ئابىشىنزونىڭ خيالى ياپونىيەنى بەخت سائادەتكە ئېرىشتۈرەلمەيدۇ

يېقىندا، ئابىشىنزو كابىنتى كوللېكتىپ قوغدىنىش ھوقۇقىنى مەنئىي قىلىشنى بىكار قىلىش قارارىنى ماقۇللىدى. ياپونىيە پارلامېنتى بۇ قارارغا ئاساسەن«قوغدىنىش قانۇنى»، «ئەتراپ ۋەزىيىتى قانۇنى» غا تۈزىتىش كىرگۈزگەندىن كېيىن، قوغدىنىش قىسمى چەتئەلگە ئەسكەر ئەۋەتىش رۇخسىتىگە ئېرىشەلەيدۇ.


بۇ 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ياپونىيەنىڭ ھەربىي ئىشلار بىخەتەرلىك سىياسىتىدىكى زور بۇرۇلۇش، شۇنداقلا ياپونىيە ئۇرۇشتىن كېيىنكى سېستىمىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچراشتىن قۇتۇلۇپ نورمال دۆلەت نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ماڭغان ئاچقۇچلۇق قەدەم. ئابىشىنزونىڭ بۇ قاراملىقى ئەتراپتىكى دۆلەتلەرنىڭ بىرلىشىپ توسقۇنلۇق قىلىشىغا ئۇچرىدى. ئۇنىڭ ئىشقا ئېشىشى تەس.


ئابىشىنزونىڭ كوللېكتىپ قوغدىنىش ھوقۇقىنى مەنئىي قىلىشنى بىكار قىلىشىنىڭ ئارقىسىدا باشقا دۆلەتلەر بىلەن تەڭ ئورۇنغا ئىگە بولۇپ، ياپونىيەنىڭ ئىلگىرىكى شان شەرىپىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەقسىتى بار. ئابىشىنزو تەختكە چىققاندىن كېيىن ياپونىيە قايتىپ كەلدى، ياپونىيە ھەرگىز 2- سەپتىكى دۆلەت بولمايدۇ، ياپونىيە ئىقتىساد جەھەتتە ئاسىياغا رەھبەرلىك قىلىپلا قالماستىن، بىخەتەرلىك ساھەسىدىمۇ ئاسىياغا رەھبەرلىك قىلىدۇ دەپ جار سالدى. ئەمما، كوللېكتىپ قوغدىنىش ھوقۇقىنى مەنئىي قىلىشنى بىكار قىلىش ئارقىلىق، قوغدىنىش قىسىمىنى چەتئەلگە بېرىپ قورالىنى ئوينىتىپ ھەيۋە قىلىشى ھەقىقەتەن ئېلىشىپ قالغانلىق. جۇڭگو، ھىندىستان قاتارلىق ئاسىيادىكى يېڭىدىن باش كۆتۈرىۋاتقان ئىقتىسادىي دۆلەتلەرنىڭ گۈللىنىشى ياپونىيەنىڭ ئەينى يىللىرى خەلقئارادا ئاسىياغا ۋەكىللىك قىلىدىغان ياخشى چاغلىرىنى كەلمەسقە كەتكۈزۋەتتى. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدىن بۇيان، ياپونىيە ئىلگىرى كېيىن بولۇپ 10 يىل، 20 يىلنى كەتكۈزۈپ قويدى، ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ دۇنيادىكى ئىگىلىگەن نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى پەللىگە يەتكەن 1995-يىلىدىكى %17.7 تىن نۆۋەتتە %8 كە چۈشۈپ، جۇڭگونىڭ يېرىمىغىلا توغرا كەلدى. نەچچە يىلدىن كېيىن ھىندىستانمۇ ئۇنىڭدىن ئېشىپ كېتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ياپونىيەنىڭ ئىقتىسادىي ئىستىمال ئاجىزلىشىش، يېڭىلىق يارىتىش يېتەرسىز بولۇشتەك قۇرۇلمىلىق مەسىلىلەرگە يولۇقماقتا، شۇڭا دۇنيا ئىقتىسادىدىكى 1- پەلەمپەيدىكى ئورنىنى داۋاملىق ساقلىشى ئىنتايىن تەس. ئابىشىنزونىڭ تەختكە چىققاندىن كېيىن بىر قەدەر يۇقىرى قوللاش نىسبىتىنى ساقلىشىدىكى سەۋەپ ياپونىيە خەلقىنىڭ ئۇنىڭ سىياسىيى قارىشىنى قوللىغانلىقىنى چۈشەندۈرمەيدۇ، بەلكى ئاممىنىڭ ئىقتىسادنىڭ بىر ئىزدا توختاپ قېلىش ۋەزىيىتىنى بۇزۇپ تاشلاش ئۈمىدىدىن بولغان. ھالبۇكى، ئۇ باش ۋەزىرلىك ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇپ ئېلىپلا ئابىشىنزونىڭ ئىقتىساد ئىلىمىنى ئابىشىنزونىڭ ھەربىي ئىلمىغا ئالماشتۇردى، ھەمدە ھەربىيلەشتۈرۈشنى تېزلىتىش يولىدا مېڭىشقا ئالدىراپ كەتتى. ئابىشىنزو رۇشەنكى بۈگۈنكى دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى رىقابىتىنى ئۇنتۇپ قالغاندەك قىلاتتى، ئەمەلىيەتتە ئەڭ مۇھىم باھا ئاساسەن ئىقتىساد بولۇپ ھەربىي ئىشلار ئەمەس ئىدى. ئۇنىڭ بۇ ئۇسۇلى بويىچە ياپونىيەنىڭ ئىلگىرى شان شەرىپىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بۇياقتا تۇرسۇن ياپونىيەنىڭ ئازغىنە ئۈستۈنلۈكىمۇ تەدرىجى يوقايدۇ.

 

ئابىشىنزو ۋە ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ كوللېكتىپ قوغدىنىش ھوقۇقىنى مەنئىي قىلىشنى بىكار قىلىشى ئامېرىكىنى دورىغانلىق، ئاسىيادا بىخەتەرلىك ساقچىسى بولۇش غەرىزىدە بولغانلىق، ئەمما ئوچۇق قىلىپ ئېيتقاندا، ئۇنىڭ قاراملىقى ئەمەلىي كۈچى بىلەن ماس كەلمەيدۇ. ئابىشىنزو تەختكە چىققاندىن كېيىن ياپونىيەنىڭ مۇداپئە ھەققىنىڭ ئۇدا 13 يىل قىسقىراش ۋەزىيىتىگە خاتىمە بەردى، 2013-يىلى %0.8، 2014-يىلى %2.8 ئاشتى. تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر ئىچىدە، ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مالىيە ئەھۋالى ئەڭ ناچار. 2013-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە ياپونىيەنىڭ زايوم قالدۇق سوممىسى 1 تىرلياد ياپونىيە يېنىدىن ئېشىپ، ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئىككى ھەسسىگە توغرا كەلدى. كەلگۈسىدە ئابىشىنزو كابىنتى ھەربى ساھەگە سېلىنىدىغان مەبلەغنى كۆپەيتمەكچى بولسا، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 60-70- يىللىرىدىكى ئىككى خانلىق سان بىلەن ئېشىش ۋەزىيىتىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى تەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە ياپونىيەدىكى قېرىلىشىش ۋەزىيىتى كۈنسېرى ئېغىرلاشماقتا، ئەمگەك كۈچى كەمچىل بولۇش ۋەزىيىتى ئۇزاق مۇددەت داۋاملاشتى. گەرچە قوغدىنىش قىسمىنىڭ ئوفىتسىر ئەسكەرلىرىنىڭ نىسبىتى ئىنتايىن يۇقىرى، كەڭ كۆلەمدە كېڭەيتىش شەرتى ھازىرلانغان بولسىمۇ، ئەمما قوغدىنىش قىسمى بۇ بىر نەچچە يىلدىن بۇيان بۇنىڭغا رازى بولمىدى. چەكلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ياپونىيەدىكى ئاز بىر قىسىم ئۇرۇش تەلۋىلىرىگە نىسبەتەن زور توسالغۇ بولىشى مۈمكىن.


ياپونىيە قوغدىنىش قىسمى 1954 –يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى قۇرۇلغان. ئابىشىنزو كوللېكتىپ قوغدىنىش ھوقۇقىنى مەنئىي قىلىشنى بىكار قىلىش ئارقىلىق كوللېكتىپ قوغدىنىش قىسمىنىڭ 60 يىللىقىغا بىر ئېسىل سوۋغا تەقدىم قىلىش خىيالىنىڭ ئاخىرىدا ئۆز پۇتىغا ئۆزى پالتا چاپقانلىق بولۇشىنى ئويلاپ باقتىمۇ يوق؟



خەتكۈچلەر:
08-07-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
30-05-2016
شىنخۇا تورى 23- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: 2015- يىلى سەئۇدى ئەرەبسىتان ئاسىيا قىتئەسىدىكى دۆلەتلە...
30-05-2016
     شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 28-كۈنى، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى كىشىلەر كوچىلارغا چىقىپ، <ئاتلانتىك ئوكيان ھالقىغان سودا ۋە مەبلەغ سېلىش شېرىكلىك مۇناسىۋەت كېلىشىمى> (TTIP) شۇنداقلا ھۆكۈمەتنىڭ مالىي...
28-05-2016
    شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ياپونىيە خىروشىما تىنچلىق باغچىسىغا يېتىپ بېرىپ، تىنچلىق باغچىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
28-05-2016
    رۇسىيە NTV تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەنگلىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە، كانادا، ئامېرىكا، فرانسىيە ۋە ياپونىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يەتتە دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ باشلىقلىرى پەقەت رۇسىيە مىنسكى كېلىشىمىنى تولۇق ئىجرا قى...
28-05-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولدى.
28-05-2016
      شۇ يەر ۋاقتى 27-ماي، ئامېرىكا كالفورنىيە شىتاتى سانتىياگو، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتى ترامپ سانتىياگودا سايلام يىغىلىشى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، شۇ جايدىكى خەلق ئاممىسى قولىدا تاختىلارنى كۆت...
28-05-2016
شىنخۇا تورى 28- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     چاۋشيەن مەركىزى ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، چاۋشيەن خەلق ئارمىيەسىنىڭ ئەڭ ئالىي قوماندانى مۇنداق دېگەن: شۇ كۈنى كورىيە ئارمىيەسى چاۋشيەننى...
28-05-2016
يەر شارى تورى 28- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ۋېيتنام تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ۋېيتنام ھۆكۈمىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى 22 دۆلەت ۋە رايوندا تۇرۇشلۇق 80 دىن ئارتۇق ۋېيتناملىقىنى نەنشا تاقىم ئارى...
28-05-2016
ۋاڭيى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنىتلىقىنىڭ 27-ماي ئېيتىشىچە، جەنۇبىي ئوسېتىيەنىڭ رەھبىرى تىبىلوۋ ۋە پارلامېنىت رەئىسى بىبىلوۋ 26-ماي جەنۇبىي ئوسېتىيە 2017-يىلى رۇسىيەگە قوشۇلۇشقا ئوم...
27-05-2016
     5-ئاينىڭ 26-كۈنى، گىرېتسىيە بىلەن ماكېدونىيەنىڭ چېگرىسىدىكى كىچىك كەنت ئىدومېنى. مۇساپىرلار بۇ يەردىن ئايرىلىش ئۈچۈن ئاپتوبۇسنىڭ كېلىشىنى كۈتمەكتە. 24-مايدىن باشلاپ، گىرېتسىيە ساقچى تەرەپ، رەسمىي ھالدا گىرېتسىيە-...
Powered by Leglek