نۇرىمانگۈل ئوسمان، ئادالەت ئابدۇۋەلى خەۋەر قىلىدۇ: كۇچا ناھىيەسىنىڭ ئىشخلا بازىرىدا 3 – ئىيۇل، ئۈچ خەنزۇ سۇغا چۈشۈپ كېتىپ ھاياتى خەۋپ ئىچىدە قالغاندا، ئابلىزجان نىزامىدىن قاتارلىق ئۈچ ئۇيغۇر يىگىت دەرھال سۇغا سەكرەپ چۈشۈپ، ئۇلارنى قۇتقۇزۇپ چىقتى.
شۇ كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 30:11 لاردا، ئابلىزجان نىزامىدىن ئاكىسى ئالىمجان بىلەن بۇغداي ئورۇۋاتاتتى. ئۇلار تۇيۇقسىز ‹‹قۇتقۇزۇڭلار›› دېگەن ئاۋازنى ئاڭلاپ، قولىدىكى ئىشنى تاشلاپ، ئۆستەڭگە قاراپ يۈگۈردى. ئۇلار كەلگەندە، 50 ياشلار ئەتراپىدىكى بىر خەنزۇ ئايال ئۆستەڭ بويىنى بويلاپ ‹‹قۇتقۇزۇڭلار›› دەپ ۋارقىراۋاتاتتى. ئاكا – ئۇكا ئىككەيلەن بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ، دەرھال سۇغا سەكرەپ چۈشتى، ‹‹قۇتقۇزۇڭلار›› دېگەن ئاۋازنى ئاڭلاپ يۈگۈرۈپ كەلگەن يەنە بىر دېھقانمۇ سۇغا سەكرەپ چۈشتى. ئۇلار خېلى ھەپىلىشىپ، بۇ ئۈچ خەنزۇ يولداشنى قۇتقۇزۇپ چىقتى. بۇلارنىڭ بىرسىنىڭ ئىسمى جىن خاۋچى بولۇپ، بىرى ئۇنىڭ ئوغلى، يەنە بىرى قوشنىسىنىڭ قىزى ئىدى. شۇ كۈنى بۇ تۆت كىشى توكسىكلىتلىق بۇ يەرگە قارىقات ئۈزگىلى كەلگەن ئىكەن. قىزچاق توكسىكلىتنىڭ ئاچقۇچىنى ئېلىۋالماقچى بولۇپ تارتىىشغا، ئاچقۇچ تولغىنىپ كېتىپ توكسىكلىت مېڭىپ كېتىپ كونتروللۇقىنى يوقاتقان، يېنىدا تۇرغان جىن خاۋچى بۇنى كۆرۈپ، توكسىكلىتنى شۇنچە تارتسىمۇ كۈچى يەتمەي، ئارقا – ئارقىدىن سۇغا چۈشۈپ كەتكەن ئىكەن.
ئۇلارنى قۇتقۇزۇۋالغان ئۈچ يىگىتنىڭ بىرى ئۇلارنى قۇتقۇزۇپ بولۇپلا كېتىپ قالغان، كېيىن سۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق، ئۇنىڭ ئۈستۈن بىجاق مەھەللىسىدىكى غېنىنىياز ھىمىت ئىكەنلىكى ئېنىقلاندى.
قۇتقۇزۇۋېلىنغان قىزچاقنىڭ مومىسى جياڭ خۇيجى مۇنداق دېدى: سۇ ئۈزۈشنى بىلمىگەچكە، ‹‹قۇتقۇزۇڭلار›› دەپ ۋارقىرىدىم، ئۇلار ۋارقىرىغىنىمنى ئاڭلاپ، يۈگۈرۈپ كېلىپ ئۇلارنى قۇتقۇزۇپ چىقتى، بولمىسا ئۇلار ئۆلۈپ كېتەتتى، بۇ يىگىتلەرگە كۆپ رەھمەت.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved