1. تىرناق چىشلەش
ئەگەر سىزدە قورقۇنۇچلۇق فىلىم كۆرۈۋېتىپ ھاياجان يۇقۇر پەللىگە چىققاندا ئىختىيارسىز ھالدا تىرنىقىڭىزنى چىشلەيدىغان سەت قىلىق بولسا ۋاقتىدا ئۆزگەرتىڭ. چۈنكى بۇ خىل ئادەت ئېغىز بوشلىقىمىزدىكى بىر قىسىم باكتىرىيەلەرنىڭ ئېغىز ئەتىراپىدىكى تېرە ھۆجەيرىلىرىگە زىيان سىلىش بىلەن بىرگە تىرناقتىكى باكتىرىيەلەرنىڭ ئېغىز بوشلۇقىمىزغا كۆچۈپ كىرىشىگە شارائىت ھازىلايدۇ ھەم چىش ۋە نەپەس يولى ياللۇغى پەيدا قىلىدۇ.
2. چاچ دەزماللاش (拉扯)
گۈزەللىك ئىستىگۈچىلەرگە نىسپەتەن دائىم چاچقا دەزمال سېلىش ئانچە چوڭ ئىش ئەمەس. لېكىن دائىم چاچقا دەزمال سېلىش باش تېرىسىگە نىسپەتەن مۇئەييەن زىيان ئىلىپ كىلىش بىلەن بىرگە مەزگىللىك ياكى مەڭگۈلۈك چاچ چۈشۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۈمكىن. دائېملىق چاچنى دەزماللاش ھەتتا بىر خىل پىسخىكلىق كىسەللىك دەپمۇ قارىلىدىغان بولۇپ، پىسخىكىلىق داۋالاش ياكى دورا ئىستىمال قىلىش ئارقىلىق داۋالىنىش كېرەك.
3. بويۇن تولغاش
ئادەتتە ئوغۇللاردا كۆپ كۆرۈلىدىغان بولۇپ بىر قىسىملىرى ھوللىۋودنىڭ فىلىملىرىدىكى قەھىرمانلاردىن دوراپ قىلسا بىر قىسىملىرىمىز راھەت ھېس قىلغان دائىم بويۇن تولغايمىز. شەخشەن كەمىنىمۇ كومپىيۇتېر ئالدىدا كۆپ ئولتۇرۇپ چارچىغاندا بويۇنلىرىمىنى تولغاپ غاراس-غۇرۇس چىققان ئاۋازلاردىن ھوزۇرلۇنۇپ كېتىمەن. لېكىن مىدىتسىنادا بۇ خىل ئادەت چەكلىنىدىغان بولۇپ ئۇزۇن مەزگىل داۋاملاشتۇرغاندا بويۇن ئومۇرتقىسى ئەتىراپىدىكى پەي ۋە كىچىك بوغۇملارنى زەخىملەندۈرىدۇ. ئەلۋەتتە بۇ دەل بوغۇم ياللۇغىغا گىرىپتار بولۇشنىڭ يىتەرلىك سەۋەبى بولالايدۇ. ئاز ۋاقىتلاردا بويۇن قىسىمنىڭ زەخىملىنىشى سەۋەب سەكتە بولۇشنىمۇ كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
4. يۈزىنى سىلاش
ئەمدىغۇ يۈزىمىز ئۆزىمىزنىڭ بوغاندىكىن سىلاپ قويىمىز مەسلىكىمىز كېلىپ. ھەتتا كۆپ ھاللارغا يۈز تېرىسىنى سىلاپ بېرىش قان ئايلىنىشقا پايدىلىق دەپمۇ قويىدۇ(ئۆزەمچە). لېكىن ما مىكرو قاراشلارغا ئاساسلىنىپ باھا بەرگەندە يۈز تېرىسى ئىنتايىن نىپىز بولىدۇ. دائىم يۈز تېرىسىنى سىلاۋەرگەندە ياكى دانىخورەك دىگەندەكلەر بىلەن ئىتىشىۋەرگەندە يۈز تېرىسىنى زەخىملەندۈرۋالىمىز. قاناپ كەتكەن ياكى يىڭى يارا تۇتقان يەرلەر بولسا ئەڭ ياخشىسى تولا ئىتىشماڭ. بەك قىچچىشىپ كەتسە دورىلىق سۇيۇقلۇقلار بىلەن دېگزىنفىكسىيەلەپ قويۇڭ.
5. چىش غۇچۇرلىتىش
ئادەتتە چىشىمىزنى چىڭ چىشلىگەندە ياكى غۇچۇرلاتقاندا بىسىم ئارتىپ كەتسە ئاسانلا ئېغىز بوشلۇقى سالامەتلىكىگە تەسىرى يىتىدۇ. چىش يېرىلىش ياكى دەز كېتىشى ئىنىق. مىدىتسىنا نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا بۇ خىل ئەھۋالدا يەنىلا مۇنتىزىم داۋالاش ئارقىلىق چىش تاجىسى ۋە جىش يىلتىزىگە نىسپەتەن ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىلىپ بېرىش كېرەك. سەل قارالسا ياكى داۋاملىق شۇنداق قىلىۋەرسە ئاستىنقى ئىڭەك بوغۇملىرىنىڭ زەخىمگە ئۇچۇرشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. كىشىلەرنىڭ چىش غىچىرلىتىشى ئادەتتە يۇقىرى بىسىم پەيدا قىلغان ئنكاس بولۇپ، ئەمما كۆپ ھالدا چىش غىچىرلىتىش يەنىلا كىسەللىك ئالامىتى ھېسابلىنىدۇ. مەسلەن چىش رېتىمسىزلىقى ياكى زەخىملىنىشى دىگەندەك. يىغىپ ئېيتقاندا بۇ خىل ئادەتكە سەل قارىماق ۋاقتىدا داۋالىتىش لازىم.
6. كەمپۈت يىيىش
سۈت كەمپۈت ھەققىدە دىمەيلى. ئادەتتە قاتتىق كەمپۈتلەرنى يىگەندە چىش يۈزىدە قالغان كەمپۈي قالدۇقى قۇرت يىيىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. چۈنكى كەمپۈت قالدۇقى چىش باكتىرىيەلىرىنى ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلەپ چىش چىرىتىشكە بەلگىلىك شارائىت ھازىرلاپ بېرىدۇ. ئەلۋەتتە يۇقۇردا ئېيتىلغان بايانلارغىن كۆرە كەمپۈتنى كۈچەپ چىشلەش چىش زەخىملىنىشنىمۇ كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۈمكىين.
![]() |
بالىلار نېمە سەۋەبتىن ‹‹ياغاچ قۇلاق›› بولۇپ قالىدۇ
مەريەمگۈل ئىمىت
بىر قىسىم ئاتا–ئانىلار بالىلىرىنى ‹‹گەپ ئاڭلىمايدىغان›› بولۇپ قالدى دەپ قاقشاپلا يۈرىدۇ. بەزى ئاتا–ئانىلار ئەتىدى...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved