ئادەتتە كىشىلەر «چوڭ بېلىق كىچىك بېلىقنى يەيدۇ، كىچىك بېلىق راكنى يەيدۇ» دەيدۇ، ئەگەر قانداق بېلىق كىتنى يېيەلەيدۇ دەپ سورىسا نۇرغۇن كىشىلەر رىۋايەتلەردىكى سۇمۇرغ دەپ جاۋاب بېرىشى مۇمكىن. لېكىن تەتقىقاتچىلارنىڭ بايقىشىچە، جەنۇبىي ئامېرىكا ئارگېنتىنا دېڭىز قىرغىقىدا دېڭىز چايكىلىرى دائىم كىتنىڭ دۈمبىسىنى چوقۇلاپ گۆشىنى يەۋالىدىكەن، بۇ بەلكىم نۇرغۇن كىتلارنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇشى مۇمكىن.
ئامېرىكا يۇتا شتاتىنىڭ تەتقىقاتچىلىرىنىڭ دوكلاتتا بىلدۈرۈشىچە، ئارگېنتىنادا ياشايدىغان بىر خىل كىت نەپەسلەنگەندە دۈمبىسىنى سۇ يۈزىدە ئوچۇق قويىدىكەن، چايكىلار بۇ پۇرسەتتىن پايدلىنىڭ ئۇنىڭ دۈمبىسىنى چوقۇپ ماي ۋە گۆشلىرىنى يەۋالىدىكەن. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدىلا كىشىلەر بۇ مەسىلىگە دىققەت قىلغان، 1974-يىلىدىن 2011-يىلىغىچە ئىككى مىڭدىن ئارتۇق كىتقا ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈشتە ئايان بولۇشىچە، چايكىلارنىڭ كىتقا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرى بارغانسېرى كۆپىيىپ كەتكەن.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 14-ماي، ئەنگىلىيە لوندون، شۇ جايدىكى كىشىلەر قەدىمىي ۋېلىسىپىتلەرنى مىنىپ، كونىنى ئەسلەش پائالىيىتىگە قاتناشتى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved