دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 5-فېۋرال كېلىشىۋالغىنى بويىچە ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما بىلەن تېلېفونلاشتى. ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى ئۆزئارا بىر-بىرىگە چاغانلىق سالام يوللىدى ۋە بەخت تىلىدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئۆتكەنكى بىر يىلدا، ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدە مۇھىم ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە، جۇڭگو-ئامېرىكا ئىككى دۆلەت ھەمكارلىققا مۇھتاج بولۇپ، ھەمكارلىشايدىغان ئىشلار ئىنتايىن كۆپ. جۇڭگو تەرەپ ئامېرىكا تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خەلقئارا، رايون، يەرشارى مەسىلىلىرىدىكى ماسلىشىش ۋە چۈشىنىشنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ داۋاملىق ساغلام، مۇقىم تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.
ئوباما مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگونىڭ دېھقانلار كالېندارىدىكى يىڭى يىل يېتىپ كېلىش ھارپىسىدا رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن تېلېفونلاشقانلىقىمدىن خۇشالمەن، ئامېرىكا-جۇڭگو مۇناسىۋىتىدە يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئۈمىد قىلىمەن. ئىككى تەرەپ داۋاملىق قول تۇتۇشۇپ بىرلىكتە تىرىشىپ، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تىنچلىق، بىخەتەرلىك، ئورتاق گۈللىنىشنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. ئامېرىكا تەرەپ چاۋشيەن تەرەپنىڭ يەنە يادرو سىنىقىغا ھەمدە قويۇپ بېرىش ھەرىكىتىنى جاكارلىغانلىقىغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلمەكتە. خەلقئارا جەمئىيەت ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، بۇ ۋەزىيەتكە ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئامېرىكا تەرەپ بۇ توغرىسىدا جۇڭگو تەرەپ بىلەن ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: نۆۋەتتە، يېرىم ئارال ۋەزىيىتى مۇرەككەپ ۋە كەسكىن. جۇڭگو تەرەپ يېرىم ئارالنى يادروسىزلاشتۇرۇش نىشانىدا چىڭ تۇرۇپ، سۆھبەتلىشىش، كېڭىشىش ئارقىلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، يېرىم ئارالنىڭ تىنچلىق ۋە مۇقىملىقىنى قوغداشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. بۇ ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ تۈپ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن. جۇڭگو تەرەپ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئالاقىدار قارار ۋە خەلقئارا يادرو كېڭەيتمەسلىك سىستېمىسىنى قوغدىغانلىقىغا ئاپىرىن ئېيتىدۇ، ئامېرىكا تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ بۇ ھەققىدە چۈشىنىش ۋە ماسلىشىشنى ساقلاشنى خالايدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved