جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 3-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى : فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى خەۋىرىگە قارىغاندا، مالايسىيە ھۆكۈمەت ئەمەلدارىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بىر كۆچمەنلەر كېمىسى 3-چېسلا مالاككا بوغۇزى ئەتراپىدا چۆكۈپ كېتىپ، ئاز دېگەندىمۇ 13 ئادەم قازا قىلغان.
بۇ ئەمەلدارلارنىڭ دېيىشىچە، چۆكۈپ كەتكەن كۆچمەنلەر كېمىسى بىر ياغاچ كېمە بولۇپ، تەخمىنەن 70 نەپەر ھىندونېزىيەلىك كۆچمەن بار ئىكەن. چۆكۈپ كەتكەن سۇ دائىرىسى دولقۇنلۇق بولۇپ، شۇ جايدىكى بېلىقچىلار 13 ئادەمنى قۇتقۇزۇۋالغان، يەنە 13 جەسەت بايقالغان.
كبمە چۆكۈپ كېتىشنىڭ سەۋەبى ھازىرغىچە ئېنىق ئەمەس، قۇتقۇزۇش خىزمىتى داۋاملىق ئېلىپ بېرىلماقتا.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved