شىنجاڭ تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى
خەلقئارالىق سۇ ئۈزۈش بىرلەشمىسىنىڭ ئېلان قىلغان خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە ۋېنگىرىيە پايتەختى بۇداپشىت مېكسىكىنىڭ گۇاداخالارا شەھىرىنىڭ ئورنىنى ئېلىپ 2017-يىللىق دۇنيا سۈ ئۈزۈش لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى ھەمدە دۇنيا سۇ ئۈزۈش ئۇستىلىرى مۇسابىقسسىنى ئۆتكۈزىدىكەن. ھەمدە 2021-يىللىق دۇنيا سۇ ئۈزۈش لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ ئۆتكۈزۈش ھوقۇقىدىن مەھرۇم بولىدىكەن.
گۇاداخالار شەھىرى ئەسلى 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 15-كۈنى 2017-يىللىق دۇنيا سۇ ئۈزۈش لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ ئۆتكۈزۈش ھوقۇقىغا ئېرىشكەن ئىدى. بىراق يېقىندا ئۇلارنىڭ ھۆكۈمىتى مالىيە مەسىلىسى سەۋەبىدىن ئامالسىز بۇ قېتىملىق مۇسابىقە ئۆتكۈزۈش ھوقۇقىدىن ۋاز كەچكەن.
ۋېنگىرىيە زۇڭلىسى ئولباننىڭ دېيىشىچە بۇنداق چوڭ تىپتىكى مۇسابىقىنى ئۆتكۈزۈش ۋېنگىرىيەگە غايەت زور پايدا ئېلىپ كېلىدىغان بولۇپ بۇنىڭ ئىچىدە ئىقتىسادىي پايدىمۇ بار ئىكەن. خەلقئارالىق پەي توپ بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ھورىنھو مارگېرىھون دوكتۇر مۇنداق دەيدۇ:« بۇداپشىت بولسا تەنتەربىيە شەھىرى، سۇ ئۈزۈش تۈرىگە ناھايىتى قىزغىنلىقى بار. ئىككى يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان سۇ ئۈزۈش دۇنيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقسى ۋە دۇنيا سۇ ئۈزۈش ئۇستىلىرى مۇسابىقىسى بۇ شەھەرنىڭ بۇ ئەنئەنىسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەم قىلىدۇ ۋە كۈچەيتىدۇ.»
بۇداپشىت 2013-يىلى 7-ئايدا 2021-يىللىق دۇنيا سۇ ئۈزۈش لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ ئۆتكۈزۈش ھوقۇقىغا ئېرىشكەنىدى. بۇ قېتىم 2017-يىللىق دۇنيا سۇ ئۈزۈش لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ ئۆتوۈزۈش ھوقۇقىغا ئېرىشكەنلىكى ئۈچۈن ئۇلار 2021-يىللىق دۇنيا سۇ ئۈزۈش لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ ئۆتكۈزۈش ھوقۇقىدىن مەھرۇم بولىدۇ.
2015-يىللىق دۇنيا سۇ ئۈزۈش لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى روسىيەنىڭ قازان شەھىرىدە ، 2019-يىلى بولسا كورىيەنىڭ گۇامجو شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved