تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، روسىيەنىڭ سۇ24 بەلگىلىك كۈرەش ئايروپىلانىنىڭ تۈركىيە ھەربىي قىسمى تەرىپىدىن ئېتىپ چۈشۈرۈلگەنلىكى روسىيەدە تورداشلارنىڭ زور دىققىتىنى تارتقان بولۇپ، روسىيە تاراتقۇلىرىمۇ سۇ 24 نىڭ روسىيەدىكى ئەڭ كۆپ تارقالغان سۆز بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
روسىيەدىكى سىياسىيونلار ۋە مۇخبىرلارمۇ بۇ ئىش توغرۇلۇق ئۆزىنىڭ قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، بەزى كىشىلەر «ئەمدى كىم تۈركىيەگە ساياھەتكە بارىدۇ؟ يەنە ھەمكارلىق ۋە ئىقتىساد تۈرلىرىدىن سۆز ئاچقىلى بولامدۇ؟ باش ئەلچىنى قايتۇرۇپ ئەكەلدىمۇ؟»، دېگەن پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان.
يەنە بەزى كىشىلەر «بۈگۈن تۈركىيە سۇ 24 نى ئېتىپ چۈشۈردى، لېكىن يېقىندىلا تېخى دوسلۇقتىن چۈشىۋاتاتتىغۇ؟ ئۇلار ئىشىنىشكە ئەرزىمدۇ؟ بىز تېررورچىلارغا ياردەم قىلىپ، روسىيەنىڭ كۈرەشچى ئايروپىلانلىرىنى ئېتىپ چۈشۈرگەن دۆلەتكە ياردەم بېرەمدۇق؟ بىزنىڭ تۈركىيەنى جازالايدىغان كۈچىمىز بار، ئۇلارنىڭ ماللىرىنى سېتىۋىلىشنى رەت قىلساق، بۇ دۆلەتكە ساياھەتكە بېرىشنى توختاتساق، روسىيەلىكلەر ئىتتىپاقلاشساق ئۇلارنى جازالالايمىز»، دېگەن.
شۇيەر ۋاقتى 24- نويابىر روسىيەنىڭ سۇ 24 بەلگىلىك بىر كۈرەش ئايروپىلانى تۈركىيە-سۈرىيە چېگرىسىدا تۈركىيە ئارمىيىسى تەرىپىدىن ئېتىپ چۈشۈرىۋېتىلدى. تۈركىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئايروپىلاندىكى ئىككى ئۇچقۇچى قاڭقىتىپ چىقىرىۋېتىش قۇرۇلمىسى ئورنىتىلغان پاراشوت بىلەن ئايروپىلاندىن سەكرىگەن، ئەمما بىر ئۇچقۇچى ئاللىقاچان ئۆلگەن، يەنە بىر ئۇچقۇچى سۈرىيە ئۆكتىچىلىرىنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالغان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved