جاھان ئاگېنتلىقى 22-فېۋرال خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: يەمەندە پرېزىدېنت ئابدۇرەببۇ مەنسۇر ئەل ھادى شىئە قۇراللىقلىرى تەرىپىدىن ئۆيدە قامالدا تۇرغاندىن كېيىن يەمەننىڭ جەنۇبىدىكى ئەدەن رايۇنىغا كەتكەن بولۇپ، ئۇنىڭ جىيەنىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ئېنىقلاندى. پرېزىدېنتقا يېقىن بولغان مەنبەلەردىن ئىگەللىگەن خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا شىئە ئەنسارۇللاھ ھەرىكىتى «ھۇسىيلەر»گە تەۋە قۇراللىقلار پرېزىدېنت ھادىنىڭ ئوغۇل بىر تۇققىنىنىڭ ئوغلى ناسىر ئەھمەد مەنسۇرنى تۇتقۇن قىلدى. ناسىرنىڭ پرېزىدېنت ھادى ئەدەن رايۇنىغا بېرىش ئۈچۈن يولغا چىققان جەرياندا تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ئېنىقلاندى ، ئەمما بۇ ھەقتە تەپسلى مەلۇمات بېرىلمىدى.
يەمەندە «ھۇسىيلەر» نىڭ قامىلى ئاستىدا تۇرىۋاتقان پرېزىدېنت ھادى تۈنۈگۈن قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن پايتەخت سەنئادىن ئايرىلىپ يەمەننىڭ جەنۇبىدىكى ئەدەن رايۇنىغا كەتكەن ئىدى، ھادىينىڭ سەنئادىكى ئۆيى «ھۇسىي» شىئە قۇراللىقلىرى تەرىپىدىن ئوققا تۇتۇلغان ئىدى. پرېزىدېنت بۇنىڭدىن بۇرۇن ئىستىپا بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇ ئەدەن رايۇنىدا؛ پرېزىدېنت نامىنى قوللىنىپ يازغان يازما باياناتىدا، «شىئە ئەنسارۇللاھ ھەرىكىتى «ھۇسىيلەر»نىڭ يەمەن پايتەختى سەنئادا كونتروللۇقنى قولغا ئالغان 21-سىنتەبىردىن بۇيان چىقىرىلغان قارارلارنىڭ ھىساب ئەمەسلىكىنى» ئېيتتى.
![]() |
پىرېزىدېنت تۈزۈمى
پىرېزىدېنت تۈزۈمىنىڭ تۆت ئالاھىيدىلىك بار: بىرىنچى، پىرېزىدېنت دۆلەت تۈزۈمىنىڭ شۇنداقلا ھۆكۈمەتنىڭ باشلىقى، مەمۇرىي ھوقۇقنى قولىدا تۇتۇپ، ئۈچ خىل ئارمىيەنى باشقۇرىدۇ.
ئىككىنچى،...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved