتلەر 1925-يىلى تارتىلغان، ھىتلېر بۇ سۈرەتلەرنى كۆرگەندىن كېيىن خوفماندىن نېگاتىۋىنى كۆيدۈرۈۋېتىشىنى تەلەپ قىلغان، ئەمما ئۇ ھىتلېرنىڭ دېگىنىدەك قىلمىغان. بە...
11-05-2016
     بۇ بىر يۈرۈش غەلىتە قىياپەتتىكى ماشىنىلارنىڭ سۈرىتىنى كۆرگەندىن كېيىن نېمە دېيىشنى بىلمەي قالىسىز، مەلۇم فانتازىيەلىك ھېكايىمىكىن دەپ قالماڭ، ئەمەلىيەتتە بۇ سۈرەتلەر بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە تارتىلغان، بۇ غە...
02-05-2016
 يېقىندا جىڭجۇ ئارخېئولوگىيە خادىملىرى جىڭجۇ رايونىنىڭ ساۋشياۋ يولى گاۋلۇ كەنتى 7-گۇرۇپپىسى ئەتراپىدىكى سۇمۇرۇغ خارابىلىقىدىكى غەربىي خەن سۇلالىسىنىڭ ئىلگىرىكى مەزگىلىگە تەۋە بىر قەبرىنى قازغان. بۇ قەبرە 2000 يىللىق تارىخقا ئىگە...
29-04-2016
    يېقىندا، مۇخبىرنىڭ بورتالا ئوبلاستلىق مەدەنىيەت ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئارخېئولوگىيە تەتقىقات مەركىزى يېقىندا بورتالادىكى 3000 يىل ئىلگىرىكى چوڭ تىپتىكى خارابىلىككە قارىتا قېزىش خىز...
Powered by Leglek