ئۇكرائىنا مەركىزى سايلام كومىتېتى تۈنۈگۈن 8-نۆۋەتلىك پارلامېنت سايلىمىنىڭ دەسلەپكى بېلەت ھېسابلاش نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى، زۇڭتۇڭ پوروشېنكونى قوللايدىغان پارتىيە پوروشېنكو ئىتتىپاقى پارلامېنتتىكى بىرىنچى چوڭ پارتىيە بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.
ئۇكرائىنا زۇڭلىسى ياتسېنىيوك رەھبەرلىكىدىكى خەلق فورۇنتى پارتىيەلەر رىقابىتىدە 22.4 پىرسەنت بېلەتكە ئېرىشىپ، بېلەت سانى جەھەتتە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرۇپ، پارلامېنتتىكى 64 ئورۇنغا ئېرىشتى، پوروشېنكو ئىتتىپاقى 21.81 پىرسەنت بېلەتكە ئېرىشىپ، ئاجىز ئۈستۈنلۈك بىلەن ئىككىنچى ئورۇندا تۇرۇپ، پارلامېنتتىكى 63 ئورۇنغا ئېرىشتى.
لېكىن پوروشېنكو ئىتتىپاقى يەككە ئورۇن سايلام رايونىدا كۈچەپ كۆرسەتكەن نامزاتلارنىڭ كۆپىنچىسى غەلىبە قىلىپ، پارلامېنتتىكى ئىگىلىگەن ئورنى 132 گە يەتتى، خەلق فرۇنتى بولسا جەمئىي 82 ئورۇنغا ئېرىشتى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved