ئائىلە ئەخلاقى ئۇنتۇلمىسۇن

ھەر قانداق بىر مىللەت ئائىلە ئەخلاقىغا رىئايە قىلمىغان ھالدا ياشىيالمايدۇ. چۈنكى ئائىلىدە ئەدەپ - قائىدە بولمىسا، ئۇنىڭ ئاقىۋىتى ئائىلىگە، جەمئىيەتكە، ھەتتا مىللەتكە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئائىلە ئەخلاق تەربىيىسى ھەر بىر مىللەتنىڭ ئىجتىمائىي ھاياتىدا چوڭ ئورۇن تۇتىدۇ.
ئەرلەر ئائىلىنىڭ بارلىق يۈكىنى ئۈستىگە ئىلىشى كېرەك. ئاياللارنىڭ «يېرىم دۇنيا » لىق رولىنى ئىتراپ قىلىشى، ئائىلە ئىشلىرىغا ياردەملىشىشى، «ئەرلەر ئەزىز، ئاياللار خار» دەيدىغان ئىدىيىنى تۈگىتىپ، پەرزەنتلىرىنى خارلىماسلىقى، ئايالىنىڭ ئۇرۇق - تۇققانلىرىنى ھۆرمەتلىشى كېرەك. ئاتا بولغۇچى ھەر كۈنى بىر قىسىم ۋاقتىنى ئايالى ۋە پەرزەنتلىرى بىلەن بىرگە ئۆتكۈزۈشكە سەرپ قىلىشى لازىم. بۇنداق بولمىسا، ئائىلىدە مېھرى - مۇھەببەت سۇسلاشقا باشلايدۇ. ئەگەر ئائىلە مۇھەببىتىنىڭ قەدرىگە يەتمىسە، ئۇنداق ئەرلەرنىڭ ئايالىمۇ يامان يولغا كىرىپ قالىدۇ. بۇنداق ئائىلىنىڭ ئاقىۋىتىمۇ خەتەرلىك بولىدۇ.
ئاتا بولغۇچى پەرزەنت تەربىيسىگە ئۆزى ۋە ئايالى يېتىشەلمىگەندە، پاك، ئەخلاقلىق تەربىيچى ياللىشى لازىم. شۇنداق قىلغاندا، پەرزەنتلەرنىڭ ئەدەپ - ئەخلاقلىق بولۇپ يېتىلىشىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ. ئاتا بولغۇچى پەرزەنتلىرىنى ھەر دائىم نەزىرىدىن يىراق قىلماي، ئۇلارنىڭ ئىش - ھەرىكەتلىرىنى نازارەت قىلىپ تۇرۇشى، ئۇلارنىڭ تەلىم - تەربىيسىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈشى لازىم. پەرزەنتلەرنى كېچىكىدىن ئەدەپلىك ۋە چىرايلىق سۆزلەيدىغان قىلىپ تەربىيلەش ئۈچۈن، ئەڭ ئاۋۋال ئاتا - ئانا بىر - بىرىنى ھۆرمەت قىلىپ، سىلىق، يۇمشاق، مەرھەمەتلىك بولۇشى لازىم. پەرزەنتلەر تۇرغان جايدا ئاتا - ئانىلار قاتتىق - يىرىك سۆزلەرنى قىلىش تۈگۈل، ھەتتا قاپاق تۈرۈپ، چىرايىنى ئۆزگەرتىپ بىر - بىرىنى سىلكىشلەشمۇ خاتا. بەزىلەر پەرزەنتلىرىنىڭ تۇنجى تىلىغا يامان گەپ سۆزلەرنى قىلىپ ئۆزى « خېمىرتۇرۇچ » سېلىپ بېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن پەرزەنتلەرنىڭ دەسلەپكى تىلى ئەدەپسىزلىكتىن باشلىنىپ، كېيىن بۇ تەرەققىي قىلىپ ئائىلىسى ۋە ئۆزى ئۈچۈن بالا بولۇپ، پەرزەنتلەر تالا - تۈزدە ئۇرۇش - جىدەل قىلىپ باش - كۆز يارىدىغان، ھەتتا قانۇننىڭ جازاسىغا ئۇچرايدىغان ئەھۋاللار كېلىپ چىقىدۇ. بىزدىكى ساقلىنىۋاتقان ناچار ئەخلاق - قىلىقسىزلىقلارنى زادى كىم ئۆگەتتى ؟ ئىنسانلارغا ئۆگىتىلگەن يامان ئىشلارنىڭ كۆپىنچىسى دوراش ئارقىلىق يۇقىدۇ. شۇنداق ئىكەن، پەرزەنتلىرى ئالدىدا ئاتا - ئانىلىرى، ئۇرۇق - تۇغقانلىرىنى تىللاش، ئۇرۇشۇش ، ئۇلارغا كۆرسىتىپ تاماكا چېكىش، ھاراق ئىچىش، كەيپ خۇمارى ئۈچۈن لازىملىقلار ( تاماكا، سەرەڭگە، ھاراق - شاراپ ) نى پەرزەنتلىرىگە بۇيرۇپ ئەكەلدۈرۈش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئەخلاقسىز قىلمىشلار بولۇپ، ئەمەلىيەتتە بۇ « پەرزەنتلىرىم مېنىڭ قىلغانلىرىمنى دورىسۇن » دەپ، ئۇلارغا كۆرسەتكەن « ئۈلگە» ۋە ئۇلارغا سىلىپ بەرگەن « مەبلەغ » دۇر خالاس.
ئەرلەر ئۆز ئاياللىرىنىڭ قوغدىغۇچىسى ۋە نازارەتچىسى. شۇنداق ئىكەن، ئايالىنى ھەر ۋاقىت شەپقەت قانىتى ئاستىغا ئېلىشى، ئايالىنىڭ ئۆزىگە بولغان مېھىر - مۇھەببىتىنى قەدىرلىشى، كۆڭۈل شادلىقىغا دائىم كۆڭۈل بۆلۈپ تۇرۇشى، ئايالىنى كۈچى يەتمەيدىغان ئىشلارنى بىجىرىشكە زورلىماسلىقى، ئۆيدە بار - يوق نەرسىلەر توغرىسىدا تەڭلىكتە قويماسلىقى لازىم. ئايال سەۋەنلىك ئۆتكۈزۈپ قويسا، ئېغىر - بىسىقلىق بىلەن چۈشەندۈرۈشى، ئەپۇ قىلىشى، يوقىلاڭ ئىشلار ئۈچۈن ئايالى بىلەن جىدەللەشمەسلىكى لازىم.
ئەر - ئايالنىڭ بىر - بىرىگە سادىقلىقى بەختتۇر. سالامەتلىك جاننىڭ راھىتى بولغىنىدەك، ئىناقلىق كۆڭۈلنىڭ راھىتىدۇر. ئائىلىدىكى خۇشلۇق دىلغا ھۇزۇر بېغىشلاپ، لەززەتسىز تائاممۇ لەززەتلىك بىلىنىدۇ. ئەر كىشى ئۆز ئايالىدىن رازى بولسا ۋە كۆڭلى باغلانسا، بارلىق راھەت - پاراغىتى ۋە سەرپ - خىراجىتى ئائىلىسىدىكى زۆرۈر نەرسىلەر ئۈچۈن بولىدۇ، پۈتكۈل دۇنياسىنى ئائىلىسىگە بېغىشلايدۇ. ئەرنىڭ تۇرمۇشى ياخشى بولسا، شۇ ئائىلىنىڭ تۇرمۇشى ياخشى بولىدۇ. شۇ چاغدىلا ئۆزىمۇ بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرىدۇ. كونىلار : « ياخشى ئايالغا ئېرىشمەك بىرەر ئەلگە پادىشاھ بولغاندىن ياخشىراقتۇر » دېگەن. ھەر قانچە بىلىملىك، مەرتىۋىلىك، باي ياكى تىرىشىپ - تىرمىشىپ ئىشلەپ تاپقىنىغا ۋە ئۆزىنىڭ ئاچ - يالىڭاچ قالمىغىنىغا شۈكۈر قىلىدىغان ساپ ۋىجدانلىق بىر كىشىنىڭ تەربىيە كۆرگەن ئايالى بولمىسا، بەختلىك ھېسابلانمايدۇ. ئائىلىدىكى كۆڭۈلسىزلىك ئۇنىڭ قەلبىنى بىئارام قىلىدۇ، لەززەتلىك تائاممۇ لەززەتسىز تېتىپ، ئۆمۈر گۈلىنىڭ تېز قۇرۇپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولۇپ قالىدۇ.
ئىنساننى بەختلىك قىلىدىغان نەرسە ئىلىم بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ھەممە ئىشنى ئىلمىي يۇسۇندا ئادا قىلماقتۇر. ئەرلەر ئالدى بىلەن ئۆز مەجبۇريىتىنى بىلىشى، ئائىلىنىڭ ئەخلاق - پەزىلەت تەرتىپىگە ئەمەل قىلىشى لازىم. دانىشمەنلەرنىڭ قارىشىچە، ئىشچانلىق، ھەقىقىي دوست، ئەدەپلىك پەرزەنت، مېھرىبان خوتۇن، شېرىن ۋە يېقىملىق سۆز، ئەقىل - پاراسەتتىن ئىبارەت ئالتە نەرسە راھەت ياشاشقا ياردەم بىرىدىكەن.



خەتكۈچلەر:
18-02-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
28-05-2016
    شىنخۇا تورى خەۋىرى. 7-ئىيۇن، 8-ئىيۇن ۋە 9-ئىيۇن ئۈرۈمچى شەھىرىدە 25 مىڭ 500 ئوقۇغۇچى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىدۇ. بۇ يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا ئۈرۈمچى شەھىرىدە 37 ئىمتىھان نۇقتىسى، 1041 ئىمتىھان مەيدانى تە...
28-05-2016
ئاقسۇ دىيارىدىكى تۈنجى قېتىملىق، شىنجاڭدىكى  9- قىتىملىق «كىتاپخانىدىكى ساخاۋەت» پائالىيىتى 2016- يىلى 5- ئاينىڭ 26- كۇنى چۇشتىن كىيىن ئۈرۈمچى ۋاقتى 3:00دە ئونسۇ ناھيىلىك پارتىكومنىڭ قارشى تەرىپىگە جايلاشقان «مەرىپەت كىتاپخانىىس...
27-05-2016
    2015-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنى، جىلىن شەھەرلىك لۇڭتەن تەجرىبە باشلانغۇچ مەكتىپى ئالدىدا نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار ئۇزۇن ئۆچىرەتتە تۇرۇپ كەتكەن بولۇپ، بەزى ئاتا-ئانىلار ھەتتا لاپاس ئېلىپ كەلگەنىدى. ئىگىلىنىشىچە، بۇ يەردە ئۆچىرەتتە تۇ...
26-05-2016
ئامېرىكا بالېت ئۇسسۇل مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچى تاللاش ئىمتىھانى رەسىملىرى
26-05-2016
1. ۋۇخەن ئۇنىۋېرسىتېتى. ۋۇخەن ئۇنىۋېرسىتېتى جۇڭگودىكى داڭلىق مەنزىرە ئېكىسكۇرسىيە ئورنى، مەكتەپ لوجياشەن رايونىدا، شەرقىي كۆل سۈيى ئوراپ تۇرىدۇ. ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 5187 مو، قۇرۇلۇش كۆلىمى 2 مىليون 620 مىڭ كۋادرات مېتىر. قەدىمىي ۋە نەپى...
24-05-2016
    5-ئاينىڭ 22-كۈنى، تېڭشۈننىڭ  ئاساسلىق قۇرغۇچىسى چېن يىدەن 2 مىليارد 500 مىليون شياڭگاڭ پۇلى ئىئانە قىلىپ «يىدەن مۇكاپاتى» نى تەسىس قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى. مۇناسىۋەتلىك پۇلنىڭ ھەممىسى ئىئانە قىلىنىپ بولغان بولۇپ، بۇ ب...
24-05-2016
    خەلق تورىنىڭ 24-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ مالىيە مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا مەركەز مالىيەسى 2016 - يىللىق 134 مىليارد 500 مىليون يۈەن شەھەر-يېزا مەجبۇرى مائارىپى تولۇقلىمىسىنى تارقاتقان، بۇ ...
24-05-2016
ئاقتۇ ناھىيەسى مەركىزى قوش تىل يەسلىسىدىكى كىچىك دوستلار رەسىم سىزىشنى ‏ئۆگەنمەكتە    2008-يىلىدىن تارتىپ بۈگۈنگە قەدەر، دۆلەت قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ‏ئوبلاستىغا 82 مىليون 600 مىڭ مەبلەغ سېلىپ، يېڭىدىن 91 قوش تىللىق يەسل...
24-05-2016
     5-ئاينىڭ 20-كۈنى، فۇجيەن ئۆلكىسى شيامېن شەھىرى خەيساڭ تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتىپىدىكى تولۇق 3-يىللىق ئوقۇغۇچىلىرى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئالدىدا بېسىمىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن، ئوقۇتۇش بىناسىنىڭ ئالدىدا كېرەكسىز ئىمتىھان سۇئا...
23-05-2016
    غەربىي شىمال مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيغۇر تىلى مەدەنىيەت ئىنستىتۇتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 16-كۈنى ئۇنىۋېرسال ئوقۇتۇش بىناسىنىڭ 101-سىنىپىدا «ئىنستىتۇت مۇدىرى ۋە ئوقۇغۇچىلار يۈز تۇرانە پىكىر ئالماشتۇرۇش» يىغىنى ئاچتى. بۇ قېتى...
Powered by Leglek