شۇ يەر ۋاقتى 3-ئاينىڭ28-كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ گېرمانىيە كولبۇرۇن فوند جەمئىيتىنىڭ تەكلىپى بىلەن، بېرلىندا نۇتۇق سۆزلىگەن ئىدى. ھەمدە، جۇڭگونىڭ تىنىچ تەرەققىيات يولى ۋە مۇستەقىل ئۆزىگە خوجا بۇلۇشنىڭ تاشقى ئىشلار سىياسىتىنى سۆزلەپ، جۇڭگونىڭ تىنىچ تەرەققىيات يولىدا مېڭىشىنىڭ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ تىنىچلىقنى قىزغىن سۆيۈشىگە ۋارىسلىق قىلغانلىقىنىڭ ۋەجارى قىلدۇرغانلىقى ئىكەنلىكىنى، بۇ يولنىڭ جۇڭگو تارىخىنى باشتىن كەچۈرگەن جۇڭخۇالىقلارنىڭ ئىختىيارىي تاللىشى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. جۇڭگو تنىچ تەرققىيات يولىدا چىڭ تۇرىدۇ، ۋە دۇنيادىكى باشقا دۆلەتلەرنىڭمۇ مۇشۇ تىنىچلىق يولىدا مېڭىشىنى ئۈمۈت قىلىدۇ.
شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ خانىمى، زۇڭلى موكېرنىڭ يولدىشىنىڭ تۇنۇشتۇرشى بىلەن، بېرلىن مۇزىكا ئىنسىتوتىغا بېرىپ زىيارەت قىلدى، ھەمدە ئۇقۇغۇچىلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرپ، جۇڭگو گىرمانىيەنىڭ مۇزىكا جەھەتتىن داۋاملىق ئالماشتۇرش ئېلىپ بېرىشىنى ئۈمۈت قىلدىغانلىقىنى ئېيتتى.
بىر تەرەپلىمىلىك كۆز قاراشنى چىقىرىپ تاشلاش يەنىلا قىيىن.
شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى، ھەممە تەرەپ، ئىسلاھات ئېچىۋېتىلگەن 30 يىلدىن بۇيان جۇڭگو ئىقتسادىنىڭ تەرەققى قىلىپ، دۇنيادا ئىككىنچى ئورۇنغا ئۆتكەنلىكىنى بىلىدۇ، جۇڭگونىڭ بارغانسىرى كۈچلەنگەنلىكىنى كۆرۈپ، بەزىلەر ئەنسىرەشكە باشلىدى، يەنە بەزىلەر داۋاملىق باشقىچە بىر كۆزى بىلەن جۇڭگوغا قاراپ كېلىۋاتىدۇ. ھەمدە جۇڭگونىڭ تەرەققى قىلىشىنى بىر تەھدىت دەپ بىلىۋاتىدۇ، خۇددى جۇڭگو بىر كۈنى دۇنيانىڭ روھىنى ئېلىۋالدىغاندەك، بۇ پەقەت بىرلا نۇقتىنى ئىسپاتلايدۇ، ئۇ بولسىمۇ بىر تەرەپلىمە كۆز قاراشنى چىقىرىپ تاشلاش يەنىلا قىيىن. جۇڭگو داۋاملىق تىنىچ تەرەققىيات يولىدا تەۋرەنمەي چىڭ تۇرىدۇ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىمۇ تىنىچلىقنى سۆيىدىغان مىللەت، جۇڭگو ئىلگىرى دۇنيادا تارىىىدىكى ئەڭ كۈچلۈك دۆلەت ئىدى، بىراق باشقىلارنىڭ دۆلىتىگە تاجاۋۇز قىلغانلىق تارىخى يوق. بىر جوزا تاماقنى8ئادەمنىڭ يېيىشى، 80ئادەمنىڭ يېيىشى، 800ئادەمنىڭ يېيىشى پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ. بىز، كەلگۈسىدە جۇڭگونى داۋاملىق دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تەرەققى قىلىۋاتقان دۆلەت دەپ بىلىمىز، 13مىلىيارد ئادەمنىڭ تۇرمۇش سەۋىيسى ۋە سۈپىتىنى ياخشىلاش داۋاملىق بىزنىڭ كۈچ چىقىرىشىمىزغا مۇھتاج، جۇڭگو پۈتۈن دىققەت ئېتىبارىنى يىغىپ قۇرۇلۇش قىلىشتا، ئىككى ئاساسىي شەرتكە مۇھتاج، بىرى تىنىچ ، مۇقىم دۆلەت ئىچى مۇھىتى، يەنە بىرى تىنىچ خەلىقئارالىق ۋەزىيەت.
