يېقىندا، دۆلەت يېمەكلىك دورا نازارەتچىلىك باشقۇرۇش ئىدارىسى تەشكىللەپ ئېلىپ بارغان، يېمەكلىكلەرگە قانۇنغا خىلاپ ھالدا خۇرۇچ قوشۇش قىلمىشلىرىغا زەربە بېرىش ھەركىتىدە، 35 يېمەك-ئىچمەك مۇلازىمەت ئورنىنىڭ تىجارەت قىلىپ سېتىۋاتقان يېمەكلىكى ئىچىدىن خەشخەش ئىشقارى، خىروئېن، كودىئېن، ناركوتىن، تېبائىن قاتارلىق ئەپىيۈنگۈل غوزىكى تەركىپلىرى، قانۇنسىز خۇرۇچ قوشۇش قىلمىشلىرى بارلىقى بايقالدى. تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالىنى تۆۋەندىكىچە ئۇقتۇرۇش قىلدۇق:
1. جامائەت خەۋىپسىزلىك ئورگانلىرىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن ھەمدە ئەيىپلەنگىنى بەش ئورۇن، ئۇلار ئايرىم ھالدا: ئەنخۈي ئۆلكىسى سۇجۇ شەھىرى جۇ فامىلىلىك قارا ئۆردەك كاۋاپخانىسىنىڭ سۇمېڭ يول ئېغىزى دوكىنى، سۇجۇ شەھىرى توڭچياۋ رايۇنى خۈيپېڭ جۇ فامىلىلىك قارا ئۆردەك تىجارەت دوكىنى، گۇاڭدوڭ ئۆلكىسى خۇيجۇ شەھىرى خۈيياڭ رايۇنى لاۋتيې بېلىق كاۋىپى، چوڭچىڭ شەھىرى خېچۈەن رايۇنى شياۋميەن بازىرى داڭلىق ئۈگرە ئاشخانىسى، خېچۈەن رايۇنى شياۋميەن بازىرى دۇنيادا بىرىنچى ئۈگرىخانىسى.
2. جامائەت خەۋىپسىزلىك ئورگانلىرىنىڭ دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرىشىگە يوللانغىنى 20 ئورۇن، ئۇلار ئايرىم ھالدا: لياۋنىڭ ئۆلكىسى جىنجۇ شەھىرى لىڭخې رايۇنى جياڭ جەمەتى كالا گۆشى لەغمەنخانىسى، شاڭخەي شەھىرى جىنشەن رايۇنى جياشىن رېستورانى، جىنشەن رايۇنى يۇچىن يېمەكلىك دوكىنى، جىنشەن رايۇنى جاڭيەن بازىرى تەيشەن كەنتى دوڭجىكەي ئاشخانىسى، مىنشىڭ رايۇنى شېڭشيەن رېستۇرانى، جىنشەن رايۇنى گۇليەن يولى نەنجىڭ شورپىخانىسى ئۆردەك پىنتوزا شورپىسى، جياڭسۇ ئۆلكىسى ۋۇشى شەھىرى نەنچاڭ رايۇنى يىشيەنخوڭ ئاشپۇزۇلى، يىجېڭ شەھىرى شىنچېڭ بازىرى يېساڭ پىششىق يېمەكلىك دوكىنى، جېجياڭ ئۆلكىسى خاڭجۇ شەھىرى شىخۇ رايۇنى چاڭچياۋ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرى شىمالىي ئىشىك شياۋتاڭ دورا-دەرمەكلىك گۆش شەھەرچىسى، خۇنەن ئۆلكىسى لۇدى شەھىرى شىنخۇا ناھىيەسى مېڭسۇڭشەن ئۈگرىخانىسى، جۇجۇ شەھىرى يوشيەن ناھىيەسى جىشىڭ رېستورانى، چوڭچىڭ شەھىرى ۋۇشەن ناھىيەسى باۋاڭ بېلىق-توخۇ تائاملىرى رېستورانى، ۋۇشەن ناھىيەسى جياڭجى ياغدا قورلغان راك ئاشپۇزۇلى، جياڭبېي رايۇنى لاۋليۇ ساماۋەر شورپىسى، شىمالىي قىسىم يېڭى رايۇنى ياۋ جەمەتى ساماۋەر شورپىخانىسى، شىمالىي قىسىم يېڭى رايۇنى يۈشياڭتاڭ ساماۋەر شورپىخانىسى، رۇڭچاڭ رايۇنى چاڭيۈەن كوچىسى دالوڭلاۋ ساماۋەر شورپىخانىسى، سىچۈەن ئۆلكىسى باجۇڭ شەھىرى نەنجياڭ ناھىيەسى نەنجياڭ بازىرى سۇڭيىڭ ئائىلىسى ئۆي قورىمىلىرى ئاشخانىسى، يىبىڭ شەھىرى پىڭشەن ناھىيەسى نيۇگۈنجيا رېستۇرانى، مېيشەن شەھىرى رېنشۇ ناھىيەسى ۋېنگوڭ بازىرى جىن فامىلىلىك چۈچىمەل تۇرۇپ بېلىق ساماۋەر شورپىخانىسى.
3. يېمەكلىك دورا نازارەتچىلىك باشقۇرۇش تارماقلىرى نۆۋەتتە دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرىۋاتقىنى 10 ئورۇن، ئۇلار ئايرىم ھالدا تۆۋەندىكىچە: بېيجىڭ شەھىرى فاڭشەن رايۇنى لياڭشياڭ بازىرى نەنفۇشى ئاشپۇزۇلى، شىچېڭ رايۇنى شيېشىروڭ مايدا پىشۇرىلغان توخۇ گۆشى دۇكىنى، بېيجىڭ خۇدا يېمەك-ئىچمەك چەكلىك شىركىتى، بېيجىڭ جېنباۋ يېمەك-ئىچمەك باشقۇرۇش چەكلىك شىركىتى، دوڭچېڭ رايۇنى باۋخېجۈ رېسوتۇرانى، شاڭخەي شەھىرى جيادىڭ رايۇنى ئەنتىڭ بازىرى ئەسلى تەم خوراز گۆشى ساماۋەر شورپىخانىسى، جېجياڭ ئۆلكىسى ۋېنجۇ شەھىرى ۋاخەي رايۇنى ۋۇ تيەنچېڭ پۈتۈن يۈرۈشلۈك ئاشپۇزۇلى، شەندوڭ ئۆلكىسى ۋېيفاڭ شەھىرى لىنجۈ ناھىيەسى يىجياشىن ساماۋەر شورپىخانىسى، خۇنەن ئۆلكىسى لۇدى شەھىرى لۇشىڭ رايۇنى ياڭشى ئۈگرىخانىسى، لۇدى شەھىرى لۇشىڭ رايۇنى لى جۇڭمىن ئاق شورپا قوي گۆشى ئۈگرىخانىسى.
4. يېمەكلىككە ئەپيۈنگۈل غوزىكى ياكى كۆكنار پاراشۇكى قوشۇش، يېمەكلىك بىخەتەرلىك قانۇنى 34-ماددىسىنىڭ 1-تۈرىدىكى «ئىشلەپچىقىرىش تىجارەتتە ئىشلىتىدىغان غەيرى يېمەكلىك خام ئەشياسىنى ئىشلىتىپ ياسالغان يېمەكلىك ياكى يېمەكلىك مۇئەتتەرىدىن باشقا خىمىيىلىك ماددىلار ۋە باشقا ئادەم بەدىنىنىڭ ساغلاملىقىغا زىيانلىق ماددىلار قوشۇپ ياسالغان يېمەكلىكلەرنى ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىش چەكلىنىدۇ» دېگەن بەلگىلىمىگە خىلاپ، «ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزىدىغان جىنايى ئىشلار دېلولىرىغا تەدبىقلىنىدىغان قانۇنلارغا ئائىت بىرقانچە مەسىلىگە ئىزاھات»(قانۇن ئىزاھاتى، 2013-يىلى 12-نومۇرلۇق)قا ئاساسەن، زەھەرلىك، زىيانلىق يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىش جىنايىتى شەكىللەندۈرگەن بولىدۇ. يۇقارقى يېمەك-ئىچمەك مۇلازىمەت ئورۇنلىرى ئىچىدە 25 ئورۇن جامائەت خەۋىپسىزلىك ئورگانلىرىنىڭ جىنايى ئىشلار بويىنچە دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرىشىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى.
5. ھەرقايسى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ يېمەكلىك دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرى داۋاملىق چوڭقۇر تەكشۈرۈپ ئىسپات ئېلىپ، قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى تېزدىن تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ، قانۇنغا خىلاپ خۇرۇچ قوشۇش قىلمىشلىرىغا قانۇن بويىنچە قاتتىق جازا بېرىپ، قىلمىشى ئېغىرلارنىڭ تىجارەت ئىجازەتنامىسىنى بىكار قىلىش، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنى بىردەك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئورگانلىرىغا تاپشۇرۇپ بېرىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا جامائەت خەۋىپسىزلىك ئورگانلىرى بىلەن زىچ ماسلىشىپ، خۇرۇچ ئورنىدا قانۇنغا خىلاپ ھالدا قوشۇلغان ماددىلارنىڭ كېلىش مەنبەسىنى تېپىپ چىقىپ، ھەرقايسى ھالقىلاردىكى قانۇنسىز جىنايەتچى ئۇنسۇرلارنى قانۇن بويىنچە قاتتىق جازالاش كېرەك. دېلونى تەكشۈرۈپ بىرتەرەپ قىلىش ئەھۋالى 2016-يىلى 19-فېۋرالدىن ئىلگىرى دۆلەت يېمەكلىك دورا نازارەتچىلىك باشقۇرۇش باش ئىدارىسىغا يوللىنىلىدۇ.
6. يېمەك-ئىچمەك مۇلازىمەت ئورۇنلىرى كۈندىلىك تىجارەتتە خام ماتېرىيال سېتىۋېلىش، مال كىرگۈزۈشنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزىۋېلىش، ئىسپات كېنىشكىلىرىنى تەكشۈرۈش قاتارلىق يېمەكلىك بىخەتەرلىك تۈزۈمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سېتىۋالغان بارلىق يېمەكلىك خام ماتېرىيالىنىڭ ئىشەنچىلىكلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. يېمەكلىك دورا نازارەتچىلىك باشقۇرۇش تارماقلىرى ساماۋەر شورپىخانىسى، ئاچچىق-چۈچۈك شورپىخانىسى، مايدا پىشۇرۇلغان توخۇ گۆشى دوكىنى، ئۈگىرخانا قاتارلىق يېمەك-ئىچمەك مۇلازىمەت ئورۇنلىرىغا بولغان نازارەتچىلىك تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، قانۇنغا خىلاپ ھالدا ئەپيۈنگۈل غوزىكى، كۆكنار پاراشوكى قاتارلىق يېمەكلىككە ئىشلىتىلمەيدىغان ماددىلارنى قوشۇش ئەھۋاللىرى بايقالسا قانۇن بويىنچە قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.
7. دۆلەت يېمەكلىك دورا نازارەتچىلىك باشقۇرۇش باش ئىدارىسى كەڭ ئىستېمالچىلارنىڭ سەمىگە شۇنى سالىدۇ: يېمەك-ئىچمەك مۇلازىمەت ئورۇنلىرىنىڭ يېمەكلىككە ئەپيۈنگۈل غوزىكى، كۆكنار پاراشوكى قاتارلىق غەيرى يېمەكلىك خام ماتېرىيالى قوشقانلىقىنى بايقىسىڭىز، شۇ يەردىكى يېمەكلىك دورا نازارەتچىلىك ئورنىغا ياكى 12331 قىزىق لىنىيەلىك تېلېفونىغا تېلېفون قىلىپ پاش قىلسىڭىز بولىدۇ.
ئالاھىدە ئۇقتۇرۇش قىلىندى.
![]() |
ئىسمى:panadol
تىپى:بوۋاقلار كۆپ ئىقتىدارلىق دورىسى
مىقدارى:20ml
ئىشلىتىش ئوبيېكتى:1 ئايلىقتىن2 ياشقىچە بولغان بوۋاقلار
ئىشلەنگەن ئورۇن: ئاۋسترالىيە
ئىشلىتىش ئۇسۇلى:
1~3ئايلىق بوۋاقلار 0.6~0.9ml ...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved