4-ئاينىڭ 11-كۈنى خەۋىرى. چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان بىر پارچە ھۆججىتىدە كۆرسىتىلىشىچە گوگىل كېلەر ھەپتە گوگىل كۆز ئەينىكى سېتىۋېلىش سىرتقا ئاشكارىلايدىكەن. بىراق بۇ گوگىل كۆز ئەينىكىنىڭ رەسمىي بازارغا چىقىشىدىن دېرەك بەرمەيدۇ.بۇ قېتىملىق ئېچىۋېتىلگەن سېتىش بولسا پەقەتلا بىر قېتىملىق ۋاقىت چەكلىمىسى بار پائالىيەت ئىكەن. ھەمدە بۇ پائالىيەتنى پەقەتلا ئامېرىكا پۇقرالىرىغا تەمىنلەيدىكەن. بۇ خەۋەر گوگىل ئورگان تەرەپنىڭ دەلىللىشىگە ئېرىشكەن.
گوگىل مۇنداق ئېلان قىلغان: كېلەر سەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا پۇقرالىرىغا ئوچۇق ھالدا گوگىل كۆز ئەينىكى سېتىلىدۇ. سېتىلىش باھاسى 1500 ئامېرىكا دوللىرى. سېتىلىش ۋاقتى 4-ئاينىڭ 15-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9 دا باشلىنىدۇ. پەقەت شۇ كۈنى سېتىۋېلىش بىلەنلا چەكلىنىدۇ.
گۇگىل ئورگان تەرەپ مۇنداق دەپ بىلدۈرگەن: ھازىرچە گوگىل كۆز ئەينىكىنىڭ ماتېرىيال مەنبەسى كۆپ ئەمەس. شۇڭا پەقەت مۇشۇنداق ۋاقىت چەكلىمىسى بار پائالىيەت ئارقىلىق سېتىش ئۇسۇلىنى قوللاندۇق. گوگىل كۆز ئەينىكىنى سېتىۋالغۇسى بار خېرىدارلار ئالدىن گوگىل تور بېكىتىگە كىرىپ تىزىملاتسا بولىدۇ.
ۋاڭيى تورى خەۋىرى، لەگلەك تورى تەرجىمىسى
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قوشىۋېلىڭ——ئىزدەش نامى LEGLEK
![]() |
بېيجىڭ شەھىرى خەيديەن رايونى دۆلەتلىك تۇنجى تۈركۈمدىكى ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى قاتارىغا كىردى。
جىڭخۇا ۋاقىت گېزىتىنىڭ خەۋىرى. تۈنۈگۈن، جۇڭگو ھۆكۈمەت ...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved