سۈرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيىسى بىلەن ئۆكتىچىلەر ئوتتۇرسىدىكى توقۇنۇش كەسكىن بولماقتا

بەيدۇ تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى .سۈرىيىنىڭ زۇڭتۇڭ سايلىمىغا يەنە يېرىم ئايدىن كېيىن بېلەت تاشلاش باشلىنىدۇ ،لېكىن سۈرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيىسى بىلەن ئۆكتىچىلەر ئوتتۇرسىدىكى توقۇنۇش يەنىلا كەسكىن بولماقتا .

سۈرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيىسىنىڭ بىر لاگېرى 14-ماي ئۆكتىچىلەر تەرىپىدىن ۋەيران قىلىۋېتىلدى .15-ماي بىر چېگىرىدىن ئۆتۈش ئورنى ئاپتوموبىلنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى ،ئۆكتىچىلەر سايلام ئۆتكۈزۈشتىن بۇرۇن ھۆكۈمەت ئارمىيىسى كونتروللىقىدىكى رايونلار غا داۋاملىق ھۇجۇم قىلىشنى كۈچەيتمەكچى .


يېقىنقى كۈنلەردە تارتىلغان بىر سىن كۆرۈنۈشىدە كۆرسىتىشىچە ،سىن كۆرۈنىشى ئىچىدىكى پارتلىغان جاي سۈرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيىسىنىڭ غەربىي شىمالىي قىسمىدىكى ئېدرىك ئۆلكىسىدىكى بىر لاگېرى ئىكەن .سۈرىيە ئۆكتىچىلىرى بۇ لاگېرىنى پارتىلىتىش ئۈچۈن يەتتە ئايدا نەچچە يۈز كىلومېتىرلىق لەخمە كولاپ ،60توننىدىن ئارتۇق پارتلاتقۇچ دورىنى كۆمگەن .ھازىرغىچە يارىلانغان ياكى قازا قىلغانلار توغرىسىدا خەۋەر يوق .سۈرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيىسى بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرمىدى ،سۈرىيىنىڭ شىمالىدىكى خەلەپ ئۆلكىسىنىڭ سۈرىيە تۈركىيە چېگرىسىكى بىر نۇقتا 15-ماي ئاپتوموبىل بومبىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ ئاز دېگەندىمۇ 43 ئادەم قازا قىلدى .

كۆرگۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە سۈرىيىنىڭ ھەرخىل ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىقلىرى نەق مەيداندا كەسكىن ئۇرۇشقان ،سۈرىيە بۇ يىل 4-ئاينىڭ ئاخىرى چوڭ سايلامغا تۇتۇش قىلغاندىن كېيىن ئۆكتىچىلەر ھۆكۈمەت كونتروللىقىدىكى رايونلارغا ھۇجۇم قىلىشنى كۈچەيتتى .شۇنداقتىمۇ ھۆكۈمەت ئارمىيىسى مۇشۇ ئاينىڭ 9-كۈنى ھومىسىنى رەسمىي قايتۇرۇۋالدى .


ھومېس سۈرىيىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى ئۆلكە مەركىزى ، سۈرىيىنىڭ جەنۇبىي شىمالىدىكى مۇھىم قاتناش تۈگۈنى بۇلۇپ ،جۇغراپىيلىك ئورنى ئىنتايىن مۇھىم .سۈرىيە توقۇنۇشى پارتلىغاندىن كېيىن ، ھومېسنى ئۆكتىچىلەر كونترول قىلىپ كەلگەن ،تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ قارىدى :‹ھومېسنىڭ قولدىن كېتىشى ئۆكتىچىلەرگە زور زەربە ،بەشىر گە نىسبەتەن زور غەلبە بولدى .بۇ ئۇنىڭ يەنە بىر قېتىم زۇڭتۇڭ بۇلۇپ سايلىنىشىغا پۇرسەت يارىتىپ بېرىشى مۇمكىن .

سۈرىيىنىڭ يېڭى سايلام قانۇنىدا زۇڭتۇڭ نامزاتلىقىغا تىزىملاتقانلارنىڭ سۈرىيدە تۇرغان ۋاقتى ئاز دېگەندىمۇ ئون يىلدىن تۆۋەن بولماسلىقى كېرەك دەپ بەلگىلەنگەن .بۇنداق بولغاندا چەتئەلدە سەرگەردان بۇلۇپ يۈرگەن ئۆكتىچى گۇرۇھىدىكى كىشى نامزاتلىق سالاھىيىتىگە ئېرىشەلمەيدۇ .نۆۋەتتە زۇڭتۇڭ نامزاتلىرىدىن نۆۋەتتە زۇڭتۇڭ ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان بەشىر ،پارلامىنېت ئەزاسى رەجەپ ،سابىق مىنىستىر نۇرىلار بار .

 


لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK



خەتكۈچلەر:
19-05-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
30-05-2016
شىنخۇا تورى 23- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: 2015- يىلى سەئۇدى ئەرەبسىتان ئاسىيا قىتئەسىدىكى دۆلەتلە...
30-05-2016
     شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 28-كۈنى، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى كىشىلەر كوچىلارغا چىقىپ، <ئاتلانتىك ئوكيان ھالقىغان سودا ۋە مەبلەغ سېلىش شېرىكلىك مۇناسىۋەت كېلىشىمى> (TTIP) شۇنداقلا ھۆكۈمەتنىڭ مالىي...
28-05-2016
    شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ياپونىيە خىروشىما تىنچلىق باغچىسىغا يېتىپ بېرىپ، تىنچلىق باغچىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
28-05-2016
    رۇسىيە NTV تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەنگلىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە، كانادا، ئامېرىكا، فرانسىيە ۋە ياپونىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يەتتە دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ باشلىقلىرى پەقەت رۇسىيە مىنسكى كېلىشىمىنى تولۇق ئىجرا قى...
28-05-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولدى.
28-05-2016
      شۇ يەر ۋاقتى 27-ماي، ئامېرىكا كالفورنىيە شىتاتى سانتىياگو، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتى ترامپ سانتىياگودا سايلام يىغىلىشى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، شۇ جايدىكى خەلق ئاممىسى قولىدا تاختىلارنى كۆت...
28-05-2016
شىنخۇا تورى 28- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     چاۋشيەن مەركىزى ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، چاۋشيەن خەلق ئارمىيەسىنىڭ ئەڭ ئالىي قوماندانى مۇنداق دېگەن: شۇ كۈنى كورىيە ئارمىيەسى چاۋشيەننى...
28-05-2016
يەر شارى تورى 28- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ۋېيتنام تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ۋېيتنام ھۆكۈمىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى 22 دۆلەت ۋە رايوندا تۇرۇشلۇق 80 دىن ئارتۇق ۋېيتناملىقىنى نەنشا تاقىم ئارى...
28-05-2016
ۋاڭيى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنىتلىقىنىڭ 27-ماي ئېيتىشىچە، جەنۇبىي ئوسېتىيەنىڭ رەھبىرى تىبىلوۋ ۋە پارلامېنىت رەئىسى بىبىلوۋ 26-ماي جەنۇبىي ئوسېتىيە 2017-يىلى رۇسىيەگە قوشۇلۇشقا ئوم...
27-05-2016
     5-ئاينىڭ 26-كۈنى، گىرېتسىيە بىلەن ماكېدونىيەنىڭ چېگرىسىدىكى كىچىك كەنت ئىدومېنى. مۇساپىرلار بۇ يەردىن ئايرىلىش ئۈچۈن ئاپتوبۇسنىڭ كېلىشىنى كۈتمەكتە. 24-مايدىن باشلاپ، گىرېتسىيە ساقچى تەرەپ، رەسمىي ھالدا گىرېتسىيە-...
Powered by Leglek