تارىخ ئەڭ ياخشى ئوقۇتقۇچى
شى جىنپىڭ ئىپادە بىلدۈرۈپ: تارىخ ئەڭ ياخشى ئوقۇتقۇچى، ئۇ ھەققانىيلىق بىلەن دۆلەت مېڭىپ ئۆتكەن ھەر بىر يولنىڭ ئىزىنى خاتىرلەيدۇ، ھەمدە ھەر بىر دۆلەتنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن باشلىنىش نۇقتىسى بولىدۇ، دېدى.
تارىخ بىزگە شۇنى ئېيتىپ بېرىدۇكى، بىر دۆلەتنىڭ تەرەققىيات شان-شەرىپى، چۇقۇم دۇنيانىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشىنى ئاساس قىلغان بۇلىشى كېرەك، بولمىسا ئۇ چۇقۇم تارىخ تەرىپىدىن شاللىنىپ كېتىدۇ، بۈگۈنكى دۇنيانىڭ ئېقىمى دېگەن نېمە؟ جاۋاپ پەقەت بىرلا، ئۇ بولسىمۇ تىنىچلىق، تەرەققىيات، ھەمكارلىق، ئورتاق يېڭىش،جۇڭگو‹ دۆلەتنىڭ كۈچلىنىشى تاجاۋۇزقا مۇھتاج›دېگەن لوگىكىغا قۇشۇلمايدۇ،. بۈگۈنكى دۇنيا مۇستەملىكچىلىك،زوراۋانلىقدىن ئىبارەت كونا يولدا ماڭسا يەنە شۇنداق ئوڭۇشلۇق ماڭالامدۇ؟ جاۋابى ياق، ئوڭۇشلۇق ماڭالمايلا قالماستى، كونا يول ئۇلارنىڭ باش كۆزىنى قان قىلىدۇ، پەقەت تىنىچ تەرەققىيات يولىلا ئوڭۇشلۇق بولالايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن جۇڭگو تىنىچ تەرەققىيات يولىدا تەۋرەنمەي چىڭ تۇرىدۇ.
شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى ھەرگىزمۇ باشقا دۆلەتنىڭ مەنپەئەتىنى قۇربان قىلمايدۇ، بىز چۇقۇم ھېچكىمگە زىيان سالمايدىغان يولدا ماڭىمىز، بىز دۇنيا تىنىچلىق تەرەققىياتى نۇقتىسىدىن چىقىپ تۇرۇپ، دۇنيا مۇناسىۋېتىدىكى جۇڭگو تەرەققىياتىغا تۆھپە قۇشىمىز، توغرا سىياسەت ئەندىزىسىنى ئىشلەتكەن جۇڭگونى يارىتىمىز، 21-ئەسىرنىڭ تەرەققىياتىغا تۆھپە قۇشىمىز.
ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقىنى كۈتىمىز
شى جنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: كەلگۈسىدىكى بەش يىلدىن ئون يىلغىچە بولغان ئارلىق، گېرمانىيە تەرەققىياتىدىكى ئەڭ ھالقىلىق پەيىت، مەن گىرمانىيە بىلەن جۇڭگونىڭ سەمىيمىلىك بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشىغا ئىشىنىمەن، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىشلەپچىقىرىدىغىنى مەھسۇلات ئەمەس، بەلكى، ئىككى دۆلەت پۇقرالىرىنىڭ بەختى ۋە ئارزۇسى. بۇيىل بىرىنچى قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ 100يىللىقى، ئىككىنچى قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ 75يىللىقى. جۇڭگو ھەقىقەتەن پۈتۈن دۇنيانىڭ تىنىچلىقىنى ئارزۇ قىلىدۇ.
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قوشىۋېلىڭ——ئىزدەش نامى LEGLEK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved