ئامېرىكا ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىدىن قايمۇقۇپ قالدى

‏گېرمانىيە 1-سېنتەبىر ئىراقتىكى كۇرت رايونىغا قورال جابدۇق ياردەم بېرىشنى جاكارلىغاندىن كېيىن، ئەسەبىي ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىنىڭ ھۇجۇمىغا قارشىلىق كۆرسەتكەندىن كېيىن، چېخ ھۆكۈمىتى 3-سېنتەبىر ئىراققا L159 بەلگىلىك 15 ھۇجۇمچى ئايروپىلان سېتىپ بېرىشنى تەستىقلىدى. 2-سېنتەبىر فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ھوللاندى بىلەن ئىراق زۇڭتۇڭى مەنسۇر تېلېفونلىشىپ: ئۆزلىرىنىڭ ئىراقنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسىگە ئالاقىدار بىر خەلقئارالىق يىغىننى بالدۇرراق ئېچىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

 


ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتىنىڭ تەھدىتىگە قارىتا، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ پوزىتسىيىسى روشەنكى باش رول ئويناۋاتقان ئامېرىكىدىن تېخىمۇ ئاكتىپ بولدى. ئامېرىكا بۇ مەسىلىدە بۈگۈنگىچە يەنىلا بىر قارارغا كېلەلمىدى. 4-سېنتەبىر ئاق سارايدا ئۆتكۈزۈلگەن قەرەللىك مۇخبىرلار يىغىنىدا، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما: ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى ئىراق، سۇرىيە قاتارلىق جايلارغا داۋاملىق تەھدىت سالماقتا، لېكىن ئامېرىكا ھازىرغىچە بۇنىڭغا ياخشى تاقابىل تۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى قوللانمىدى دېدى. بۇ سۆز ئامېرىكىنىڭ ھەر قايسى ساھەسىدە غۇلغۇلا پەيدا قىلدى. گەرچە ئوباما ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتىنىڭ شىددەتلىك ھۇجۇمى ئاستىدا، نائىلاج يەنە 350 ھەربىي خادىمنى ئىراققا خادىملىرى ۋە ئەسلىھەلىرىنى قوغداشقا ئەۋەتكەن بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا تېخىمۇ ئېنىق ۋە مۇكەممەل بولغان ئىستراتېگىيەلىك پىلاننى چىقارمىدى.

 


ئىراقتىكى تېررورلۇققا قارشى كۆرەشتە، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئامېرىكىدىن سەگەكرەك قىلاتتى، بۇنداق بولۇشتىكى سەۋەب ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتىنىڭ كەلتۈرگەن زىيىنىغا بولغان تونۇشىنىڭ تېخىمۇ ئېنىق بولغانلىقىدا، ئۇلار جۇغراپىيە جەھەتتە بىر قەدەر يېقىن بولغان ئوتتۇرا شەرقتىكى تېررورچىلىق ئۇرۇشىنىڭ ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا يامراپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىدۇ. جۇغراپىيەلىك ئورۇن جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئىراقنىڭ ئوتتۇرا شەرق رايونى ياۋروپانىڭ ئاسىياغا تۇتۇشىدىغان دەرۋازىسى بولۇپ ئەزەلدىن ھەربىي ئىشلاردا مۇھىم ئورۇندا تۇرۇپ كەلگەن. ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىدىكى پېشقەدەم كېڭەش پالاتا ئەزاسى جون ماككائىننىڭ تەسۋىرىدىكى ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى تارىختىن بۇيانقى كۆلىمى ئەڭ چوڭ، بايلىقى مول بولغان تېررورلۇق تەشكىلاتى بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ رايوننىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سېلىشىغا ھەرگىز سەل قاراشقا بولمايدۇ. ئىراق بىلەن ياۋروپانىڭ ئارىلىق يېقىنلىقى تېخىمۇ كەڭ ۋە ئومۇميۈزلۈك ئەندىشە قوزغايدۇ.


‏ئىقتىسادى جەھەتتىن قارايدىغان بولساق، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر ياۋروپا قەرز كىرزىسىنىڭ خەتىرىدىن ئەمدىلا قۇتۇلدى، ھازىرغىچە تېخى پۈتۈنلەي ئەسلىگە كېلىپ بولالمىدى. لېكىن بۇ قېتىمقى كىرىزىستا ئىپادىسى بىر قەدەر ياخشى بولغان گېرمانىيە، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئىقتىسادىنىڭ تۈۋرۈكىگە ئايلاندى. ئۇ ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ باشقا ئەزالىرى ۋە ئەتراپتىكى دۆلەتلەرگە نىسبەتەن غايەت زور جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە، شۇڭا گېرمانىيە زور تۈركۈم چەتئەللىك ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىپلا قالماستىن شۇنىڭ بىلەن بىرگە شىمالىي ئافرىقا ۋە ئوتتۇرا شەرق رايونىدىن كەلگەن مۇساپىرلارنىمۇ جەلپ قىلدى، يېقىندىن بۇيان، ئوتتۇرا شەرق رايونىدا ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىۋاتقان داۋالغۇش مۇساپىرلارنىڭ ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا يۆتكىلىشىدەك ۋەزىيەتنى يەنىمۇ ئېغىرلىتىۋەتتى.

 


سۇرىيەدە كىرىزىس پارتىلىغاندىن كېيىن، نۇرغۇن مۇساپىر ئەتراپتىكى دۆلەتلەرگە كىردى، بۇ يىل ئاپرېلدا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار مەھكىمىسى: سۇرىيەدە توقۇنۇش پارتىلىغاندىن بۇيان، لىۋانغا قېچىپ بارغان ۋە مۇساپىرلار مەھكىمىسى ئەنگە ئالغان سۇرىيەلىك مۇساپىرلارنىڭ سانى بىر مىليون 14 مىڭغا يەتتى دەپ جاكارلىدى. ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى بىر قاتار كىرزىسلار پەيدا قىلغان تاشقى تەسىرلەرنىڭ بىرى زور بولغان مۇساپىرلار دولقۇنى بولۇپ ، ئۇ ئەتراپىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئىجتىمائىي، بىخەتەرلىك قاتارلىق جەھەتلىرىگە ئېغىر زەربە ئېلىپ كەلدى. ناۋادا ھازىر ئىراق دائىرىلىرى بۇنى ئۈنۈملۈك كونترول قىلمىسا، ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى ئىيوردانىيە ياكى لىۋان قاتارلىق مۇساپىرلارنى بىر قەدەر كۆپ قوبۇل قىلغان دۆلەتلەرگە ھۇجۇم قىلسا، تېخىمۇ چوڭ مالىمانچىلىق پەيدا بولىدۇ، بۇنىڭ بىلەن تېخىمۇ كۆپ مۇساپىر ياۋروپا رايونىغا يۆتكىلىدۇ. بۇنداق ئاقىۋەتنى ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا ھەر قانداق بىر دۆلەت كۆرۈشنى خالىمايدۇ.

 


لېكىن ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئامېرىكىنىڭ ئىراققا قاراتقان ئىستراتېگىيەسى يەنىلا بىر قەدەر تومتاق. ئوباما 6 يىل ئىلگىرى زۇڭتۇڭ بولغان ۋاقىتتا، ئامېرىكىنىڭ بىر مەيدان قىممەت باھالىق، كىشىلەر قەلبىنى مايىل قىلالمىغان ئۇرۇشنى ئاياغلاشتۇرىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەن ئىدى. لېكىن ئىراق ۋەزىيىتى ئۇنىڭ ئويلىغىنىدەك بولمىدى. يېڭى تېررورلۇق ئامېرىكىنى ئۆزى بىر قوللۇق پەيدا قىلغان يەنە كېلىپ ئەڭ يىرگىنىشلىك پاتقاققا قايتۇرۇپ ئەكىردى. ئامېرىكىنىڭ سابىق دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى ھىلارى كىلىنتون ئوبامانى بەكلا ئېھتىياتچان بولۇپ كېتىپ، سۇرىيە چېگراسى ئىچىدىلا تېررورلۇق تەشكىلاتى ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتىنى يوقىتىدىغان ئەڭ ياخشى پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويدى دەپ تەنقىدلىدى.



خەتكۈچلەر:
08-09-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 6-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى،     ئامېرىكىنىڭ قاتاردا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دانا سىچېل (Dana Schell) شۇ جاي ۋاقتى 9-چىسلا ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ قاتارنى ھاقارەتلەش قى...
11-06-2016
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:    ئارگېنتىنا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 9-ئىيۇن ئاخبارات ئېلان قىلىپ، مالۋىناس تاقىم ئاراللىرىغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى قايتا تەكىتلىدى ھەمدە ئەنگلىيەنىڭ بۇ ئارالنىڭ تەۋە...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، پاكىستان ھەيدەرئاباد، شۇ كۈنى پاكىستاننىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا ئامېرىكىغا قارشى كۈچ كۆرسىتىش نامايىشى پارتلىغان بولۇپ، پاكىستان پۇقرالىرى ئامېرىكا دۆلەت بايرىقىنى كۆيدۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ پاكىستاندا ...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     شۇ جاي ۋاقتى 6- ئاينىڭ 10- كۈنى پاكىستاننىڭ سېند ئۆلكىسىنىڭ كاراچى شەھىرىدىكى بىر مەسچىتنىڭ چوڭ سايۋىنى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، بەش ئادەمنىڭ قازا قىلىشى ۋە ...
11-06-2016
پايدىلىنىش ئۇچۇرلىرى تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىللاردا مېكسىكا ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شىتاتىغا كىرىدىغان جۇڭگولۇق قانۇنسىز كۆچمەنلەر شىد...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى زاخاروۋا شۇ جاي ۋاقتى 10- ئىيۇن مۇنداق دېگەن: رۇسىيە ئۈچىنچى بىر تەرەپنىڭ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىگە قول تىقىشىنىڭ ۋەزىي...
10-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى، كامبودژا فنوم پېن، شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرى يۈزىگە چىرايلىق ھەم قېنىق پەرداز قىلىپ، جىن-شاياتۇنلارنى قوغلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم ئاغرىق-سىلاقتىن يىراق تۇرۇشىنى شۇنداقلا مول-ھوسۇل...
30-05-2016
شىنخۇا تورى 23- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: 2015- يىلى سەئۇدى ئەرەبسىتان ئاسىيا قىتئەسىدىكى دۆلەتلە...
Powered by Leglek