شىنخۇا تورى، ئۈرۈمچى، 27-ئاپرېل تېلېگراممىسى: شىنجاڭ تەڭرىتېغىنىڭ شىمالىدىكى ئۈرۈمچى، سانجى، شىخەنزە شەھەرلىرىدە، شۇنداقلا تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبىدىكى خوتەن، قەشقەر ۋىلايەتلىرىدە 27-ئاپرېل ئوخشىمىغان دەرىجىدە چاڭ-توزانلىق ھاۋارايى كۆرۈلدى. مېتېئورولوگىيە تارماقلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ بۇ يىل كىرگەندىن بۇيانقى دائىرىسى ئەڭ كەڭ ۋە ئەڭ قاتتىق كۆرۈلگەن چاڭ-توزانلىق ھاۋارايى ئىكەن. ئۈرۈمچى مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت توققۇزلاردا چاڭ-توزانلىق ھاۋارايىدىن مۇداپىئەلىنىش سېرىق رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى تارقاتتى ۋە «كۈندۈزدە قىسمەن جايلاردا كۆرۈش ئارىلىقى 100 مېتىرغا يەتمەيدىغان چاڭ-توزانلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدۇ، كىشىلەر بۇنىڭدىن مۇداپىئەلىنىشكە دىققەت قىلىشى زۆرۈر» دەپ ئەسكەرتتى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved